□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ، چىگىش، ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئاساسىي زىددىيەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىجتىمائىي پىسخىكىلىق كۆزلىمىنى ياخشىلاش، تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇشتىن باشلاپ تۇتۇش قىلىپ، مۇھىم، زور ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسنى تۇتۇپ باشقا ئىشلارغا يول ئېچىپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.» مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بىر قاتار مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىلار قىلىندى. بۇ نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىغا سىياسەتنىڭ باھار شامىلىنى، بازارنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات ئاكتىپلىقىنى قوغداش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە كۈچلۈك ئىقتىدارىنى نامايان قىلغاندا، ئاساسنى تۇتۇپ باشقا ئىشلارغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىنى ساقلىغىلى بولىدۇ.
دۆلەت ئىچىدىكى ئېھتىياجنى كۈچەپ كېڭەيتىش كېرەك. ئومۇمىي ئېھتىياج يېتەرلىك بولماسلىق ھازىر ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك زىددىيەت، شۇنداقلا بازار سۇبيېكتلىرى ئەڭ بىۋاسىتە ھېس قىلغان قىيىنچىلىق. جەزمەن ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك دۆلەت ئىچى بازىرىنىڭ ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، ئىستېمالنىڭ ئۇللۇق رولى ۋە سېلىنمىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي تەكرار ئىشلەپچىقىرىشتا ياخشى ئايلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىستېمالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كېڭەيتىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى كۆپ يوللار ئارقىلىق ئاشۇرۇش، بولۇپمۇ ئىستېمال خاھىشى يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما يۇقۇمنىڭ تەسىرى زور بولغان ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تىرىشىپ ئىستېمال شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئىستېمال ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تۇرالغۇنى ياخشىلاش، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى قاتارلىق ئىستېماللارغا مەدەت بېرىش كېرەك. ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىش ۋە سىياسەت جەھەتتىن رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ خەلق ئىچى كاپىتالىنى دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلىرى ۋە كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ۋە جەلپ قىلىش كېرەك. ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى توسۇق نۇقتا، ئاغرىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا، بوش قالغان نۇقتىلارنى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش جەريانىدا تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تولۇق ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ ياخشى ئايلىنىشى ۋە ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭپۇڭلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇكەممەل كەسىپ سىستېمىسى ۋە يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور بولغان ئىچكى ئېھتىياج بازىرىغا ئىگە، ياسىمىچىلىق كۆلىمى يەرشارى بويىچە %30نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، يەرشارىۋى ياسىمىچىلىقتىكى مۇھىم تۈگۈن ھېسابلىنىدۇ. بىز ئەمەلىي ئىقتىساد، بولۇپمۇ ياسىمىچىلىقتىن ئىبارەت بۇ نېگىزنى چىڭ ساقلاپ، ئىچكى ماھارەتنى ياخشى چېنىقتۇرۇپ، مەزمۇت تۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئارتۇقچىلىقلارنى مۇستەھكەملەشنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىنى چۆرىدەپ ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، «گالنى بوغىدىغان» مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، كەسىپ سىستېمىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا تىزگىنلىگىلى بولۇشى ۋە بىخەتەر، ئىشەنچلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كەسىپلەرنى سەرخىللاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئىلغار، قوللىنىشچان تېخنىكا ئارقىلىق ئەنئەنىۋى ئەۋزەل كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. ياسىمىچىلىقنى سەرخىللاشتۇرۇش ئۆزەك ياساس بىلەنلا شۇغۇللىنىشنى كۆرسەتمەيدۇ، كىيىم - كېچەك، ئۆي جاھازلىرىنىمۇ سەرخىللاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ. يېڭى ئېنېرگىيە، سۈنئىي ئەقىلىي ئىقتىدار، بىيو ياسىمىچىلىق قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە ئەمەلىي قوللىنىش، كېڭەيتىشنى تېزلىتىپ، دادىللىق بىلەن يېڭى ساھە ئېچىش، يېڭى مۇسابىقە يولىدا غەلىبە قىلىش كېرەك. رەقەملىك ئىقتىساد دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ساھە. دائىملىق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قېلىپلاشقان، ساغلام، كۆزلىمىلىك تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ، سۇپا كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتقا يول باشلاش، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىش، خەلقئارا رىقابەتتە ئۆز قابىلىيىتىنى نامايان قىلىشىنى قوللاش كېرەك.
«ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»نى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرى، پۇقراۋى كارخانىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش تەلىپىنى تۈزۈم ۋە قانۇن جەھەتتىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى ئىگىلىك ۋە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا سىياسەت ۋە ئاممىۋى پىكىر جەھەتتىن ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش كېرەك. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى ئىنتايىن مۇھىم ئىش. دۆلىتىمىزنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكى «9،8،7،6،5» ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، يەنى %50تىن ئارتۇق باج كىرىمىگە، %60تىن ئارتۇق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىگە، %70تىن ئارتۇق تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسىگە، شەھەر - بازارلاردىكى %80تىن ئارتۇق ئەمگەكچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۆھپە قوشقان، كارخانا سانىنىڭ %90تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. پارتىيەمىزنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ۋاقىتلىق تەدبىر ئەمەس، بەلكى ئۇزاق مۇددەتلىك تەدبىر. بۇ مەسىلىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پوزىتسىيەسى ئېنىق، قىلچە بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىزچىل قوللاپ، «پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلار ئۆز ئادىمىمىز» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا ئورتاق تىرىشىپ، قېلىپلاشقان، ساغلام تەرەققىيات مۇھىتى ياراتقاندىلا، كارخانىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قويۇپ بەرگىلى، ئىقتىسادنى پۇختا قەدەم بىلەن راۋاجلاندۇرغىلى بولىدۇ. رەھبىرىي كادىرلار پۇقراۋى كارخانىلارغا ياردەم قىلىپ قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، «بىر پىيالە ئىسسىق چاي كەبى كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىدىغان» يېقىن، پاك ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشى كېرەك.
تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن تاشقى مەبلەغنى جەلپ قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش كېرەك. تاشقى مەبلەغنى پائال جەلپ قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ تېز تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى مۇھىم تەجرىبە. ھازىر، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر تاشقى مەبلەغنى زور كۈچ بىلەن جەلپ قىلىپ، يېڭى خەلقئارا ئىش تەقسىماتى سىستېمىسىدا پايدىلىق ئورۇننى ئىگىلەشكە تىرىشماقتا. كېمىنى ئېقىنغا قارشى ھەيدىگەندە، پالاقنى كۈچلۈك ئۇرمىساق چېكىنىپ كېتىمىز. بىز دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك دۆلەت ئىچى بازىرى ۋە كەسىپ سىستېمىسى مۇكەممەل بولۇش، ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ساپاسى يۇقىرى بولۇش ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، بازار ئىجازىتىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى، ئەركىن سودا پورتى قاتارلىق تۈرلۈك ئېچىۋېتىلگەن سۇپىلارنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان ئالدىنقى قاتاردىكى تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىغا قارىتا دۆلەت پۇقراسىدەك مۇئامىلىدە بولۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋە چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىشىمىز كېرەك. يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد - سودا كېلىشىملىرىگە قاتنىشىشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئالاقىدار قائىدە، تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەمگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سېلىشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى قاراتمىلىق ھالدا ياخشى ئىشلەپ، ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ۋاقتىدا ياردەم بېرىپ، ئەڭ زور دەرىجىدە قولايلىق يارىتىپ، بەلگە خاراكتېرلىك تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، چەت ئەلنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلىرىنى جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.
ئېغىر، زور ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. جەزمەن سىستېما قارىشى ۋە تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، يىراق - يېقىننى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچتىن ئىبارەت بۇ بۆلگۈچى ساننى زورايتىپ، خەۋپ - خەتەردىن ئىبارەت بۇ بۆلۈنگۈچى ساننى كىچىكلىتىپ، سىستېمىلىق خەۋپ - خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش كېرەك. ئۆي - مۈلۈك ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مالىيە - باج، ئاھالىلەرنىڭ بايلىقى، پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ، بىنانى تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، كەسىپلەرنىڭ مۇۋاپىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، مۈلۈك قەرز ئەھۋالىنى ياخشىلاپ، شەھەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، مۇتلەق خاراكتېرلىك ۋە ياخشىلاش خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى قوللاپ، ئۇزاق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، ئۆي - زېمىن كەسپىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە سىلىق ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىچكى جەھەتتىكى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىش مىكرو ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئالدى ئىشىكنى ئېچىپ، يان ئىشىكنى توسۇپ، ساقلانما مىقدارنى ئازايتىپ، ئېشىش مىقدارىنى تىزگىنلەپ، يەرلىكنىڭ ئاساسىي مالىيە كۈچى ۋە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى پۇختىلاش كېرەك.
2023 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ چوڭ سىياسەت - فاڭجېنلىرى بېكىتىلدى. بىز ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىجتىمائىي پىسخىكىلىق كۆزلىمىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلاپ، تەرەققىيات ئىشەنچىمىزنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىشىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلىشىمىز، قەدەمنى ياخشى ئېلىشىمىز كېرەك.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى)