□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ دۇڭلەي
تومۇزدا، كوئېنلۇن تېغى ئۈستىدە بۇلۇتلار لەيلەپ يۈرەتتى، ئەگرى - بۈگرى تاشيول خۇددى قاشتېشىدىن ياسالغان بەلباغدەك قەشقەردىن تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە سوزۇلغان بولۇپ، يول بويىدىكى نەچچە يۈز كىلومېتىرلىق گۈزەل مەنزىرىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇراتتى؛ تىيانشان تېغىنىڭ ئىككى تەرىپىدە مۇزلۇقلاردىكى ئېرىگەن قار سۇلىرى تاغ چوققىسىدىن ئېقىپ چۈشۈپ، شەمشاد ئورمانلىقىدىن شىلدىرلاپ ئېقىپ ئۆتۈپ، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان چوڭ دەريالارنى ھاسىل قىلىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان شەھەرلەرنى، رەتلىك، پايانسىز ئېتىزلارنى ئوزۇقلاندۇرۇپ تۇراتتى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قەتئىي ساقلاپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزدى، بۇ، پەقەت بۇ تۇپراقتىكى سۈزۈك سۇ، كۆك ئاسماننىڭ بارلىق شەيئىلەرنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىشى ئۈچۈندۇر.
تەبىئىي ماكاننى كۆڭۈل قويۇپ ئاسراش
چىڭقى چۈشتە قۇياش نۇرى چەكسىز كەتكەن قارامايلى تۇپرىقىغا چۈشۈپ تۇراتتى، تۆپىلىكلەر خۇددى بىر كۆتۈرۈلۈپ - بىر پەسىيىۋاتقان دولقۇنلارغا ئوخشايتتى، يىراقتا ئاندا - ساندا توپا - چاڭ كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى، ئۇ چېپىپ يۈرگەن جۇڭغار قۇلانى ئىدى. «قوغدىلىدىغان رايون مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭغار قۇلانى تۈر توپلىرىنىڭ سانى تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى، قارامايلى بارغانسېرى ھاياتىي كۈچكە تولدى» دېدى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ياڭ ۋېيكاڭ.
بۇ يىل 4 - ئايدا، دۆلەت باغچىسى باشقۇرۇش ئىدارىسى قارامايلى دۆلەت باغچىسىنى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەستىقىي جاۋاب بېرىپ قوشۇلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىلا قارامايلى تېغىدىكى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونىنىڭ كۆلىمى تەسىس قىلىنغان دەسلەپكى چاغدىكى 14 مىڭ 856.48 كىۋادرات كىلومېتىرغا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنىدى، بارلىق كان ئېچىش پائالىيەتلىرى پۈتۈنلەي چېكىندۈرۈلۈپ، 15 مىڭ 717 مو يەرنىڭ گېئولوگىيەسى ۋە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تاماملانغانىدى. جۇڭغار قۇلانى، ئاق بوغۇز بۆكەن قاتارلىق چۆل تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلىرىنىڭ ماكانىنىڭ تىنچلىقى ئەسلىگە كېلىپ، قوغدىلىدىغان رايون ھاياتىي كۈچكە تولدى.
«تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون يېڭى قۇرۇلغاندا، پەقەت 385 تۇياق جۇڭغار قۇلانى بار ئىدى، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنىڭ تاماملىنىشىغا ئەگىشىپ، ھازىر بار بولغان تۈر توپىنىڭ سانى 3200 تۇياق ئەتراپىدا بولۇپ، كۆرۈنەرلىك ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى» دېدى ياڭ ۋېيكاڭ. ئەھۋالى ياخشى بولغىنى جۇڭغار قۇلانىلا ئەمەس، دەل مۇشۇ يەردە پىرژىۋالسكى ياۋا ئېتىنى قويۇپ بېرىش تەجرىبىسى ئىزدىنىش خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەرنى قايتىدىن كىرگۈزۈشتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى ئۈلگىگە ئايلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ باشقا تۈرلەرنى قايتا كىرگۈزۈش خىزمىتىدە ئۆرنەك ئېلىش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى ئوينىدى.
تىيانشان تېغىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى − كۆز يەتكۈسىز باغراش كۆلى يېيىلىپ ياتقان بولۇپ، 2018 - يىلىدىن 2021 - يىلىغىچە، شىنجاڭ باغراش كۆلىگە سىجىل 592 مىليون كۇب مېتىر ئېكولوگىيەلىك سۇ باشلاپ، ئېكولوگىيەلىك سۇ باشلاش ۋە ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاش ۋەزىپىسىنى پىلاندىن ئاشۇرۇپ ئورۇنداپ، سۇ مۇھىتىنىڭ سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلىدى. بۇ يىل شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىنى ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىگە ئەگىشىپ، باغراش كۆلى ھەم تارىم دەرياسىنىڭ پۈتكۈل ئېقىن رايونىغا ئېكولوگىيەلىك سۇ تەقسىملەش تېخىمۇ دەل جايىدا بولدى. سۇ ئاساس قىلىنىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ئىھاتە ئورمىنى سىستېما قۇرۇلۇشى، سۇ - تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ۋە قۇملاشقان يەرلەرنى تىزگىنلەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش نەتىجىسى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى.
يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش
ئاقسۇ ۋىلايىتىدە كۆكيار مىليون مولۇق ئورمان دېڭىزى يەنە گۈللەپ ياشنايدىغان ئۆسۈش پەسلىنى كۈتۈۋالدى. 30 نەچچە يىلدا، ئىدارە قىلىش يولى ۋە يولغا قويۇش ۋاسىتىسى ئۈستىدە ھارماي - تالماي ئىزدىنىش، ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ چىڭ تۇرۇشى نەتىجىسىدە، كۆكيار چۆللۈكىنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىدا «كۆكەرتىش بىلەن بېيىتىش تەڭ گۈللىنىش» مۆجىزىسى يارىتىلدى.
«پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىلمىي ئىدىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىزنىڭ ئىشەنچىمىز تېخىمۇ ئاشتى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، قۇرۇلۇش تېخىمۇ ئاكتىپ ئىشلىنىپ، تېخىمۇ ئۇنىۋېرساللىشىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق تۈزەشكە يۈزلەندۈرۈلدى» دېدى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى جاڭ جىجۈن.
7 - ئايدا، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» بويىچە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش - يېڭىلىق يارىتىش بازىسى بولغان قورغاس ناھىيەسىدە ئېتىزلار سۆسۈن رەڭلىك ئۈستىقۇددۇس بىلەن تولغان بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. بۇ يەردىكى كىشىلەر شۇ جاينىڭ يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى مول بولۇش، يامغۇر سۈيى يېتەرلىك بولۇش، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى روشەن بولۇش قاتارلىق رايون خاسلىقىغا تايىنىپ، «1 - كەسىپنى ئەلالاشتۇرۇش، 2 - كەسىپنى تۇتاشتۇرۇش، 3 - كەسىپنى ئۇلاش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئۆستۈرۈش، پىششىقلاش، سېتىش، ساياھەت بىر گەۋدە قىلىنغان ئۈستىقۇددۇس كەسپى تەرەققىيات بازىسى قۇرۇپ، «مۇھىتى ياخشى بولۇش، كەسىپلەر گۈللەنگەن بولۇش، يۇرت گۈزەل بولۇش» ئۈستىدە يېتەرلىك كۈچ سەرپ قىلىپ، جۇڭگودىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئۈستىقۇددۇس ئۆستۈرۈش رايونى قۇرۇپ، شىنجاڭدىكى يېڭى يېزىلارنىڭ يېشىل تەرەققىيات يېڭى ئۈلگىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلدى. بۇ يىل، سۆسۈن رەڭلىك ئۈستىقۇددۇس تېخىمۇ چوڭ رايونلارغا قاراپ كېڭەيتىلدى، ئىلمىي باشقۇرۇشقا تايىنىپ، ئىلى ئۈستىقۇددۇس كەسپى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «قايناق» ساياھەتچىلىك كەسپى بىلەن جىپسىلىشىپ، بارغانسېرى كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش ئېففېكتىنى پەيدا قىلماقتا.
شىنجاڭ كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتىگە پائال تۈرتكە بولدى. يېقىندا، مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى كاربون قويۇپ بېرىش ھوقۇقى سودا بازىرىغا كىرگۈزۈلگەن توك تارقىتىش ساھەسىدىكى نۇقتىلىق بۇلغىما قويۇپ بېرىدىغان 77 كارخانا ئوڭۇشلۇق ھالدا تۇنجى بولۇپ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش مۇددىتى ئىچىدە نورمىنى ئېنىقلاپ تاپشۇرۇشنى تاماملىدى. بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە، شىنجاڭنىڭ بىرلىك رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى قويۇپ بېرىش مىقدارى سىجىل تۆۋەنلىدى.
چاقپەلەكلەر كەڭ زېمىنغا قاتار تىزىلدى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئۈسكۈنىلىرى تۈزلەڭلىكتە رەتلىك سەپ تۈزدى. ئەڭ ياخشى پاكىز ئېنېرگىيە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە شىنجاڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى. 2021 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پاكىز ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 47 مىليون 120 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، شامال ئېلېكتىرىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %92.7، %98.3كە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ سانائەتنىڭ يېشىل تەرەققىياتى مەخسۇس ھەرىكىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى يېشىل زاۋۇتتىن 135نى، يېشىل باغچە رايونىدىن توققۇزنى يېتىلدۈردى، دۆلەت دەرىجىلىك يېشىل كاندىن 67نى قۇردى.
پۈتۈن كۈچ بىلەن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش
بۈگۈنكى كۈندە، كۆپكۆك ئاسمان بارغانسېرى كۆپ كىشىلەرنىڭ بۈگۈنكى شىنجاڭغا بولغان ئەسلىمىسىگە ئايلاندى. دەل مۇشۇ پەيتتە، مايتاغ - كۇچا تاشيولىدا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ، ۋېلىسىپىت مىنىپ ماڭىدىغان كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، تاغ ئېغىزىدا تۇرۇپ شىمالىي شىنجاڭ تۇپرىقىغا نەزەر سالغاندا، ئاسماننىڭ كۆپكۆك، بوستانلىقلارنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. «ئالدى تەرەپكە قاراپ ئەگرى - بۈگرى تاغ يولى، تىك يارنى كۆردۇق، كەينىگە بۇرۇلۇپ قاراپ بىپايان، ھەيۋەتلىك كەڭ تۇپراقنى كۆردۇق، شىنجاڭ ھەقىقەتەن گۈزەل ئىكەن!» دېدى جياڭشىدىن ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كەلگەن ئاپتوموبىل ئىگىسى چېن جۈن.
بۇ مۇۋەپپەقىيەت تەستە قولغا كەلگەن، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ «ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە» «كۈيتۈن - مايتاغ - شىخو» قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنى ئاساسىي جەڭ مەيدانى قىلىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش ۋە ھاۋانىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشىغا تاقابىل تۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەتىيازدا چاڭ - توزاننى تىزگىنلەش، يازدا بۇلغىنىشنى توسۇش، كۈزدە كېرەكسىز نەرسىلەرنى تىزگىنلەش، قىشتا تۇماننى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت «تۆت پەسىلدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش» ھەرىكىتىنى يولغا قويدى. ئاپتونوم رايون بويىچە ھاۋانىڭ ئەلا سۈپەتلىك بولۇش كۈن سانىدا دولقۇنسىمان ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى؛ ئاپتونوم رايون بويىچە ھاۋا ئېغىر بۇلغانغان كۈن سانىدا دولقۇنسىمان تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. جەنۇبىي شىنجاڭدا «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى، جەمئىي 892 مىڭ ئائىلىلىك ئاھالە پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلىتەلەيدىغان بولدى، بۇ، يىلىغا 1 مىليون 190 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈر تېجەپ قالغانغا، 2 مىليون 980 مىڭ توننا كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بەرگەنگە باراۋەر.
ئالتاي شەھىرىدىكى قىزىل تاش بازىرىنىڭ جەنۇبىغا توققۇز كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى شەھەر يۇندىسىنى بىر تەرەپ قىلىش بويىچە نېيترال سۇ ئامبىرى كۆكەرتىش باغچە رايونى ئىچىدە، نېيترال سۇدا سۇغىرىلغان تۈرلۈك دەل - دەرەخلەر بۈك - باراقسان ئۆسكەنىدى. ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىي شەھەر - بازار يۇندى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىدىن 111نى قۇرۇپ ئىشقا كىرىشتۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە 1 - دەرىجىلىك A قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىدىكى شەھەر - بازار يۇندى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسىدىن 95ى بار بولۇپ، بارلىق شەھەر، ناھىيە - شەھەرلەردە يۇندى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ تولۇق قاپلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى شەھەر - بازار يۇندى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىدا تەدرىجىي ھالدا «مىقدار»دىن «سۈپەت»كە ۋە «بىر تەرەپ قىلىش»تىن «قايتا ھاسىلىي پايدىلىنىش»قا بولغان ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
يەر - زېمىننى ئاسرىغانلىق، ئۆزىنى ۋە ئەۋلادلارنى ئاسرىغانلىق، ئېتىز ۋە كەنتلەرمۇ بارغانسېرى پاكىز بولماقتا. 7 - ئايدىكى موڭغۇلكۈرەدە قىچا چېچىكى ئۇپۇققا تۇتىشىپ، ئالتۇن رەڭلىك غايەت زور گىلەمدەك كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت ئاستىدا يېيىلىپ ياتاتتى، بۇنى كۆرگەن ساياھەتچىلەر چۇرقىرىشىپ قانغۇچە ھۇزۇرلاندى، دېھقانلار خۇشاللىق ئىچىدە مول ھوسۇلنى كۈتتى. موڭغۇلكۈرەدىن باشقا، يېزا ئىگىلىك دورىسى، ئوغۇتنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارىنى ئىلمىي تەڭشەش، قاتتىق تىزگىنلەش پۈتۈن شىنجاڭدا ئورتاق تونۇشقا ئايلاندى.
نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بۇلغانغان تېرىلغۇ يەردىن بىخەتەر پايدىلىنىش نىسبىتى %98تىن يۇقىرى بولۇشنى ساقلىدى، بۇلغانغان يەرلەردىن بىخەتەر پايدىلىنىش نىسبىتى %100كە يەتتى. يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ھەرىكىتىنىڭ سىجىل ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يېزا تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى يىغىش، يۆتكەش ۋە بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسىنىڭ مەمۇرىي كەنتلەرنى قاپلاش نىسبىتى %90تىن يۇقىرى بولدى، كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق مەيدانلىرىنىڭ قىغ بۇلغىمىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈلۈش نىسبىتى %99كە يەتتى.
«يارىلانغان» تۇپراق ئەسلىگە كەلمەكتە، پاكىز تۇپراقمۇ بۇلغىنىشتىن داۋاملىق يىراقلاشماقتا. 2018 - يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ تارىختىن قېپقالغان زور بىر تۈركۈم خەتەرلىك تاشلاندۇقلار ۋە قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ئۆلچەملىك بىر تەرەپ قىلىشنى تاماملىدى. ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇپ ئىشقا كىرىشتۈرگەن شەھەر - بازارلاردىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى كۆمۈپ بىر تەرەپ قىلىش مەيدانلىرى بارلىق شەھەر ۋە ناھىيە بازارلىرىنى قاپلىدى. ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدا ئېكولوگىيە، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئىناق تەرەققىي قىلىۋاتقان شىنجاڭ ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلماقتا.