3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 3 - ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىن رىياسەتچىسى ۋاڭ خۇنىڭنىڭ سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ۋاڭ ياڭ ئورنىدىن تۇرۇپ تەبرىكلەپ، ۋاڭ خۇنىڭ بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن 3 - ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى رەھبەرلىرىنى سايلاپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ خۇنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى، يىغىندا بىرلا ۋاقىتتا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 23 مۇئاۋىن رەئىسى سايلاپ چىقىلدى.
سايلام نەتىجىسى ئوقۇپ ئۆتۈلۈشتىن ئىلگىرى، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىن مەيدانىغا كېلىپ، بارلىققا كېلىش ئالدىدا تۇرغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنى تەبرىكلىدى. يىغىن رىياسەتچىسى ۋاڭ خۇنىڭنىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ۋاڭ ياڭ ئورنىدىن تۇرۇپ تەبرىكلەپ، ۋاڭ خۇنىڭ بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، پۈتۈن مەيداندا ئۇزاققىچە ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.
يىغىندا سايلاپ چىقىلغان سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى: شى تەيفېڭ، خۇ چۇنخۇا، شېن يۆيۆ، ۋاڭ يۇڭ، جوۋ چياڭ، پابالا گېليېلاڭجيې، خې خوۋخۇا، لياڭ جېنيىڭ، باتېر، سۇ خۇي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ، چېن ۋۇ، مۇ خۇڭ، شيەن خۇي، ۋاڭ دۇڭفېڭ، جياڭ شىنجى، جياڭ زوجۈن، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، چىن بويۇڭ، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن.
يىغىندا ۋاڭ دۇڭفېڭ سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ باش كاتىپلىقىغا سايلاندى ھەم سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 299 نەپەر ئەزاسى سايلاپ چىقىلدى.
يىغىن چۈشتىن كېيىن سائەت 3تە خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، شى تەيفېڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى جەمئىي 2169 كىشى، ئەمەلىي كەلگەن ئەزا 2125 كىشى بولۇپ، سايلامدىكى بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنىڭ سايلام چارىسىگە ئاساسەن، يىغىندا نامسىز بېلەت تاشلاش شەكلى قوللىنىلدى. رەئىس، مۇئاۋىن رەئىسلەر، باش كاتىپ ۋە دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى تەڭ نامزاتلىق سايلام چارىسى ئارقىلىق بارلىققا كەلدى. نامزاتلار بارلىق ئەزالارنىڭ قوللاپ تاشلىغان بېلەت سانىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىگە ئېرىشسە سايلانغان بولىدۇ.
سايلام باشلىنىشتىن بۇرۇن، يىغىن رىياسەتچىسى ئالدى بىلەن خىزمەتچى خادىمنى باش بېلەت نازارەتچىلىرى، بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئوقۇپ ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلدى. باش بېلەت نازارەتچىلىرى، بېلەت نازارەتچىلىرى دەرھال ئۆز ئورنىغا بېرىپ تۇردى، بېلەت نازارەتچىلىرى پۈتۈن مەيداندىكى 23 بېلەت ساندۇقىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ئىككى نەپەر باش بېلەت نازارەتچىسى يىغىنغا تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى دوكلات قىلدى.
ئارقىدىن، خىزمەتچى خادىملار سايلام بېلىتىنى ئايرىپ تارقىتىشقا باشلىدى. سايلام بېلىتى ئىككى پارچە بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا رەئىس، مۇئاۋىن رەئىس، باش كاتىپنى سايلاپ چىقىدىغان سايلام بېلىتى ۋە دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنى سايلاپ چىقىدىغان سايلام بېلىتى ئىدى.
خىزمەتچى خادىم سايلام بېلىتىنى تولدۇرۇش تەلىپىنى ئوقۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئەزالار سايلام بېلىتىنى تولدۇرۇشقا باشلىدى. بېلەت تاشلاش باشلانغاندىن كېيىن، باش بېلەت نازارەتچىلىرى، بېلەت نازارەتچىلىرى ئۆز ئورنىغا بېرىپ تۇردى ھەم ئاۋۋال بېلەت تاشلىدى، ئەزالار ئۆزلىرى ئولتۇرغان رايوندىكى بېلەت ساندۇقى ئالدىغا بېرىپ بېلەت تاشلىدى.
خىزمەتچى خادىملار يىغىۋېلىنغان سايلام بېلىتىنى ھېسابلاپ بولغاندىن كېيىن، باش بېلەت نازارەتچىلىرى يىغىن رىياسەتچىسىگە بېلەت تاشلاش نەتىجىسى دوكلاتىنى تاپشۇردى. يىغىن رىياسەتچىسى: سايلام كۈچكە ئىگە، دەپ جاكارلىدى.
بېلەت ھېسابلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خىزمەتچى خادىم سايلام بېلىتىنى ھېسابلاش نەتىجىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى. سايلام نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، رەئىس، مۇئاۋىن رەئىسلەر، باش كاتىپ ۋە دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى بولۇپ جەمئىي 323 نەپەر نامزاتنىڭ ئېرىشكەن بېلىتى بارلىق ئەزالار تاشلىغان ئومۇمىي بېلەت سانىنىڭ يېرىمىدىن ئېشىپ، ھەممىسى سايلانغان.
يېڭىدىن سايلانغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 65.3 ياش. مۇئاۋىن رەئىسلەر ئىچىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى 11 نەپەر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى ئەمەس زاتلار 12 نەپەر، ئاز سانلىق مىللەت زاتلار 4 نەپەر، ئايال 4 نەپەر. يېڭىدىن سايلانغان دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 60.8 ياش، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى ئەمەس زاتلار 195 نەپەر بولۇپ، %65.2نى ئىگىلىدى؛ ئاز سانلىق مىللەت زاتلار 32 نەپەر؛ ئايال 48 نەپەر.
پۈتۈن مەيداندىكى ئەزالار قىزغىن ئالقىش سادالىرى بىلەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.