گېزىتىمىز، ئۈرۈمچى، 2 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، 2024 ـ يىللىق ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، 2023 ـ يىللىق ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى خۇلاسىلەندى، 2024 ـ يىللىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى ئورگانلار پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ، بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى قادېن كەبىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى + يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات»نى پائال ئالغا سىلجىتىپ، نەمۇنىلىك ئورگان بەرپا قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىجىل تۈردە ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇپ، ئاساس سېلىپ، قوشۇننى يېتەكلەپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار، ئورۇنلارنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي ئورگان قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە «بىرىنچى چاسا سەپ» بولۇپ ياخشى مېڭىش كېرەك. «ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى +» خىزمىتىگە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يۇغۇرما خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى ماركىسىنى يېتىلدۈرۈپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى كەسىپ ئەھلىلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت زەنجىرىنى چىڭىتىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىلمىي نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ، ئورگانلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
يىغىندا، 2023 ـ يىللىق ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ «بەشتە ياخشى» ئۆلچەملەشكەن، قېلىپلاشقان پارتىيە ياچېيكىسى ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىلىرى تەقدىرلەندى.