□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ جىڭجىڭ
12 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) تيەنجۇشەن كوچىسىغا جايلاشقان جياڭخو دودو توپ سېتىش سۇپىسى مەھسۇلات تاللاش مەركىزىگە كىرگىنىمدە، شىخەنزە شەھىرى 143 ـ تۇەنىنىڭ توقاچ شاپتۇل ئورالما قېپى كۆزۈمگە چېلىقتى. بۇ يىل 20 توننىغا يېقىن 8000 يەشىك توقاچ شاپتۇل بۇ يەردىن پۈتۈن مەملىكەتكە سېتىلدى.
جياڭخو دودو توپ سېتىش سۇپىسى ئۈرۈمچى ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ئېلېكتىرونلۇق سودا جەمئىيىتىگە ماكانلاشقان بىر ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى. جەمئىيەت مۇلازىمەت قىلىدىغان 1200دىن ئارتۇق كارخانىغا تايىنىپ، بۇ سۇپا شىنجاڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا «مەخسۇس» ئېكولوگىيە چەمبىرىكى بەرپا قىلدى، كەسىپ بازىسىدىكى ئەلا سۈپەتلىك مال بىلەن تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر ۋە تۈرلۈك سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى بۇ سۇپىدا «قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىش»نى ئىشقا ئاشۇردى.
«بۇ چوڭ ئائىلىگە كىرگەن ئىككى يىلدىن بۇيان، مېنىڭ ئېرىشكىنىم پەقەت توقاچ شاپتۇلنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىشى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ» دېدى شىخەنزە شەھىرى خۇايۈەن بازىرى باۋگاڭ تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى فۇ باۋگاڭ.
فۇ باۋگاڭ ئۈرۈمچى ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ئېلېكتىرونلۇق سودا جەمئىيىتى كۆپ يىل يۈرۈشتۈرۈپ كەلگەن «تىيانشان سالاپىتى» ھەمبەھرە يىغىنىدىن جياڭخو دودو توپ سېتىش سۇپىسىنى چۈشەنگەنىدى. ئىككى يىل ئىلگىرى، توقاچ شاپتۇل پىشىدىغان پەسىلدە، دوستى فۇ باۋگاڭنىڭ توقاچ شاپتۇللىرىنى ئېلىپ ھەمبەھرە يىغىنىغا قاتناشتى. ئارقىدىن، فۇ باۋگاڭ ھەمكارلىق ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان نەچچە ئون تېلېفوننى قوبۇل قىلىپ، ئون نەچچە مال سېتىۋالغۇچى سودىگەر بىلەن يېڭىدىن ھەمكارلىق ئورناتتى. «كېيىن، مەن جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى بولدۇم، مەھسۇلاتلىرىم جياڭخو دودو توپ سېتىش سۇپىسىدا بازارغا سېلىندى» دېدى ئۇ.
شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن، جياڭخو دودو توپ سېتىش سۇپىسىدا مەھسۇلات تاللاش مەركىزى قۇرۇلۇپ، نەچچە مىڭ خىل مەھسۇلات كۆرگەزمە قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولغان شىئېردەن لازا قىيامى، ئۈستىقۇددۇس مېيى، يەنە ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان شىنجاڭ لەڭمەن چۆپى، بارماق چوڭلۇقىدىكى كىچىك توقاچ قاتارلىقلارمۇ بار، بۇ يەردىكى ھەربىر مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت، ئالاقىلەشكۈچى، باھانىڭ ھەممىسى ئاشكارا، ئېنىق. بۇ يىل 6 ـ ئايدا مەھسۇلات تاللاش مەركىزى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەر كۈنى ئون نەچچە كارخانا كېلىپ ھەمكارلىق توغرىسىدا كېڭەشتى. «مېنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلۇم مەھسۇلاتنىڭ يېنىغا قويۇلغان، بۇ ئىككى يىلدا، جياڭخو دودو سۇپىسى ئارقىلىق، مۇقىم خېرىدارىمدىن نەچچە ئونى كۆپەيدى.» فۇ باۋگاڭ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل 7 ـ ئايدا، باش شۇجى شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، 143 ـ تۇەن 9 ـ ليەندىكى توقاچ شاپتۇل بېغىغا كەلدى، بۇ بىزگە زور ئىلھام بولدى.» 8 ـ ئايدا، مەن <تىيانشان سالاپىتى> ھەمبەھرە يىغىنىدا لېكسىيە سۆزلىگەن ئەزىز مېھمان بولۇش سۈپىتىم بىلەن، خۇشاللىقىم ۋە ھاسىلاتىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتىم».
«شىنجاڭ سىرتىدىكى سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى ئەگەر شىنجاڭدا تۈرمۇتۈر ئۇدۇللاشماقچى بولسا، ئاز بولغاندا ئون نەچچە كۈن، كۆپ بولغاندا نەچچە ئاي كېتىدۇ. مەھسۇلات تاللاش مەركىزىدە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەھسۇلاتلارنى بىر بېكەت شەكلىدىلا چۈشىنىپ، مەھسۇلات تاللاش تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.» جياڭخو دودو توپ سېتىش سۇپىسىنىڭ مەسئۇلى لى جىڭ مۇنداق دېدى: سۇپا مال تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر ئۆتكىلىنى قاتتىق كونترول قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاچقۇچلۇق بىر نۇقتا جەزمەن مەخسۇس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق بازىسى بولۇشى كېرەك، «بىزنىڭ ئارزۇيىمىز شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش يولىنى ئېچىپ، كەسىپنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش».
يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن «تىيانشان سالاپىتى» ھەمبەھرە يىغىنىدا، كۆپچىلىك قانداق قىلغاندا «پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش» ئارقىلىق «كەسىپنى جانلاندۇرۇش»قا تۈرتكە بولۇشنى پائال مۇزاكىرە قىلدى. «پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان كىشىلەر توپىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. يېڭى دەۋردە <ئىككى يېڭى> پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن سۇپا ھازىرلاپ، پارتىيە ئەزالىرىنى كارخانا، جەمئىيەت، تەشكىلاتلارنىڭ مۇستەھكەم تۈۋرۈكىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇشى كېرەك» دېدى ئۈرۈمچى ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ئېلېكتىرونلۇق سودا جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى شىڭ زەيپېڭ.
سېتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇشنىڭ پايدىسىدا، بۇ يىل ئەتىيازدا، فۇ باۋگاڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى ئەزالارنى باشلاپ توقاچ شاپتۇل ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى كېڭەيتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ شەندۇڭدا توقاچ شاپتۇل ئۆستۈرۈش يېڭى تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋاتىدۇ. «تىيانشان سالاپىتى» ھەمبەھرە يىغىنى ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا جەمئىيىتى تەشكىللىگەن ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئۇ جەزمەن ئىلغار تېرىقچىلىق تېخنىكىسى ئارقىلىق توقاچ شاپتۇلنىڭ سۈپىتىنى مۇقىملاشتۇرغاندا، ئاندىن جەلپكارلىققا ئىگە بولغان شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش مىقدارى چېمپىيونىغا ئايلاندۇرالايدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشەندى.