ئۆز خەۋىرىمىز: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى (مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى)، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتى بىرلىكتە 2022 - يىللىق ئاپتونوم رايون بويىچە «يېڭى دەۋردىكى ياخشى ئۆسمۈر»لەرنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى.
بۇ ئون نەپەر ئىلغار تىپ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە «يېڭى دەۋردىكى ياخشى ئۆسمۈر»لەردىن ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش ئاساسىدا، ھەرقايسى جايلار كۆرسىتىش، قاتلاممۇقاتلام تاللاش، مۇتەخەسسىسلەر باھالاش، تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىش قاتارلىق تەرتىپلەر ئارقىلىق سايلاپ چىقىلغان ئەتراپىمىزدىكى ئۆسمۈر ئۈلگىلەر. ئۇلار پارتىيەنى سۆيىدىغان، ۋەتەننى سۆيىدىغان، ئەخلاق - پەزىلەتتە، ئۆگىنىشتە ئەلاچى، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولۇپ، تىرىشىپ ئۆگىنىش - بېرىلىپ ئۆگىنىش، دادىللىق بىلەن ئۆزىگە تايىنىش - ئۆزىنى كۈچەيتىش، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش، ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە قاتنىشىش ھەمدە ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىگە قىزغىن كۆڭۈل بۆلۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىسى ئەلا، ئىش ئىزلىرى گەۋدىلىك بولۇپ، ئالغا بېسىشقا، ياخشىلىققا ئىنتىلىش، چوڭلارغا ۋاپادار بولۇش، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا كۆيۈنۈش، ۋەتەنگە سادىق بولۇش، خەلققە سادىق بولۇشتىن ئىبارەت قىممەتلىك پەزىلىتىنى ۋە ئۇلۇغۋار ئىرادە تىكلەپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش روھىنى نامايان قىلدى.
2022 - يىللىق ئاپتونوم رايون بويىچە «يېڭى دەۋردىكى ياخشى ئۆسمۈر» دېگەن نامغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكىچە: خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسى چودا يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئىلمىنۇر ئۆمەرئابلا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 64 - ئوتتۇرا مەكتەپتىن ۋاڭ لىنگو (ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەجرىبە مەكتەپتە ئوقۇيدۇ)، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئارشاڭ ناھىيەلىك شەھەر - بازار باشلانغۇچ مەكتىپىدىن سىرۇڭ (ھازىر ئارشاڭ ناھىيەلىك تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدۇ)، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى نىلقا ناھىيەسى ۋۇجىن تەجرىبە مەكتىپىدىن مەنزىرە نۇرالدىن، قاراماي شەھەرلىك 15 - باشلانغۇچ مەكتەپتىن لۇ يىيەن (ھازىر قاراماي شەھەرلىك 7 - ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدۇ)، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىدىن جاڭ زىچېڭ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپىدىن جاڭ يۈتاڭ، قومۇل شەھەرلىك خېنەن - قومۇل تەجرىبە مەكتىپىدىن سەدىردىن سەيدۇل، تارباغاتاي ۋىلايىتى چۆچەك شەھەرلىك 10 - باشلانغۇچ مەكتەپتىن قادېس ئورساي (ھازىر چۆچەك شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدۇ)، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئۇلۇغچات ناھىيەسى قىزىلئۆي يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپتىن گۈلزادە قىلىچبېك.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، «كىشىلىك ھاياتتىكى تۇنجى تۈگمىنى ياخشى ئېتىش»نى باش تېما قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، «يېڭى دەۋردىكى ياخشى ئۆسمۈر»لەرنى باھالاش پائالىيىتىنى ئۇدا كۆپ يىل قانات يايدۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئەتراپىدىكى ئىلغار تىپلارنى قېزىش ئارقىلىق، ھەر مىللەت ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى ئۆگىنىشتە ئۈلگىسى بار بولۇش، ھەرىكەتتە نەمۇنىسى بار بولۇش، يېتىدىغان نىشانى بار بولۇش، تىرىشىپ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىدىن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
12 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن باشلاپ، 2022 - يىللىق ئاپتونوم رايون بويىچە «يېڭى دەۋردىكى ياخشى ئۆسمۈر»لەرنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئىقتىساد - تۇرمۇش قانىلى، ئۆسمۈرلەر قانىلى ھەمدە ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى، يىپەك يولى ئۈن - سىن APPسى قاتارلىق يۇغۇرما تاراتقۇ سۇپىلىرىدا سىجىل كۆرسىتىلىدۇ.