□يۆ يەنيۈن
12 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ غەربىدىكى ئايرودۇرۇم، شىنجاڭدىكى تۇنجى يۇقىرى ئېگىزلىك ئايرودۇرۇمى − تاشقورغان قونجىراپ ئايرودۇرۇمىدا رەسمىي قاتناش باشلاندى. بۇ، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ «پەرۋاز قىلىش» قىياپىتى بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويۇپ، تېخىمۇ كەڭ ھەم گۈزەل تەرەققىيات ئىستىقبالىنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، تاجىكىستان، ئافغانىستان، پاكىستاندىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدىغان چېگرا كىچىك ناھىيەسى، دېڭىز يۈزىدىن بىرقەدەر ئېگىز بولغاچقا، بۇ جاينىڭ يىل بويى كىلىماتى ناچار، ھاۋاسى شالاڭ. ئەمما بۇ يەردە ياشاۋاتقان خەلق كۈچلۈك ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىگە ئىگە، ئۇلار ئەۋلادمۇئەۋلاد جاپالىق شارائىتتا ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىنى قوغداپ، دۆلىتىمىزنىڭ چېگرا مۇداپىئە ئىشلىرى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشۇپ، تىللاردا داستان بولغۇدەك تەسىرلىك ھېكايىلەرنى پۈتتى، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن بالىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان لاچىن بايەكە ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇنىڭ ئىچىدىكى تىپىك ۋەكىل. بۇ يەردىكى خەلق ۋەتەننى سۆيىدۇ، يۇرتىنى سۆيىدۇ، جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش ياراتتى، لېكىن تارىخ، جۇغراپىيە قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، قاتناش قولايسىزلىقى ئىزچىل شۇ جاينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بىر چوڭ توسالغۇ بولۇپ كەلگەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى، مۇقەررەركى تاشقورغاننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن كەڭ يېڭى زېمىن ئېچىپ بېرىدۇ. بۇ، تارىخىي ئۆزگىرىش، شۇنداقلا تارىخىي ھالقىش بولۇپ، شۇ جايدىكى ئاممىغا تېخىمۇ پارلاق ئەتىنى ئېلىپ كېلىدۇ.
تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ نوپۇسى ئانچە كۆپ ئەمەس، 50 مىڭغا يەتمەيدۇ. دۆلەت نېمە ئۈچۈن نوپۇس زىچلىقى ئانچە چوڭ بولمىغان بۇنداق جايدا ئايرودۇرۇم قۇرىدۇ؟
ئايرودۇرۇم قاتناش تۈگۈنى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك موتور. تاشقورغان قونجىراپ ئايرودۇرۇمىدا قاتناش باشلانغانلىقى جۇڭگونىڭ ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت ئىشلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پەقەت ھەيۋەتلىك دولقۇندىكى بىر كىچىك بۇژغۇن، لېكىن تاشقورغاندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما، ھەتتا 25 مىليوندىن ئارتۇق تىيانشان ئوغۇل ـ قىزلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەھمىيىتى ناھايىتى ئالاھىدە. ئايرودۇرۇمنىڭ كەسىپكە تۈرتكە بولۇش رولى ئىنتايىن كۈچلۈك، مۆلچەرلىنىشىچە، ھەر مىليون يولۇچى شۇ جايغا 1 مىليارد 810 مىليون يۈەن ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئېلىپ كېلىدىكەن، شۇ جاي ئۈچۈن 5367 ئىش ئورنى يارىتىدىكەن؛ ئايرودۇرۇم ھەر 100 مىليون يۈەن بىۋاسىتە ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتسا، شۇ جايغا 540 مىليون يۈەن ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئېنىقكى، ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ياسالغان بۇ ئايرودۇرۇم جەزمەن تاشقورغانغا ھەم ئەتراپتىكى ئاممىغا غايەت زور بەخت ـ سائادەت ئېلىپ كېلىدۇ.
تاشقورغاندا ئاۋىياتسىيە يولىنىڭ ئېچىلىشى پارتىيەمىزنىڭ «خەلقنى مەركەز قىلىش»تىن ئىبارەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنىڭ شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى ئەڭ ھەقىقىي كارتىنىسى، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ۋە ھەر مىللەت خەلققە چوڭقۇر غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى نامايان قىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت جاراڭلىق قەسىمىنى دەلىللىدى.
ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. تاشقورغان قونجىراپ ئايرودۇرۇمىدا قاتناش باشلانغانلىقى شۇ جايدىكى ئاممىنى بىخەتەر، ئازادە، قولاي قاتناش شارائىتى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەت، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ. تاشقورغاننىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى ئۆزگىچە، ئايرودۇرۇمدا قاتناش باشلىنىشى شۇ جاينىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم تۈگۈن بولۇش سۈپىتى بىلەن، تاشقورغان مەۋقەنى رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە يېڭى نەتىجىنى نامايان قىلىدۇ.
كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، شۇنى ئالدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ سىرلىق تۇپراقتا ئۈزۈلمەس ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئېقىمى، مەبلەغ ئېقىمى، ئۇچۇر ئېقىمى تېخىمۇ جانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرا رايونىدا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.