لى خۇڭجۇڭ
لى خۇڭجۇڭ، ئەر، خەنزۇ، 1956 - يىلى 8 - ئايدا تۇغۇلغان، شەندۇڭ چاڭلېدىن، 1975 - يىلى 8 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1976 - يىلى 12 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، جىلىن داشۆ تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ تارىخشۇناسلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەن، داشۆ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، مەسئۇل ئىقتىسادچى.
ھازىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى.
ۋاڭ دۇڭمىڭ
ۋاڭ دۇڭمىڭ، ئەر، خەنزۇ، 1956 - يىلى 7 - ئايدا تۇغۇلغان، لياۋنىڭ كۈەنديەندىن، 1975 - يىلى 8 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1975 - يىلى 6 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
ھازىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى.
شياۋ جيې
شياۋ جيې، ئەر، خەنزۇ، 1957 - يىلى 6 - ئايدا تۇغۇلغان، لياۋنىڭ كەييۈەندىن، 1976 - يىلى 3 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1985 - يىلى 8 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، مالىيە مىنىستىرلىقى مالىيە ئىلمى تەتقىقات ئورنىنىڭ مالىيە كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتورى، مەسئۇل ئىقتىسادچى.
ھازىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى.
جېڭ جيەنباڭ
جېڭ جيەنباڭ، ئەر، خەنزۇ، 1957 - يىلى 1 - ئايدا تۇغۇلغان، خۇنەن شىمېندىن، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 1976 - يىلى 8 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، شەرقىي شىمال سىفەن داشۆسى سىياسىي مائارىپ فاكۇلتېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەن، داشۆ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
ھازىر 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى.
دىڭ جۇڭلى
دىڭ جۇڭلى، ئەر، خەنزۇ، 1957 - يىلى 1 - ئايدا تۇغۇلغان، جېجياڭ شېڭجوۋدىن، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، 1988 - يىلى 8 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى گېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى پالېئونتولوگىيە ۋە يەر قاتلىمى ئىلمى كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، تەبىئىي پەنلەر دوكتورى، تەتقىقاتچى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى.
ھازىر 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى.
خاۋ مىڭجىن
خاۋ مىڭجىن، ئەر، خەنزۇ، 1956 - يىلى 12 - ئايدا تۇغۇلغان، شەندۇڭ جياشياڭدىن، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، 1971 - يىلى 12 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، جۇڭگو سىياسىي - قانۇن داشۆسى قانۇن شۆيۈەنىنىڭ دەۋا قانۇنشۇناسلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، قانۇنشۇناسلىق دوكتورى، پىروفېسسور.
ھازىر 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركىزىي كومىتېت سوتسىيالىزم شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى.
سەي دافېڭ
سەي دافېڭ، ئەر، خەنزۇ، 1960 - يىلى 6 - ئايدا تۇغۇلغان، جېجياڭ نىڭبودىن، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، 1985 - يىلى 7 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، تۇڭجى داشۆ بىناكارلىق فاكۇلتېتىنىڭ بىناكارلىق تارىخى ۋە نەزەرىيەسى كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، سانائەت پەنلىرى دوكتورى، پىروفېسسور.
ھازىر 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى.
خې ۋېي
خې ۋېي، ئەر، خەنزۇ، 1955 - يىلى 12 - ئايدا تۇغۇلغان، خېيلۇڭجياڭ خاربىندىن، جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، 1975 - يىلى 12 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، گېرمانىيە ھېيدېلبېرگ داشۆسى نەزەرىيە مېدىتسىنا فاكۇلتېتى ئىممۇنولوگىيە كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، تېببىي پەنلەر دوكتورى، پىروفېسسور.
ھازىر 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى.
ۋۇ ۋېيخۇا
ۋۇ ۋېيخۇا، ئەر، خەنزۇ، 1956 - يىلى 9 - ئايدا تۇغۇلغان، سەنشى شياۋيىدىن، «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، 1974 - يىلى 12 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، ئامېرىكا يېڭى جېرسېي ئىشتاتى داشۆسى ئۆسۈملۈك ئىلمى فاكۇلتېتىنىڭ ئۆسۈملۈك ئىلمى كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، تەبىئىي پەنلەر دوكتورى، پىروفېسسور، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى.
ھازىر 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى.
تيې نىڭ
تيې نىڭ، ئايال، خەنزۇ، 1957 - يىلى 9 - ئايدا تۇغۇلغان، خېبېي جاۋشيەندىن، 1975 - يىلى 7 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1975 - يىلى 11 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئەدەبىي ئىجادىيەت بويىچە 1 - دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئىگە.
ھازىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى.
پېڭ چىڭخۇا
پېڭ چىڭخۇا، ئەر، خەنزۇ، 1957 - يىلى 4 - ئايدا تۇغۇلغان، خۇبېي دايېدىن، 1974 - يىلى 8 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1976 - يىلى 6 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، جۇڭشەن داشۆنىڭ كارخانا باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، باشقۇرۇش ئىلمى دوكتورى، تەتقىقاتچى.
ھازىر 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى.
جاڭ چىڭۋېي
جاڭ چىڭۋېي، ئەر، خەنزۇ، 1961 - يىلى 11 - ئايدا تۇغۇلغان، خېبېي لاۋتىڭدىن، 1982 - يىلى 8 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1992 - يىلى 12 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، غەربىي شىمال سانائەت داشۆسى ئايروپىلان فاكۇلتېتىنىڭ ئايروپىلان لايىھەلەش كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، باشقۇرۇش ئىلمى دوكتورى، تەتقىقاتچى.
ھازىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، خۇنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى.
لوساڭ جياڭسۈن
لوساڭ جياڭسۈن، ئەر، زاڭزۇ، 1957 - يىلى 7 - ئايدا تۇغۇلغان، شىزاڭ چايادىن، 1976 - يىلى 2 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1978 - يىلى 12 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
ھازىر 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى.
شۆھرەت زاكىر
شۆھرەت زاكىر، ئەر، ئۇيغۇر، 1953 - يىلى 8 - ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ غۇلجىدىن، 1970 - يىلى 12 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1985 - يىلى 6 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ داشۆ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئالىي دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملار سودا - سانائەت باشقۇرۇش كەسپى بويىچە ماگىستىر.
ھازىر 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى.
ليۇ چى، ئەر، خەنزۇ، 1957 - يىلى 9 - ئايدا تۇغۇلغان، شەندۇڭ يىشۈيدىن، 1974 - يىلى 3 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1976 - يىلى 10 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، شىئەن قاتناش داشۆسىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتورى، ئالىي ئىنژېنېر.
ھازىر 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)