گېزىتىمىز، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئىدارىسىنىڭ ۋىۋىسكىسى ئۈرۈمچىدە رەسمىي ئېسىلدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئىشلىرىدا يېڭى تارىخىي سەھىپە ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
شۇ كۈنى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەرنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش باش ئەترەتلىرىگە شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئىدارىسىنىڭ ۋىۋىسكىسى رەسمىي قوشۇپ ئېسىلدى. ئۆلكە دەرىجىلىك 31 ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئىدارىسى ۋىۋىسكىسىنىڭ بىرتۇتاش ئېسىلىشى ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش باش ئەترىتى، تارماق ئەترىتى، چوڭ ئەترىتىگە شۇ ئەترەتلەر تۇرۇشلۇق ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئىدارىسى ۋىۋىسكىسىنى قوشۇپ ئېسىش خىزمىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، مەملىكەت بويىچە شەھەر، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئىدارىلىرىگە ۋىۋىسكا ئېسىش خىزمىتى تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ 6 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تولۇق تاماملىنىدىكەن.
ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئىدارىسىنىڭ ۋىۋىسكىسى ئېسىلغاندىن كېيىن، ھەر دەرىجىلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنلىرى شۇ جايدىكى پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ زىچ سىڭىشىپ، تەۋەلىك بويىچە ئوت مۇداپىئەسىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئوت ئۆچۈرۈش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىكى بويىچە ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىدە ئىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپجان مەمەت ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.