ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدىن بىر كۆرۈنۈش (7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تارتىلغان). □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى
دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش قاتارلىقلارنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ نىسپىي بېكىنمە ھالەتتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇقتىن سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش چوڭ يولى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش كېرەك.
− شى جىنپىڭ
■تەكشۈرۈشتە بولغان ئورۇن: ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى
ئۈرۈمچىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدا 2015 - يىلى قۇرۇلۇش باشلانغان. «مال توپلاش، باغچە رايونى قۇرۇش، كەسىپلەرنى توپلاش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات پىكىر يولى بويىچە، خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون، ئامباردا ساقلاش سودا كەسىپلەر رايونى قاتارلىق نۇرغۇن فۇنكسىيەلىك رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
2022 - يىلى 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدا جەمئىي 5900 قېتىمدىن ئارتۇق جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىدى. توشۇلىدىغان ماللار ئەڭ دەسلەپتىكى كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار، كىيىم - كېچەك مەھسۇلاتلىرىدىن ماشىنا - ئۈسكۈنە، سۇ، پار، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق 200 نەچچە تۈرگە كېڭەيدى، نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى 21گە يېتىپ، ياۋروپا - ئاسىيادىكى 19 دۆلەت ۋە رايوندىكى 26 شەھەرگىچە قاتنايدىغان بولدى.
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي
كۆپكۆك ئاسمان، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدا قىزىل بايراقلار لەپىلدەپ تۇراتتى. پويىزنىڭ ياڭراق گۈدۈك ئاۋازى ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بۇ، ئالدىراشلىقنىڭ سىمۋولى، شۇنداقلا سەپەرگە ئاتلىنىشقا ئۈندەيدىغان بۇرغىغا ئوخشايتتى.
7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇرۇقلۇق پورتى رايونىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ جاي تارىخىي خاراكتېرلىك پەيتنى كۈتۈۋالدى. باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى دائىم ياد ئېتىپ، قۇرۇقلۇق پورتى رايونىغا قىلغان سەپىرى كىشى قەلبىنى ئادەتتىن تاشقىرى لەرزىگە سالدى. تەكشۈرۈش جەريانىدا، ھەربىر جۈملە سۆزىدىكى سەمىمىي غەمخورلۇق، سەمىمىي تاپشۇرۇقتىن باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا يىراقنى كۆزلەپ پۇختا پىلان تۈزگەنلىكى ۋە سەمىمىي ئۈمىدى ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.
شىنجاڭنى غەربكە ئېچىۋېتىش يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا.
باش شۇجىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشىش بىز ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئىلھام
ئاپتوموبىلدىن چۈشۈۋاتقان باش شۇجىنى كۆرۈپ، شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ما چۇنلېينىڭ كۈچلۈك ئارزۇسى ئاخىر رېئاللىققا ئايلاندى. «باش شۇجى ئارىدىن سەككىز يىل ئۆتۈپ يەنە شىنجاڭغا كېلىپ، مەخسۇس قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولدى، مەن ۋە خىزمەتداشلىرىمنىڭ ھەممىسى شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قىلىپ بېكىتىلگىنىگە ئوخشاش، بىز يەنە بىر قېتىم سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدۇق».
قۇرۇقلۇق پورتى رايونى تۆمۈريول پورتى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت بىناسى بىرلەشمە ئىش بېجىرىش زالىدا، ما چۇنلېي باش شۇجىغا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى بېكىتىش ۋە فۇنكسىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقىچە، قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات پىكىر يولىدىن جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتنىشى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ تىجارەت ئەھۋالىغىچە، قۇرۇقلۇق پورتى رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمىدىن تەرەققىيات مەنزىلىگىچە ما چۇنلېي تەپسىلىي دوكلات قىلدى، باش شۇجى ئەستايىدىل ئاڭلىدى.
جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۈرۈش لىنىيەسى تونۇشتۇرۇلغان كۆرسەتمە خەرىتە ئالدىغا كەلگەندە، باش شۇجى قەدىمىنى توختىتىپ سىنچىلاپ قارىدى. «باش شۇجى بىر تەرەپتىن تەپسىلىي كۆرۈپ، بىر تەرەپتىن كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.» ما چۇنلېي مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا شۇنچە كۆڭۈل بۆلۈشى كۆپچىلىكنىڭ كاللىسىغا چوڭقۇر ئورناپ كەتتى.
ئىنچىكە بەلگىلەر قويۇلغان ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى خەرىتىسىدە، گىرەلىشىپ كەتكەن لىنىيەلەر شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرۇپ، شەرقىي قىسىمدىن غەربكە قاراپ مېڭىپ، شىنجاڭ ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا تۇتىشاتتى. 2013 - يىلى 9 - ئايدا، دەل شىنجاڭ بىلەن قوشنا بولغان قازاقىستاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى»نى ئورتاق قۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭ بىلەن مىڭ يىللاپ داۋاملاشقان قەدىمىي يىپەك يولى يەنە بىر قېتىم دۇنيانىڭ نەزەر دائىرىسىگە كىردى. ئۇزاق ئۆتمەي، دۆلەت شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قىلىپ بېكىتتى، شىنجاڭ بىراقلا چەت، يىراق چېگرا رايوندىن ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندى. شۇ چاغدىن باشلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۈزۈپ بەرگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى بويلاپ، لىق يۈك بېسىلغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ئۇچقاندەك قاتنىدى، شىنجاڭ بىلەن دۇنيانىڭ ئالاقىسى كۈنسېرى قويۇقلاشتى، جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش قەدىمى مىسلىسىز تېزلەشتى.
چوڭ زالدا، باش شۇجى «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: «<بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇشۇ يىللاردىن بۇيان، نەتىجە مول بولدى».
مەيداندىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ھاياجېنىنى باسالمىدى: ئېنىقكى، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ تەرەققىياتى بۇنىڭ ئىچىدىكى مول مېۋە.
2015 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، تەرەپ - تەرەپكە قاتناۋاتقان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىغا تايىنىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى قۇرۇلۇشى باشلىنىپ، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشقا ئايلاندى. ھازىرغىچە، مەملىكەت بويىچە %80تىن ئارتۇق جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى ئارقىلىق ئالاتاۋ پورتى، قورغاس پورتىدىن چېگرادىن چىقىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا قاراپ ماڭدى.
تەكشۈرۈشتە بولۇش جەريانىدا، باش شۇجى ئەمەلىي كۆرۈنۈش ئارقىلىق جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزىنىڭ ھەرقايسى فۇنكسىيەلىك رايونلىرى ۋە ئالاتاۋ پورتى، قورغاس پورتىنىڭ نەق مەيدان مەشغۇلات ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. ما چۇنلېي ۋە خىزمەتداشلىرى باش شۇجىنىڭ پورت قۇرۇلۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.
تەكشۈرۈشتە بولۇش جەريانىدا، باش شۇجى كۆپچىلىكنى «ناھايىتى ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپسىلەر» دەپ ماختىدى. ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ شاۋخۇا خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھايات قىممىتىمىز. بىز چوقۇم باش شۇجىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.
تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىشلارنى ياخشى قىلىمىز
جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تاشقى ھەمكارلىق بۆلۈمى خەلقئارا بىرلەشمە تىرانسپورت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى جاڭ جىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپلا قالماي، يەنە ئۇ ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ خىزمىتىگە شۇنچە يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. باش شۇجى كۆپچىلىككە: «سىلەرنىڭ قىلىۋاتقىنىڭلار تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىش» دېدى.
جاڭ جىن شىمالىي شەنشىلىك بولۇپ، ئىلگىرى خەۋەرلەردە باش شۇجىنىڭ ئۆز يۇرتىغا تەكشۈرۈشكە بارغانلىقىنى كۆرۈپ، باش شۇجىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەنىدى، ئويلىمىغان يەردىن بۇ ئارزۇسى راستىنلا ئەمەلگە ئاشتى. بىرنەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى، ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بۇ مۇھىم، زور خىزمەتكە بىۋاسىتە قاتنىشىپلا قالماي، باش شۇجىنىڭ قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولغانلىقىدىن ئىبارەت تارىخىي پەيتكە ئۆز كۆزى بىلەن گۇۋاھ بولغانلىقىدىن ھاياجانلاندى ۋە ئىپتىخارلاندى.
شۇ كۈنى، ئەمەلىي كۆرۈنۈشنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، باش شۇجى تۆمۈريول يۈك تىرانسپورت كۆزنىكىگە بېرىپ خىزمەتچى خادىملار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، جاڭ جىن ۋە يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى خادىمى چېڭ ياشۈ باش شۇجىغا جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۈرۈشۈشىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى دوكلات قىلدى.
«باش شۇجىنىڭ بۇنداق تەپسىلىي سورايدىغانلىقىنى ئويلىماپتىكەنمىز، بىز بىلەن توپتوغرا بەش - ئالتە مىنۇت پىكىر ئالماشتۇردى.» جاڭ جىن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شىنجاڭنى غەربكە ئېچىۋېتىش خىزمىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۈرۈش لىنىيەسى، يېتىپ بارىدىغان دۆلەت قاتارلىقلار توغرىسىدا بىز بىلەن يەتتە - سەككىز مەسىلە ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى.
جاڭ جىن ۋە خىزمەتداشلىرى باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل قەلبىگە پۈكۈپ كەلگەنلىكىنى، شىنجاڭنىڭ ئوچۇق تەرەققىياتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىدىن زور ئۈمىد كۈتىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.
شۇ كۈنى باش شۇجى كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش، <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇش قاتارلىقلارنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ نىسپىي بېكىنمە ھالەتتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇقتىن سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندى».
2014 - يىلى شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق تەسۋىرلىگەنىدى: «ئەگەر يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلسا، شىنجاڭ ئاۋات مەركەزگە ئايلىنىشى مۇمكىن. باشقىسىنى دېمەيلى، ئۈرۈمچى ھازىر 1500 كىلومېتىر دائىرىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر، شۇ چاغقا بارغاندا قانداق مەنزىرە شەكىللىنىدۇ؟»
ئورۇن بېكىتىشى ئېنىق، يول ئېنىق، كەلگۈسىدىن ئۈمىد بار. باش شۇجى تۈزۈپ بەرگەن گۈزەل ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، شىنجاڭنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى.
ئۈرۈمچى شەھىرى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، «مال توپلاش، باغچە رايونى قۇرۇش، كەسىپلەرنى توپلاش»نى ئومۇمىي تەرەققىيات پىكىر يولى قىلىپ، تەرەققىيات ئورنىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ياۋروپا - ئاسىيا قۇرۇقلۇق يولى خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى، خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرى تەشكىلىي مەركىزى، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى زامانىۋى كەسىپلەر توپلانغان ئېگىزلىك قۇرۇپ، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلماقتا. قۇرۇقلۇق پورتى رايونى ئېچىۋېتىش تۈگۈنىنىڭ ئېنېرگىيە دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، يول ئىقتىسادىنىڭ تۈگۈن ئىقتىسادى، كەسىپ ئىقتىسادى، ماكانلاشقان ئىقتىسادقا تېز ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يېڭى دەۋردە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار ئەمەلىيىتى داۋامىدا تارىخقا نەزەر سالساق، جاڭ چيەننىڭ غەربىي يۇرتقا سەپەر قىلىپ، قەدىمىي يىپەك يولىنى ئېچىشتەك ئۇلۇغ ئىشىغا 2000 يىلدىن ئاشتى. يەنىلا شۇ چوڭ قۇرۇقلۇق، لېكىن ئۇزاققا سوزۇلغان كولدۇرما ئاۋازى ئاللىقاچان «پولات كارۋان»نىڭ گۈدۈك ئاۋازىغا ئايلاندى، باش شۇجى ئېيتقان «تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىش» يىپەك يولى روھىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يېڭى مۆجىزىلەرنى ياراتماقتا.
«باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى ماڭا ئۆز مەسئۇلىيىتىم ۋە بۇرچۇمنى تېخىمۇ تونۇتتى.» جاڭ جىن مۇنداق دېدى: چوقۇم باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم، يۇقىرى سۈپەتلىك يۈرۈشۈشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىمەن.
باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارلاق ئىستىقبال ئۈچۈن غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشىمىز
ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى ئىلگىرىكىدەكلا ئالدىراش ئىدى. لېكىن ھەربىر كىشىنىڭ ئالدىراشلىقى ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان تېخىمۇ چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى. بىرنەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى، كۆپچىلىك يەنىلا باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىدىن ھاياجانلاندى، باش شۇجىنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكىدىن تەسىرلەندى، تېخىمۇ مۇھىمى باش شۇجىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشىدىن ئىلھام ئالدى، ئالغا ئىلگىرىلەش ئىشەنچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تولۇپ تاشتى.
«غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشساق، كەلگۈسىمىز تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ.» نەق مەيداندا باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغان قۇرۇقلۇق پورتى گۇرۇھى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ خېڭ باش شۇجىنىڭ سۆزىنى ئېسىدە مەھكەم ساقلىدى. بۇ، چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان ئىلھام، تېخىمۇ مۇھىمى ئۈمىدكە تولغان تاپشۇرۇق. «كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى زىممىسىدىكى يۈكنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىغانلىقىنى ھېس قىلدى».
ما چۇنلېينىڭ تېخىمۇ كۆپ تەسىراتقا ئىگە بولغىنى بىر خىل كۈچلۈك تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بولدى، «باش شۇجى <بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىدا چوڭ سىزما رەسىمدىن نەپىس سىزما رەسىم سىزىشقىچە ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىپ، ئالاھىدە ئەۋزەللىككە ئىگە شىنجاڭدىن زور ئۈمىد كۈتتى. بىز جەزمەن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سىياسىي يۈكسەكلىكتىن تونۇپ، تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرە بىلەن ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى پىلانلايمىز».
ھازىرغىچە، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزى، ئۈرۈمچى كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت مەركىزى، ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى قاتارلىق بىر تۈركۈم قوللاش تۈرلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن تاماملىدى. ئۈرۈمچى تۆمۈريول پورتى تېز يوللانما مەركىزىمۇ 7 - ئاينىڭ بېشىدا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمەت سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستى.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، «بىر پورت» ئېچىۋېتىش تۈگۈنىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇپ، «مال توپلاش، باغچە رايونى قۇرۇش، كەسىپلەرنى توپلاش» ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئەشيا ئوبوروتىنى توپلاشتۇرۇش ئارقىلىق كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، «يىغىش - تارقاقلاشتۇرۇش - توشۇش» سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. نۆۋەتتە، خەلقئارا توقۇلما بۇيۇملار سودا مەركىزى پات ئارىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ، شىمالىي ۋوگزال خەلقئارا سودا ئەشيا ئوبوروتى باغچە رايونى، پورت ئەتراپى كەسىپلەر باغچىسى، تاشيول پورتى تۈرى قاتارلىق سۇپىلار تېز قۇرۇلۇۋاتىدۇ، قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ تەرەققىيات قىياپىتى كۈنسېرى نەپىسلىشىپ، «قانىتى» تېخىمۇ تولماقتا.
باش شۇجى تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: «سىرتقا ئېچىۋېتىش چوڭ يولى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش كېرەك.» ليۇ شاۋخۇا مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، رەقەملىك قۇرۇقلۇق پورتىنى يېتەكچى قىلىپ، خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى فۇنكسىيەسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى، سودا، تەمىنلەش زەنجىرى تۈگۈن سۇپىسى بەرپا قىلىپ، خەلقئارا تاۋارلارنى توپلاش، ئىشلەپچىقىرىش، كۆرگەزمە قىلىش، سېتىش - سېتىۋېلىش تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.
باش شۇجى تەكشۈرۈشتە بولۇشنى كۆپچىلىكنىڭ ئايرىلىشقا كۆزى قىيماسلىقى ئىچىدە ئاخىرلاشتۇردى. باش شۇجى ئايرىلىدىغان چاغدا ئالاھىدە تاپىلاپ مۇنداق دېدى: «<سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش>تا چىڭ تۇرۇپ، <ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش>تە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە دەل جايىدا بولۇشقا تىرىشىش، ئاممىغا قولايلىق يارىتىشقا تىرىشىش كېرەك».
«ئاشۇ دەقىقىدە، كۆپچىلىكنىڭ قەلبىدە بىر خىل ئىللىق سېزىم ئۇرغۇدى، تېخىمۇ مۇھىمى كۈرەش قىلىش كۈچى تولۇپ تاشتى.» ئۈرۈمچى - سانجى تاموژنىسى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش 1 - بۆلۈمىنىڭ 1 - دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى شيې پىڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ سەمىمىي ئوبرازى ۋە ئىلھامىنىڭ تۈرتكىسى مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدۇ. تاموژنىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ دېڭىز، قۇرۇقلۇق، ھاۋادىن يىغىپ توپلاش، يىغىپ توشۇش ۋە يۈك تەشكىللەش كەسپىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىغا پائال كۈچ قوشۇپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت ئەشيا ئوبوروتى ئەندىزىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى +چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا»، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ۋە TIR خەلقئارا يول تىرانسپورتى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىمەن.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەكشۈرۈشتە بولۇشى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى كىشى قەلبىنى ئىللىتىپ، كىشىنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى يەلكەن چىقىرىپ، قايتا يولغا چىقتى.