يېڭى يىل باشلىنىپ، ھەممە يېڭى تۈسكە كىردى. 2023 - يىلى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلىنىدىغان يىل، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشقا قەدەم قويىدىغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىدىغان مۇھىم بىر يىل. ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 7 - ئومۇمىي يىغىنىدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلەر خۇلاسىلەندى، بۇ يىللىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، يىغىن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭىلىق يارىتىپ ئەمەلىي ئىشلەشكە سەپەرۋەر قىلىش، ئىشنى ياخشى باشلاپ، قەدەمنى ياخشى ئېلىپ، يېڭى مۇساپىدە تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن ئېقىنى ئۆركەشلەپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، كۈرەش قەدىمى مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ. 2022 - يىلىنى ئەسلىسەك، بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ، ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما داھىينىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن بىر يىل بولدى. تومۇزدىكى 7 - ئايدا يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈرۈشتىن، ئالتۇن كۈزدىكى 9 - ئايدا 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتىشكىچە، بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، خەلق داھىيسىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا بولغان سەمىمىي ھېسسىياتى ۋە غەمخورلۇقى، چوڭقۇر كۆيۈنۈشىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى. باش شۇجى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا تىنچ - ئىناق بولغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان يېڭى كەيپىيات بارلىققا كېلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويدى.
بېسىپ ئۆتكەن ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە مۇساپىنى ئەسلىگىنىمىزدە، بىز قولغا كەلتۈرگەن ھەربىر ئىلگىرىلەش، ھەربىر نەتىجە، نېگىزىدىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولغانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇق؛ «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ بىز جەزمەن چىڭ تۇرىدىغان ئالىي سىياسىي پىرىنسىپ ۋە تۈپ سىياسىي قائىدە ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا بىزنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، بارلىق خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىشىمىز، ئىشلار تەرەققىياتىدا يېڭى مەنزىل ئېچىشتىكى ئەڭ زور ئىشەنچىمىز، غەيرىتىمىز ۋە كۈچىمىز ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇق؛ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىنتايىن دانا، تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭ خىزمىتىدە توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشقا، غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۇتقىسى ۋە جېنى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇق.
مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم مېتودولوگىيەسى. ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 7 - ئومۇمىي يىغىنىدا مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىش، زىددىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىق، مەسىلىلەرنى يوشۇرماسلىقتا چىڭ تۇرۇلۇپ، بۇلتۇرقى خىزمەتلەردە ساقلانغان بىر قىسىم ئاساسلىق مەسىلىلەر مەخسۇس ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇشتەك خىزمەت ئىستىلى نامايان قىلىندى. بىز مەسىلە يۆنىلىشىدىن تۇتۇش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتتە ساقلانغان پەرق، كەمتۈكلۈك ۋە يېتەرسىزلىكلەرگە توغرا قاراپ، ھەقىقىي تۈردە مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى شىنجاڭ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق نۇقتا قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خىزمەتلەرنى ياخشىلاپ، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، قابىلىيەتنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە خەلققە لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشىمىز كېرەك.
ئومۇمىي يىغىندا شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، بۇ يىللىق ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇجەسسەملەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەت - دىن خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ھەم ئۇنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش داۋامىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى ۋە مەڭگۈ بوشىشىپ قالمايدىغان روھىي ھالەت بىلەن، قەتئىي تۈردە ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 7 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلانىنى جانلىق رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك.
تارىخنىڭ يۆگىمە رەسىمى ھەيۋەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش جەريانىدا كەڭ ئېچىلدى؛ دەۋر شان - شەرىپى ئۇدا كۈرەش قىلىش داۋامىدا پۈتۈلدى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «ئۈچ جەزمەن»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ ئۇلۇغ غەلىبە ۋە شان - شەرەپنى قولغا كەلتۈرەيلى!