شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 14 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو مەدەنىيلىكى تارىخى تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تارىخىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.
ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئۇزاق تارىخقا، مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۆزگىچە مەنىۋى بەلگىسى، زامانىمىزدىكى جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ ئۇلى، پۈتۈن دۇنيادىكى جۇڭگولۇقلارنى بىر - بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان مەنىۋى رىشتە، شۇنداقلا جۇڭگو مەدەنىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشتىكى خەزىنە. ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە، جۇڭخۇا مىللىتى توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىسى ۋە غەيرىتى بىلەن، جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، تاغ - داۋانلاردىن ئېشىپ، دەريالارنى كېچىپ، دۇنيادىكى باشقا مەدەنىيلىك گەۋدىسىگە ئوخشىمايدىغان تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتتى. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق تەرەققىيات تارىخىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، جۇڭگو مەدەنىيلىكى تارىخى تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تارىخىي ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: نەچچە ئەۋلاد ئالىملارنىڭ ئۇدا تىرىشىشى ئارقىلىق، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى دۆلىتىمىزنىڭ مىليون يىللىق ئىنسانىيەت تارىخى، 10 مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخى، 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىنى ئەمەلىي ئىسپاتلىدى. كۆپ پەنلەر بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مەنبەسى، شەكىللىنىشى، تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي مەنزىرىسى، ئىچكى مېخانىزمى ھەمدە ھەرقايسى رايون مەدەنىيلىكىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش يوللىرى قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە يەنىمۇ ياخشى جاۋاب بېرىش كېرەك. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش قۇرۇلۇشى مەدەنىيلىككە ئېنىقلىما بېرىش ۋە مەدەنىي جەمئىيەتكە قەدەم بېسىشنى بېكىتىشنىڭ جۇڭگو لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنيا مەدەنىيلىكى مەنبەسىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئىجادىي تۆھپە قوشتى. دۆلىتىمىزنىڭ «قەدىمكى مەدەنىيلىك نەزەرىيەسى» ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش قۇرۇلۇشى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش، ئايلاندۇرۇش خىزمىتىنى تەڭ قەدەمدە ياخشى ئىشلەپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تەسىر كۈچى ۋە چاقىرىق كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ھالىتىنى تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتى قۇرۇلۇشىنى نەزەرىيە تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. 5000 يىلدىن ئارتۇق ئۇزاق مەدەنىيلىك تەرەققىيات تارىخى داۋامىدا، جۇڭگو خەلقى جۇلالىنىپ كۆزنى چاقنىتىدىغان جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى يارىتىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى. غەربتىكى نۇرغۇن كىشىلەر جۇڭگونى غەربنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش نەزەرىيەسى نەزەرىدىكى يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان مىللەت دۆلىتى دەپ قاراشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، ئۇلار جۇڭگوغا 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخى نۇقتىسىدىن قارىمايدۇ، بۇنداق بولغاندا جۇڭگونىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى، كەلگۈسىنى ھەقىقىي چۈشىنىشى تەس. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مەنبەسى تەتقىقاتىنى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ھالىتى قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەر تەتقىقاتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مەنبەسى كۆرسىتىپ بەرگەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تەرەققىيات يولى يۆنىلىشى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن تەدرىجىي تەرەققىيات ئەندىزىسىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش، بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش كېرەك، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مېھرىبانلىقنى تەكىتلەش، خەلقنى ئاساس قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، لەۋزىدە تۇرۇش، ھەققانىيلىقنى ئۇلۇغلاش، ئىناقلىققا ئەھمىيەت بېرىش، ئېجىل - ئىناق بولۇشقا ئىنتىلىشتىن ئىبارەت مەنىۋى خاراكتېرى ۋە تەرەققىيات ھالىتىنى تەتقىق قىلىش، بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش كېرەك، جۇڭگو يولىنىڭ چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي ئايلىنىشى، ئىجادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئاساس تۇرغۇزۇپ، روھ يېتىلدۈرۈش كېرەك. توغرا يولنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو روھى، جۇڭگو قىممىتى، جۇڭگو كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى بەرپا قىلىش كېرەك. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش جەريانىدا، ماركسىزمنىڭ تۈپ يېتەكچى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىنقىلابىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن مەنبە ئېقىن سۈيىنى ئىزدەپ تېپىش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەدەنىيلىك جەھەتتە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق تەرەققىيات تارىخى شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، مەيلى تۈرلەر، تېخنىكا، ياكى بايلىق، كىشىلەر توپى، ھەتتا ئىدىيە، مەدەنىيەت بولسۇن، ھەممىسى ئۈزلۈكسىز تارقىتىش، ئالماشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇش داۋامىدا تەرەققىي قىلىدۇ، ئالغا باسىدۇ. مەدەنىيلىك جەھەتتە ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش ئارقىلىق «مەدەنىيلىك توقۇنۇشى سەپسەتىسى»نى ئېچىپ تاشلاش كېرەك. باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، سۆھبەتلىشىش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت مەدەنىيلىك قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە مۇجەسسەملەنگەن پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، دۇنيانىڭ جۇڭگونى چۈشىنىشى، جۇڭگو خەلقىنى چۈشىنىشى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى چۈشىنىشى، جۇڭخۇا مىللىتىنى چۈشىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت يادىكارلىقى ۋە مەدەنىيەت مىراسىنى جانلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە ۋارىسلىق قىلىشتىن ئىبارەت قويۇق جەمئىيەت كەيپىياتى بەرپا قىلىش كېرەك. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ھەم مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگو روھى مۇجەسسەملەنگەن تېخىمۇ كۆپ قىممەت بەلگىسى ۋە مەدەنىيەت مەھسۇلاتىنى تارقىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار تارىخقا ھۆرمەت قىلىپ، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ھەم مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئاممىنى، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇش ۋە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگولۇق بولۇش ئىرادىسى، شىجائىتى، جاسارىتىنى كۈچەيتىش كېرەك.