□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى يىن لۇ فەن چيۇڭيەن
7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە شىنجاڭ مۇزېيىغا كېلىپ، ئارىلىقتا مىللىي ئېپوس «ماناس» ئېيتىش نومۇرىنى كۆردى. تۇنجى قېتىم يۇرتىدىن چىقىپ ئويۇن قويغان ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىكى 14 ياشلىق ئۆسمۈر ئۈمىتئالى ئۆتكۈر باش شۇجى ئۇلارنىڭ ئويۇنىنى كۆرۈپ چاۋاك چالغاندىن كېيىنكى تاپشۇرۇقىنى چوڭقۇر ئەستە ساقلىدى: «ماناس»قا ئوخشاش بۇنداق مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەم ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى قىممەتلىك بايلىق، قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش، رەتلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.
«بۇ قېتىمقى ئويۇن قويۇش كەچۈرمىشىم بەكلا ئالاھىدە بولدى، شى بوۋامنىڭ بىزگە تاپىلىغان سۆزلىرى مېنىڭ <ماناس>قا ياخشى ۋارىسلىق قىلىش ئىشەنچىمنى تېخىمۇ چىڭىتتى.» ئۈمىتئالىنىڭ كاللىسىدا ئىزچىل باش شۇجىنىڭ يېقىملىق قىياپىتى، خۇشخۇي ئىنتوناتسىيەسى ۋە ئىللىق ئىلھامى نامايان بولاتتى.
«ماناس» شېئىر، ناخشا، ھېكايە بىر گەۋدىلەشكەن نەزمىي ئېپوس بولۇپ، 2009 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن، ئۇنىڭدا قەھرىمان ماناس جەمەتىدىكى سەككىز ئەۋلاد كىشىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى قوغداش، سىرتنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش ھېكايىسى مەدھىيەلەنگەن.
ئۈمىتئالى بالىلىق چاغلىرىدىن تارتىپلا ئانىسى ئېيتقان «ماناس»نى ئاڭلاپ چوڭ بولغان. «مەن ئۈچ يېشىمدىن باشلاپ ئېيتىشنى ئۆگەنگەن، ھازىر 1000 نەچچە مىسرا ئېيتالايدىغان بولدۇم، ئېپوسنىڭ 1 - بۆلىكىنى ھەممىدىن ياخشى ئېيتىمەن.» ئون يىلدىن ئارتۇق ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئۈمىتئالى «ماناس»تا ئەۋج ئالدۇرۇلغان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ توختىماي كۈرەش قىلىدىغان، قەتئىي بوشاشمايدىغان روھىنى ئۆزلەشتۈردى.
«ماناس» خەلق سەنئەتكارلىرى ئېيتقان ئېغىز ئەدەبىياتى، پۈتۈن ئېپوس جەمئىي سەككىز بۆلەك بولۇپ، تەخمىنەن 230 مىڭ مىسرادىن ئاشىدۇ، ۋارىسلار ۋە ماناسچىلار(مەخسۇس ماناس ئېيتىدىغان ناخشىچىلار) ئېپوسقا ۋارىسلىق قىلىشتا مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرى، دۆلىتىمىز «ماناس»نى نەشر قىلىشنى تاماملاپ، ئاغزاكى تارقىلىشتىن يېزىق شەكلىدە بېسىشقىچە بولغان ئۆزگىرىشنى تەلتۆكۈس ئىشقا ئاشۇردى.
ئۈمىتئالى مۇنداق دېدى: «كەلگۈسىدە مەن قانداق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىمدىن قەتئىينەزەر، يەنىلا داۋاملىق بىر ياخشى ماناسچى بولۇپ، بۇ ئېپوسنىڭ داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىنىشىغا تۈرتكە بولىمەن».
56 ياشلىق جاننۇر تۇرغانباي غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋاپات بولغان ۋارىسى جۈسۈپ ماماينىڭ ئوقۇغۇچىسى. ئۇ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ «ماناس»قا ۋارىسلىق قىلىشتىكى ئىجتىھاتى ۋە تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدا، ھەر دەرىجىلىك «ماناس»نى قوغداش تەتقىقات مەركەزلىرى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى كۇرسلىرىدا ماناسچىلارنى پائال قېزىپ چىقتى ۋە تەربىيەلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ماناسچىلارنىڭ «ماناس» ئېيتىش سىيماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرمۇ «ماناس» ئېيتىشتىن ھۇزۇرلىنىشنى ساياھەتتە چوقۇم تاللايدىغان تۈر قىلدى.
«بۇ، مەن ئۆمۈربويى ئۇنتۇمايدىغان دەقىقە، باش شۇجىنىڭ <ماناس>قا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ۋارىسلارغا غەمخورلۇق قىلىشى مېنى ھەسسىلەپ تەسىرلەندۈردى، چوڭقۇر ئىلھاملاندىم.» جاننۇر مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، ئوقۇغۇچىلىرىم ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئۆگىنىش، ئالماشتۇرۇش ۋە ئويۇن قويۇش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭدا، ھەتتا مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مەدەنىيەت ئويۇن قويۇش پائالىيەتلىرىدە ئېيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرىمەن.