شىنجاڭنىڭ «يېشىل شارپا»سى يەنە 9 مىليون 382 مىڭ 200 مو يەردە توقۇلدى

  
2025-11-28   04●مۇھىم خەۋەرلەر   شىنجاڭ گېزىتى  

گېزىتىمىز، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ساۋ خۇانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكى قاشالاپ تۇتاشتۇرۇلغان بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ «گىرۋەكنى قاشالاش»تىن «گىرۋەكنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش» ئارقىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولغان. 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنىگىچە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى 21 نۇقتىلىق ناھىيە، شەھەر جەمئىي 9 مىليون 382 مىڭ 200 مو يەردە گىرۋەكنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى تاماملىغان، تۇتاشتۇرۇش ئاساسىدا ئاشۇرۇلغان كەڭلىكى 110 مېتىردىن 7500 مېتىرغىچە بولۇپ، تەكلىماكاننىڭ «يېشىل شارپا»سى بارغانسېرى قېلىن توقۇلماقتا.

2024 - يىلى 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى ئەڭ ئاخىرقى 285 كىلومېتىر كېلىدىغان بوش رايوندا گىرۋەك قاشالاپ تۇتاشتۇرۇلدى. بۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3046 كىلومېتىر كېلىدىغان تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىنى چۆرىدىگەن قۇمنى توسۇش يېشىل مۇداپىئە بەلبېغىنى مۇكەممەل تۇتاشتۇرۇشنىڭ ئىشقا ئاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن قۇملۇقنى چۆرىدىگەن يېشىل توسۇق بولۇپ، دۆلىتىمىز ھەتتا دۇنيانىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش تارىخىدا مۆجىزە ياراتتى.

تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش قۇرۇلۇشى مۇستەھكەملەش ۋە يۈكسەلدۈرۈشنى نىشان قىلغان «گىرۋەكنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ يېشىللىقنى كۆپەيتىش» يېڭى باسقۇچىغا ئۆتتى. شىنجاڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە «بىر چەمبەر، ئىككى رايون، ئۈچ لىنىيە»نى ئاساسىي جەڭ مەيدانى قىلىپ، 285 كىلومېتىر كېلىدىغان گىرۋەكنى قاشالاش مۇداپىئە بەلبېغىنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ «گىرۋەكنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش» قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ باردى. كېرىيە ناھىيەسى، نىيە ناھىيەسى، گۇما ناھىيەسى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق رايونلاردا، شامال چىقىش ئېغىزى بىلەن شامال ئۇرۇلۇش ئېغىزى، قۇم مەنبەسى رايونى، يول رايونى ھەم بوستانلىق گىرۋىكىدىكى قۇم - بوران خەۋپىگە ئۇچرايدىغان رايونلارغا قارىتا، ئاساسلىق ئاپەت پەيدا قىلىدىغان شامال يۆنىلىشى ۋە شامال كۈچىنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىگە ئاساسەن، بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم توسۇش ئورمان - ئوت - چۆپ ئارقىلىق قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش بەلبېغىنى ئىلمىي كېڭەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى ئورمان، ئوتلاق، سۇلۇق يەر، چۆللۈك ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تىزگىنلەش نەتىجىسىنى سىجىل مۇستەھكەملىدى ۋە ئۆستۈردى.

بىر يىلدىن بۇيان، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى 21 نۇقتىلىق ناھىيە، شەھەر كۆپ خىللاشقان قۇم تىزگىنلەش يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، كۆپەيتكىلى، كېڭەيتكىلى بولىدىغان بىر تۈركۈم تىزگىنلەش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. شايار ناھىيەسى «تەقسىملەنمە يورۇقلۇق ۋولت + يەر ئاستى شورلۇق سۈيىنى تارتىپ ئېلىش + ئورمان بىنا قىلىش»تىن ئىبارەت قۇم تىزگىنلەش يېڭى ئەندىزىسىنى يولغا قويدى، چاقىلىق ناھىيەسى «كىرىشتۈرمە قۇم تىزگىنلەش»تىن ئىبارەت تىزگىنلەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق ياراتتى، لوپنۇر ناھىيەسى «قۇرۇلۇش + بىيوتېخنىكا + قۇملۇق كەسپى» ئۇنىۋېرسال تىزگىنلەش سىستېمىسى قاتارلىقلارنى بەرپا قىلدى. ھەرقايسى جايلار ئاپتونوم رايون چىقارغان مەبلەغ، سۇ ئىشلىتىش، يەر ئىشلىتىش قاتارلىقلارغا دائىر «توققۇز تۈرلۈك تەدبىر»نى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسەت، مەبلەغ، پەن - تېخنىكا قاتارلىق ئامىللارنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە توپلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كارخانا، دېھقان ئائىلىلىرى قاتارلىق جەمئىيەت كۈچلىرىنى كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشقا تولۇق سەپەرۋەر قىلىپ، «گىرۋەك دائىرىسىنى كېڭەيتىپ يېشىللىقنى كۆپەيتىش» بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ قۇملۇق كەسپىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ قۇملۇقتا ئۆستۈرۈلگەن ئىقتىسادىي زىرائەت ئومۇمىي كۆلىمى 10 مىليون 834 مىڭ 100 موغا، يۈرۈشلەشكەن پىششىقلاش كارخانىسى 364كە يېتىپ، 28 مىليارد 975 مىليون يۈەنلىك ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى ئىشقا ئاشۇرۇلغان. «گىرۋەك دائىرىسىنى كېڭەيتىپ يېشىللىقنى كۆپەيتىش»نىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، تەكلىماكان قۇملۇقى ئەتراپى ئېكولوگىيەسىدە كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش يۈزلىنىشى بارلىققا كېلىپ، ئېكولوگىيە توسۇقى تەدرىجىي مۇكەممەللىشىپ، بوستانلىق مۇداپىئە لىنىيەسى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ.