ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن خەۋەر قىلىدۇ: بۇلتۇر، شىنجاڭ 5G يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ پۇختا «تەگلىكى»نى بەرپا قىلدى. بۇلتۇر 11 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 5G ئاساسىي پونكىتىدىن جەمئىي 32 مىڭ 779ى قۇرۇلۇپ، 2021 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %68.2 ساپ ئاشتى. 500M ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوپتىك تالالىق كەڭ بەلباغ ئابۇنىچىلىرىنىڭ سانى 3 مىليون 173 مىڭغا، 1000Mتىن يۇقىرى كەڭ بەلباغ ئابۇنىچىلىرىنىڭ سانى 1 مىليون 367 مىڭغا يېتىپ، 2021 - يىلىنىڭ بېشىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئايرىم - ئايرىم ھالدا %39.5 ۋە %247 ئاشتى.
«نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى مەمۇرىي كەنتلەردە <ھەممە كەنتكە كەڭ بەلباغلىق تور تۇتاشتۇرۇش> ئىشقا ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز <ھەممە ناھىيەگە 5G تورىنى تۇتاشتۇرۇش> <ھەممە شەھەرگە 1000 مېگابايتنى تۇتاشتۇرۇش>نى ئارقا - ئارقىدىن ئىشقا ئاشۇردى» دەپ بىلدۈردى شىنجاڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۇچۇر خەۋەرلىشىش تەرەققىيات باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى.
5G تورى قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز يۇقىرى نۇقتىدىن تۈرتكە بولۇپ، خەۋەرلىشىش كارخانىلىرىنىڭ 5G يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشىنى سىياسەت جەھەتتىن پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىدى. ھازىر، شىنجاڭدا ھەر 10 مىڭ كىشىگە توغرا كېلىدىغان 5G ئاساسىي پونكىتى سانى 12.66 بولۇپ، بارلىق ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ شەھەر رايونى، ناھىيە بازىرى رايونى ۋە %97.2 يېزا - بازارنىڭ بازار رايونىنى 5G تورى بىلەن قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، رەقەملىك شىنجاڭ ئاساسى يەنىمۇ پۇختىلاندى.
ئالتاي شەھىرى سارخولىسۇن يېزىسىنىڭ كۇرتى كەنتىدە، كالىلارغا ئالاھىدە 5G چەمبىرىكى ئېسىلغان بولۇپ، چارۋىچىلار يان تېلېفونىدىكى «ئاقىل چارۋىچىلىق» APPسى ئارقىلىق ھەر ۋاقىت كالىلىرىنىڭ ئورنىنى بېكىتەلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى ئىگىلىيەلەيدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدا 5G تورىنى ئەمەلىي قوللىنىشنىڭ تېز ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، رەقەملىك ئىقتىساد يېڭى كەسپى، يېڭى كەسىپ ھالىتى ئۈزلۈكسىز يېتىشتۈرۈلۈپ، سانائەت ئالاقە تورى ساھەسىدە 5Gنى ئەمەلىي قوللىنىش ئورنى سىجىل كېڭىيىپ، تۈرلۈك كەسىپلەرگە ئۈنۈملۈك كۈچ قوشتى.
«قوش 1000 مېگابايت» دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز 1000 مېگابايتلىق ئوپتىك تالا تورى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق شەھەرلەرنىڭ «1000 مېگابايتلىق شەھەر» قۇرۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، 1000 مېگابايتلىق ئوپتىك تالالىق كەڭ بەلباغ ئابۇنىچىلىرىنىڭ كۆلىمىنى تېز سۈرئەتتە ئاشۇردى. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئوپتىك تالانى ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش (FTTH/O) ئۇچى 22 مىليون 884 مىڭغا يېتىپ، ئائىلىلەرنىڭ 1000 مېگابايتلىق ئوپتىك تالا تورى بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %68.3تىن ئاشتى.
بۇلتۇر 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە «1000 مېگابايتلىق شەھەر» قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، ئۈرۈمچى شەھىرى، قاراماي شەھىرى 1000 مېگابايتلىق شەھەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى «1000 مېگابايتلىق شەھەر»لەردىن بولۇپ قالدى. ئۈرۈمچى شەھىرى، قاراماي شەھىرىدىن باشقا، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، شىخەنزە شەھىرى قاتارلىق جايلار بىردەك «1000 مېگابايتلىق شەھەر»نى باھالاش كۆرسەتكۈچىگە ئالاقىدار تەلەپلەرگە ئاساسەن يەتكەن بولۇپ، كەلگۈسىدە سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىغا باھالاشقا تەۋسىيە قىلىنىپ، مەملىكەت بويىچە «1000 مېگابايتلىق شەھەر» بولۇپ باھالىنىشنى قولغا كەلتۈرىدۇ.