گېزىتىمىز ئۈرۈمچى 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - پەسىلدە، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى 55 مىليون 390 مىڭ 300 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.1 ئېشىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.
بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش، ئەتىيازلىق يەر ئاغدۇرۇش، ئەتىيازلىق تېرىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئومۇميۈزلۈك زورايتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋاقتىنى ئالدىغا سۈردى، كۆمۈر بازىرىدا ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش تەڭ جانلىنىپ، شىنجاڭ تۆمۈريول تىرانسپورت مىقدارىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.
شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى كۆمۈر، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق يۈك تىرانسپورتىنى چۆرىدەپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، گۇرۇھ شىركەت، ۋوگزال - ئۇچاستىكا ئىككى دەرىجىلىك ماركېتىڭ گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، 221 كارخانا بىلەن زىيارەت قىلىپ ئۇدۇللىشىپ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە سېتىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، مال مەنبەسىنى پائال تەشكىللەپ، توشۇش كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭشەپ تەقسىملەپ، خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى دەل جايىدا ماسلاشتۇردى.
كۆمۈر تۆمۈريول تىرانسپورتىدىكى «تۇراقلاشتۇرغۇچ». جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى يۈك تىرانسپورت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى شىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: كۆمۈر تىرانسپورتىنىڭ يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا، 1 - ئايدىن 2 - ئايغىچە، بازارنىڭ پار بىلەن تەمىنلەش، يورۇتۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدىغان كۆمۈرگە بولغان ئېھتىياجى كۈچىيىپ، توك چىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان كۆمۈرنى توشۇش مىقدارى ئاشقان؛ 3 - ئايدا ھاۋا ئىللىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىدىغان كۆمۈرى مۇھىم نۇقتىغا ئايلانغان.
«بىز يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىننىڭ كۆمۈر تەمىنلەش - ئېھتىياج ئەھۋالىغا ئاساسەن، باسقۇچلۇق كۆمۈر تىرانسپورتى يۆنىلىشى ۋە مۇھىم نۇقتىسىنى جانلىق تەڭشەپ، ئىستراتېگىيەلىك خېرىدارلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا كاپالەتلىك قىلىش كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توشۇش كۈچىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك سېلىنمىسى، توشۇش مىقدارىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق» دېدى لى شىڭ.
يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقى خىزمىتى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ قانات يايدۇرۇلدى، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى، ئۇرۇق قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي تۆمۈريول ئارقىلىق ھەرقايسى جايلارغا توشۇلدى.
شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ئادەم كۈچى، ماشىنا - سايمانلارنى يېتەرلىك، تولۇق سەپلەپ، ئالدىن قوبۇل قىلىش، ئالدىن بوش ۋاگون سەپلەش، ئالدىن تەشكىللەش، ئالدىن ۋاگونغا قاچىلاش، ئالدىن چېتىپ توشۇشتىن ئىبارەت «بەشتە ئالدىن بولۇش» تىرانسپورت پىرىنسىپىنى يولغا قويۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش يېشىل يولى ئاچتى، 1 - پەسىلدە خىمىيەۋى ئوغۇت، ئۇرۇق، يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمانلىرى قاتارلىق ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كېرەكلىك جەمئىي 2 مىليون 595 مىڭ توننا يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى توشۇلۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.8 ئاشتى.
«بىز خىمىيەۋى ئوغۇتقا كاپالەتلىك قىلىش بويىچە توشۇش تەلىپىگە ئاساسەن، ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى بىلەن ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلار ئۈچۈن مەخسۇس توشۇش لايىھەسى تۈزدۇق، ھەر كۈنى ئۈچ - تۆت قېتىم خىمىيەۋى ئوغۇت مەخسۇس پويىزى قاتنىدى، بۇ يىل 649 مىڭ 900 توننا خىمىيەۋى ئوغۇت توشۇدۇق» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى قومۇل يۈك تىرانسپورت مەركىزى لوجۇڭ تىجارەت بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى لى چۈەنشېڭ.