يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ گۈزەل قىياپىتىنى جۇلالاندۇرۇش

  
2023-05-22   03●مۇھىم خەۋەرلەر   شىنجاڭ گېزىتى  

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ

4 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنىگىچە، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە تەييارلىغان، پۈتۈن مەملىكەتتە سەييارە قويۇلىدىغان «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق مۇزىكا، ئۇسسۇل، شېئىر، سۈرەت شەكلىدىكى چوڭ تىپتىكى تىياتىر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بېيجىڭ شەھىرى، تيەنجىن شەھىرى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجوۋ شەھىرى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنجېن شەھىرى ۋە گۇاڭجوۋ شەھىرىدە قويۇلدى، شىنجاڭنىڭ ناخشا - ئۇسسۇللىرى بۇ بەش جايدا ئويۇن كۆرۈش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى. 

ئارتىسلار ناخشا، ئۇسسۇل، مۇزىكا ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە بولغان شىنجاڭنىڭ مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەتكە دائىر تۈرلۈك ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى نامايان قىلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنىڭ يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى جۇشقۇن ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى. 

ناخشا - ئۇسسۇل ماكانىنىڭ جەلپكارلىقىنى نامايان قىلىش

5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى سائەت 19دىن 30مىنۇت ئۆتكەندە، گۇاڭجوۋ چوڭ تىياتىرخانىسىدا، شىنجاڭدىن كەلگەن سازەندىلەر غېجەك، سۇناي، شياۋخاۋ، ئىسكىرىپكا قاتارلىق چالغۇلار بىلەن «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت» ناملىق ناخشىغا نەق مەيداندا تەڭكەش قىلدى، «ناخشا - ئۇسسۇل ماكانى»نىڭ شادلىقى پۈتۈن مەيداندىكىلەرنى تەسىرلەندۈردى، 1800دىن ئارتۇق كۆرۈرمەن رىتىمغا ئەگىشىپ چاۋاك چېلىپ، بوش ئاۋازدا ناخشا ئېيتتى. 

بۇ تىياتىر بەش جايدا سەييارە قويۇلۇش جەريانىدا، كۆرۈرمەنلەرگە شىنجاڭنىڭ مول مەدەنىيەت - سەنئەت بايلىقى ۋە كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىيات تومۇرىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، ئىناق، خۇشال - خۇرام، خاتىرجەم قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. 

ئويۇن ئاخىرلاشقاندا، كۆرۈرمەنلەر ئورنىدىن تۇرۇپ چاۋاك چېلىپ، مەيداندىن ئۇزاققىچە ئايرىلمىدى، بارلىق ئارتىسلار تەشەككۈر يۈزىسىدىن بەش قېتىم سالام بېرىپ، كۆرۈرمەنلەرگە رەھمەت ئېيتتى.

«شىنجاڭنىڭ ناخشا - ئۇسسۇللىرىنى كۆرۈپ قانمايمەن، بۇنداق نادىر نومۇرلارنىڭ كۆپرەك مەيدانغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» 90 مىنۇتلۇق ئويۇننى گۇاڭجوۋلۇق كۆرۈرمەن ليۇ جياڭنىڭ كۆرۈپ قانمىغانىدى. 

«ھەربىر جايغا بېرىپ ئويۇن قويغاندا، كۆرۈرمەنلەر ياڭراتقان قىزغىن ئالقىش سادالىرى بىزنىڭ ئويۇنىمىزغا بولغان ئەڭ زور مۇئەييەنلەشتۈرۈش. مەن كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئۇسسۇل، مۇزىكا ئارقىلىق يۇرتۇمنى تونۇپ يەتكەنلىكى، چۈشەنگەنلىكىدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم.» ماھىرە ئەمەتجان «جۇلا» ناملىق ئۇسسۇلنىڭ باش ئۇسسۇلچىسى، ئۇ ھەمراھلىرى بىلەن سالماق، مەردانە ھەم نەپىس ئۇسسۇل قەدىمى ئارقىلىق شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ تۇپراقتا ياشاۋاتقان ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى نامايان قىلدى، ئويۇن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قىزغىن «مەستانىلەر» ئۇنىڭغا گۈل تەقدىم قىلدى. 

«قۇياش نۇرىغا چۆمگەن مەكىت» ناملىق ئۇسسۇلدا، ياش ئۇسسۇلچىلار دولان مۇقامىنى ئورۇنلىغۇچىلارنىڭ جۇشقۇن ۋە ياڭراق ئاۋازىغا جور بولۇپ ئۇسسۇل ئوينىدى، «قۇياش نۇرى» 22 يىگىتنىڭ يۈزىگە چۈشكەندە، ئۇلار جۇشقۇن ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق «قۇياش نۇرى»نى كۈتۈۋېلىپ، بەختكە قاراپ ئاتلاندى. 

«ئۇسسۇل كىشىگە ئىللىقلىق، غەم - ئەندىشىسىز تۇيغۇ بېغىشلايدىكەن» «ئۇسسۇلدا نامايان قىلىنغان گۈزەل تۇرمۇشقا تولىمۇ ئىنتىلىمەن، شىنجاڭغا بېرىپ كۆرۈپ باققۇم، شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى چۈشەنگۈم بار» «مۇزىكا كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىكەن، ياڭراق ئاۋازدىن تەبىئىي خۇشاللىق چىقىپ تۇرىدىكەن»، كۆرۈرمەنلەر بەس - بەستە شۇنداق باھا بەردى.

پۈتۈن مەيدان ئويۇندا ئېلېكتىرونلۇق ئاۋاز چىقىرىۋېتىلگەن بولۇپ، نومۇرلارغا سازەندىلەر، ناخشىچىلار نەق مەيداندا مۇزىكا تەڭكەش قىلىپ، ناخشا ئېيتىپ، ناخشا - ئۇسسۇل ماكانىنىڭ مۇزىكا گۈزەللىكىنى نامايان قىلدى. 

بۇ تىياتىر ئۈچ بۆلەك، 14 نومۇردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كىشىلەرگە تونۇشلۇق كونا ناخشىلارمۇ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئىجاد قىلغان نادىر ئەسەرلەرمۇ بار، ناخشا - ئۇسسۇل ماكانىنىڭ جەلپكارلىقى خۇددى بىر پارچە رەڭگارەڭ يۆگىمە رەسىمگە ئوخشاش كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى. 

«ئويۇن ئۇسسۇل، مۇزىكىلىق قىسقا تىياتىردىن تەركىب تېپىپتۇ، ئۇنىڭدا بىزگە تونۇشلۇق كونا ناخشىلار بولۇپلا قالماي، كىلاسسىك ئۇسسۇل ھەمدە يېڭىدىن ئىجاد قىلىنغان ناخشىلارمۇ بار ئىكەن، سەنئەتكارلار ناخشا، ئۇسسۇل، مۇزىكا ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ رەڭدار قىياپىتىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ خۇشال، بەختلىك تۇرمۇشىنى نامايان قىلدى.» ليۇ جياڭنىڭ ئويۇننى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، 7 - ئايدا ناخشا - ئۇسسۇل ماكانىغا بېرىشنى قارار قىلدى. 

ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق، تەرەققىيات يۆگىمە رەسىمىنى سىزىش

مەملىكەت بويىچە سەييارە ئويۇن قويۇپ ھەربىر جايغا بارغاندا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، باش تېما مەزمۇنى، بەدىئىي ئىپادىلەش، پېرسوناژلارنى يارىتىش، بايان قۇرۇلمىسى، سەھنە گۈزەل سەنئىتى بويىچە لايىھەلەش، مۇزىكا ئىجادىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردە بۇ تىياتىرنى تەتقىق قىلدى، مۇھاكىمە قىلدى.

«ماڭا قۇرۇلمىسى ئېنىق، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تەكشى، بەدىئىي ئورنى دەل جايىدا بولغاندەك تەسىر بەردى، ئويۇندا يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەر نامايان قىلىنىپتۇ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقانلىقىدەك قىياپىتى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ. بۇ مەيدان ئويۇندىن بىز ئۆزگىرىۋاتقان شىنجاڭنى، بارغانسېرى گۈزەللىشىۋاتقان شىنجاڭنى كۆردۇق» دېدى جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى تەكلىپلىك ئوبزورچىسى چېن جيەنجۇڭ. 

ئەدەبىيات - سەنئەت دەۋرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش بۇرغىسى بولۇپ، بىر دەۋرنىڭ قىياپىتىگە ئەڭ ياخشى ۋەكىللىك قىلالايدۇ، بىر دەۋرنىڭ كەيپىياتىغا ئەڭ ياخشى يېتەكچىلىك قىلالايدۇ.

كۆپ مىللەت ئارتىسلىرى ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ ئورۇنلىغان «پارتىيەنىڭ نۇرى ياخشى» ناملىق لەپەر ۋە «بىرلىكتە» ناملىق ناخشىدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنىڭ بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، گۈزەل يۇرت - ماكان قۇرۇپ چىقىشتەك ئورتاق يۈرەك ساداسى ئەكس ئەتتۈرۈلدى. 

بۇرماقان مولدو سوغۇق شامال، قېلىن قاردىن قورقماي، ئۆزى «جۇڭگو» دېگەن خەتنى يازغان تاشنىڭ يېنىغا ئاستا مېڭىپ كەلدى؛ جۇڭگو - قازاقىستان چېگرا تېشى ئالدىدا، ۋېي دېيوۋ چېگرا لىنىيەسىگە ئوتلۇق نەزەرى بىلەن تىكىلدى... «چېگرا قوغدىغۇچى» ناملىق مۇزىكىلىق قىسقا تىياتىردا دىراما بىلەن ئوپېرانىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلى بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئوخشاش بىر سەھنىدە ئوخشاش بولمىغان ئىككى ھېكايە بوشلۇقى يارىتىلىپ، چېگرا مۇداپىئە بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان چېگرا قوغدىغۇچى قەھرىمانلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈلدى.

شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مۇقام سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ناخشا ئارتىسى ئىمىننىياز ھۈسىيىن «قۇياش نۇرىغا چۆمگەن مەكىت» ناملىق ئۇسسۇلغا جور بولۇپ، دولان مۇقامىنى جۇشقۇن ۋە ياڭراق ئاۋازدا ئورۇنلىدى، قەلبلەرنى لەرزىگە سالىدىغان مېلودىيە ئۇسسۇلچىلارنىڭ ھەرىكىتى بىلەن ئۆزئارا ماسلىشىپ، يېڭى دەۋردىكى جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرىنى نامايان قىلدى.

«پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ غەمخورلۇقىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقاملىرى بۈگۈنكىدەك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى. مەن ئېيتقان ناخشا ھەم كۆپچىلىككە سەنئەتنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ھېس قىلدۇردى، ھەم پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، ھەر مىللەت پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ باياشات، خۇشال ئۆتۈۋاتقانلىقى، ئىللىقلىققا تولغانلىقىنى ئىپادىلىدى. بىز مۇزىكا ئارقىلىق بۇ خىل ھېسسىياتنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆرۈرمەنلەرگە يەتكۈزىمىز» دېدى ئىمىننىياز.

رەڭگارەڭ نۇر چېچىلدى، مۇزىكىلىق ئۇسسۇللار لەرزان ئوينالدى، مەدھىيە ناخشىلىرى ئارقىلىق يېڭى دەۋرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈلدى، ناغرا ساداسى يېڭى مۇساپىگە ئىلھاملاندۇرماقتا. شىنجاڭدىكى 20 نەچچە سەنئەت يۇرتى، ئۆمەك، مەكتەپتىن كەلگەن خەنزۇ، ئۇيغۇر، خۇيزۇ، قازاق قاتارلىق كۆپ مىللەت ئارتىسلىرىدىن تەركىب تاپقان ئويۇن قويۇش ئۆمىكى ناخشا، ئۇسسۇل، مۇزىكا ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆرۈرمەنلەرگە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان، ئىناق، خۇشال - خۇرام، خاتىرجەم قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئۆزئارا ئۆگىنىپ، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش

مەملىكەت بويىچە سەييارە ئويۇن قويۇش مۇساپىسى 6000 كىلومېتىر بولۇپ، 260تىن ئارتۇق ئارتىس، خىزمەتچى خادىم باشتىن - ئاخىر تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ھەربىر مەيدان ئويۇننى ئەستايىدىل تاماملىدى، كۆپچىلىك ناخشا، ئۇسسۇل، مۇزىكا ئارقىلىق شىنجاڭ ئوبرازىنى نامايان قىلدى، ھەرقايسى جايلاردىكى 13 مىڭ 500 كۆرۈرمەن نەق مەيداندا ئويۇننى كۆردى.

ئويۇن قويۇشتىن باشقا ۋاقىتلاردا، قىسمەن ئارتىس، خىزمەتچى خادىملار ئەدەبىيات - سەنئەت كىچىك ئەترىتى بولۇپ تەشكىللىنىپ سەييارە ئويۇن قويىدىغان جايدىكى سەنئەت ئۆمىكى، مەكتەپ، پەن - تېخنىكا باغچە رايونى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئۆزئارا ئۆگىنىش، كۇەيشەن قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ناخشا - ئۇسسۇللىرىنى نامايان قىلىپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇردى، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

تيەنجىن مۇزىكا شۆيۈەنىدە، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مىللىي مۇزىكا ئۆمىكىنىڭ سازەندىسى مۇتەللىپ مەمەت ئەرخۇ بىلەن ئورۇنلىنىدىغان مۇزىكا «ئات بەيگىسى»دىن ئارىيەنى غېجەكتە ئورۇنلاپ، تيەنجىن مۇزىكا شۆيۈەنى ئەرخۇ كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى لۇ شۇجۈننى تولىمۇ ھەيران قالدۇردى. ئۇ غېجەكنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تال تارىنىڭ دەل ئەرخۇنىڭ ئىچكى تارىسى ۋە تاشقى تارىسىغا ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ مۇنداق دېدى: «مىللىي چالغۇلارنىڭ ئوخشاشلىق تەرەپلىرى بار، بۇ قېتىمقى ئالماشتۇرۇشنىڭ مۇزىكا چېلىش ماھارىتىمنى ئۆستۈرۈشۈمگە، مۇزىكا جەھەتتىكى نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتىشىمگە ناھايىتى چوڭ ياردىمى بولدى».

شېنجېن شەھىرى كېشىڭ ئىلىم - پەن باغچىسىدا، ئارتىسلار قىزغىن ناخشا - ئۇسسۇللىرى ئارقىلىق ياش پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى ئۇسسۇلغا تەكلىپ قىلدى؛ گۇاڭجوۋ مۇنارىدا، ناخشا ئارتىسلىرى ياڭراق ناخشا ساداسى ئارقىلىق يېڭى دەۋرنى مەدھىيەلىدى؛ شىڭخەي مۇزىكا شۆيۈەنىدە، ئوقۇغۇچىلار ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرىنىڭ بىرى بولغان شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقاملىرىغا قانداق ۋارىسلىق قىلىنغانلىقى ۋە ئۇنىڭ قانداق قوغدالغانلىقىنى چۈشەندى.

ناخشا - ئۇسسۇللار ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش سۇپىسى بەرپا قىلدى. «كەسىپداشلارغا ئويۇن قويۇپ بېرەلىگىنىم، شىنجاڭنىڭ ناخشا - ئۇسسۇللىرىنى تونۇشتۇرالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلەندىم. ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ ئۇسسۇللىرى، مۇزىكىلىرىنى كۆرۈش، ئۆگىنىشمۇ بىر خىل ئۆگىنىش، يۈكسىلىش جەريانى بولۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇردى» دېدى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ناخشا ئارتىسى ئېربول جېڭىسبېك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمىخانىسىغا كىرىپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق شانلىق مۇساپىسىنى ئەسلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلدى. شىنجاڭنىڭ ئارتىس، خىزمەتچى خادىملىرى «جۇڭخۇانىڭ 5000 يىللىق مەدەنىيلىك تارىخىنى ئەمەلىي ئىسپاتلاپ بېرىدىغان مۇقەددەس جاي» لياڭجۇ قەدىمىي شەھىرى خارابىسىگە كېلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى تارىخىدىن ئىشەنچكە ئېرىشتى، مىللەت ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئۇرغۇدى.

«ئالماشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇش، ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ئۆگىنىش ئارتىسلارنىڭ كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈردى. مەكتەپلەرگە كىرىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش، نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق، شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى كەسىپداشلار ھەمدە كۆرۈرمەنلەر ئارىسىدىكى تونۇش ۋە چۈشىنىش چوڭقۇرلىشىپ، كەڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سەي شياۋرۇڭ.