ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، قاراماي دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ يوپۇق ئېچىش يىغىنى ۋە قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى قاراماي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۆتىنچى «دۆلەت دەرىجىلىك» يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدا ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپجان مەمەت يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشىدىكى مۇھىم ۋاسىتە. گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىي جاۋابى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللايدىغانلىقىنى نامايان قىلدى، بۇ، تېخىمۇ مۇھىمى قاراماي شەھىرى، قاراماي يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتقانلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: قاراماي شەھىرى قەتئىي، كەسكىن ھالدا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ھەم شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەۋزەل بايلىقلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ، قاراماي دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنى قۇرۇپ چىقىشى؛ «يۇقىرى» «يېڭى» تەرەققىيات ئورۇن بېكىتمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى توپلىشى؛ يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇھىم ئامىل كاپالىتى مۇھىتى بەرپا قىلىپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قاتتىق تەدبىرلەر ئارقىلىق تىجارەت - سودا يۇمشاق مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
يىغىندا يەنە گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىي جاۋابى ئوقۇپ ئۆتۈلدى، كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.