□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ سىنلىق ئۇلىنىش شەكلى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە باھار بايرىمىلىق گۈزەل تىلەكلەرنى يوللىدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ھەسسىلەپ روھلاندى، ھەسسىلەپ ئىلھاملاندى، كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ تىرىشىپ ئىشلەپ، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى جاسارەت بىلەن پۇختا قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرىمىز.
سەمىمىي غەمخورلۇق قەلبلەرنى ئىللىتتى
باش شۇجى شى جىنپىڭ سىنلىق ئۇلىنىش قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «بىر جەمئىيەتنىڭ بەختلىك ياكى بەختلىك ئەمەسلىكىدە، ئەڭ مۇھىمى ياشانغانلارنىڭ بەختلىك ياكى بەختلىك ئەمەسلىكىگە قاراش كېرەك.» ئىككى كۈندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ياشانغانلار پاراۋانلىق ئورنىدا بايرام تۈسى قويۇق بولدى، كەڭ كۆلەمدە تازىلىق قىلىپ، چۇنليەن چاپلاپ، پانۇس ئېسىپ، كۆپچىلىك ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى، كەيپىيات تولىمۇ قىزغىن ئىدى. «باش شۇجىنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى قەلبىمىزنى ئىللىتتى. بىز چوقۇم تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ياشانغانلارنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنى بەختلىك ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىمىز.» پاراۋانلىق ئورنىنىڭ باشلىقى دۇەن خەييەن مۇنداق دېدى: باھار بايرىمى مەزگىلىدە، ياشانغانلار پاراۋانلىق ئورنى ياشانغانلار ئۈچۈن مەدەنىيەت كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، داۋالاش بىلەن كۈتۈشنى بىرلەشتۈرۈش ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ياشانغانلارنىڭ ساغلاملىقىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ياشانغانلارنىڭ پاراۋانلىق ئورنىدا باھار بايرىمىنى خۇشال، كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
سىنلىق ئۇلىنىش قىلغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسىدىكى كەڭ كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە باھار بايرىمىلىق تىلەكلەرنى يوللىدى ھەم كەڭ يولۇچىلارنىڭ سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. بۇ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق قاتناش - تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى شۈ چۇنيەننى چەكسىز ھاياجانلاندۇردى. 2022 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، G219 لىنىيەسىنىڭ ئاقچى ناھىيەسى - سەككىزتاش تاشيولىدا رەسمىي قاتناش باشلىنىپ، تاغنىڭ ئىچكىرىسىدە تۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئامما قولايلىق سەپەرگە چىقىش شارائىتىغا ئىگە قىلىندى. شۈ چۇنيەن مۇنداق دېدى: «باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى چوقۇم ئەستە چىڭ ساقلايمىز. بۇ يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، بىز ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، تەپسىلىي خىزمەت لايىھەسى تۈزۈپ چىقىپ، ئاپتوموبىللار، خادىملارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كاتتا باھار بايرىمىنى تىنچ ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز».
«باھار بايرىمىلىق ماللارنى تەييارلاپ بولدۇڭلارمۇ؟» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا بولغان غەمخورلۇقىدىن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى مېھراي ئابدۇقادىر ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئىلى ئوبلاستلىق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرىنىڭ باھاسىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆكتات قاتارلىق مۇھىم خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرى ۋە يۇقۇمغا مۇناسىۋەتلىك ماددىي ئەشيالارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، خەلق ئاممىسى كۈندىلىك سېتىۋالىدىغان مال باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەشيا ئوبوروتى، تەقسىملەپ يەتكۈزۈشنى راۋانلاشتۇرۇپ، بايراملىق بازار تەمىناتىنى موللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى باھار بايرىمىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
ئىككى كۈندىن بۇيان، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى يەتتە ئارال بازىرى كۆنىكمەي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى دەي يۈفېڭ شەھەردىن سېتىۋالغان باھار بايرىمىلىق ماللارنى بالدۇرلا رەتلەشكە باشلىدى. «گۆش، تۇخۇم، سۈت، كۆكتاتلاردىن نېمە كېرەك بولسا شۇ بار، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش شارائىتى بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى!» دەي يۈفېڭنىڭ چىرايىدا بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى. بۇ بىرنەچچە يىلدا، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە تايىنىپ، دەي يۈفېڭ ئائىلىسى تېرىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىرىمىنى بارغانسېرى ئاشۇردى، بۇلتۇر پىياز سېتىپلا 30 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى.
«باش شۇجى ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى ياد ئېتىپ تۇرىدۇ، ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسى بىز پۇقرالارنىڭ يۈرەك سۆزى، ئاڭلاپ دىلىمىز يايراپ كەتتى، غەيرىتىمىز تېخىمۇ ئاشتى. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، تۇرمۇشىمىزنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېدى دەي يۈفېڭ.
بۇرچنى دادىل زىممىگە ئالىمىز
«ھازىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش يېڭى باسقۇچقا كىردى، يەنىلا مۈشكۈل ۋاقىتتا تۇرۇۋاتىمىز، لېكىن تاڭ نۇرى ئالدىمىزدا، چىڭ تۇرۇشنىڭ ئۆزى غەلىبە!» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 5 - دوختۇرخانا ھەزىم قىلىش كېسەللىكى مەركىزىنىڭ مۇدىرى شۈ شىنجيەنگە چەكسىز كۈچ بېغىشلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا يۆتكەلدى. تېببىي خادىم بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، زىممىمىزدىكى مەسئۇلىيەت يەنىلا ئېغىر، بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بۇرچىمىزنى ياخشى ئادا قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىقىنى باشتىن - ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدايمىز».
باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش. «ھازىر باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلى، بىز گۇرۇھ شىركەتنىڭ <تىنچ باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇپ، تەرتىپلىك باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇپ، ئىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇپ، يولۇچىلارغا تېخىمۇ گۈزەللىك ھېس قىلدۇرۇش> خىزمەت تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، يولۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، يولۇچىلارنىڭ ئۆيىگە تىنچ، ئوڭۇشلۇق قايتىپ، شاد - خۇرام، ئىناق بولغان باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قومۇل پاراۋوز ئۇچاستىكىسى قومۇل ۋوگزالىنىڭ مۇئاۋىن ۋوگزال باشلىقى جاڭ شۈ.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلق ئۈچۈن ئاشلىق ھەممىدىن مۇھىم. «كۆكتات» «ئاشلىق» «مېۋە - چېۋە» مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەڭ ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى.
«باش شۇجىنىڭ سۆزى بىزنىڭ خىزمىتىمىزگە ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، تىرىشىش يۆنىلىشىمىزنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.» ئۈرۈمچى شەھىرى شىنليەن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئۇنىۋېرسال بازىرىنىڭ باشقۇرغۇچىسى خۇي مياۋمياۋ مۇنداق دېدى: باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بازار تېخىمۇ ئالدىراشچىلىققا تولدى، سودىگەرلەر پۈتۈن كۈچ بىلەن تىرىشىپ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، بايرام مەزگىلىدە بازار تەمىناتىدا مىقدارنىڭ يېتەرلىك، تۈرنىڭ مول، سۈپەتنىڭ خاتىرجەم، باھانىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۇقرالارنى ياخشى ئىستېمال قىلىش، ساغلام ئىستېمال قىلىش، ئېتىبار باھادا ئىستېمال قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
ئۇدا كۈرەش قىلىپ غەيرەت بىلەن ئىشلەيمىز
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردىكى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە يېزا - كەنت ساياھىتىنى ياخشى قىلىش كېرەك.
لوپ ناھىيەسى بۇيا يېزىسىنىڭ 4 - دەرىجىلىك مۇدىر بۆلۈم ئەزاسى يى يەنشىن مۇنداق دېدى: «بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى بوشاشماي كۈرەش قىلىشتىكى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، باغ - ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى بەرپا قىلىشتا ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىنى كېڭەيتىپ، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىنى ئۈمىدكە تولدۇرىمىز».
«يېڭى بىر يىل پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلىنىدىغان يىل. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، پۇختا قەدەم بىلەن غەيرەتكە كېلىپ ئىشلەپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كەڭ ئىستېمالچىلارنى خاتىرجەم تاۋار، ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمىز» دېدى شىنجاڭ دوستلۇق (گۇرۇھ) پاي چەكلىك شىركىتى دوستلۇق سودا سارىيىنىڭ باش دىرېكتورى شۈ لىيۈەن.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزى شۇ دەرىجىلىك بېجىرىش مۇلازىمەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى يۈ يۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى بىر يىلدا، ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا سىجىل كۈچەپ، ئىجتىمائىي كاپالەت بىخەتەرلىك تورىنى زىچ توقۇپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئامان - ئېسەن بولۇشىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىمىز. «باھار بايرىمى مەزگىلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتلىرى توردا بېجىرىش مۇلازىمىتىنى توختىتىپ قويماي، <ئالىقاندا بېجىرىش> <توردا بېجىرىش> <يېقىن ئەتراپتا بېجىرىش> ئەندىزىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاممىنى بايرام مەزگىلىدىمۇ قولايلىق مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن قىلدۇق» دېدى يۈ يۇڭ.
ئاقسۇ شەھىرى ئىگەرچى بازىرى تۆۋەنكى كۆكباش كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئابدۇساتتار توقسۇن مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، پۈتۈن كەنتتىكى ھەر مىللەت ئاممىنى يېتەكلەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، كۆپچىلىكنى تېخىمۇ تولۇق ئېرىشىش تۇيغۇسىغا، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بەخت تۇيغۇسىغا، تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈلگەن بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىمىز.
(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار سۇڭ ۋېيگو، جاڭ تىڭ، سۇ لۇپىڭ، ۋېي يۇڭگۇي، ليۇ يىمىڭ، خېي خۇڭۋېي، لى لىن، جاڭ جىلى، ئىختىيارىي مۇخبىرلار شى شۆخۇڭ، جاڭ يەنچاۋ، لى بويا)