6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئارتىسلار يوتقان قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەرگە ئۇسسۇل ئويناپ بەرمەكتە. □شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى
6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ساياھەتچىلەر قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ۋۇگۇڭتەي بازىرى بەخت كەنتىدىكى يېزا - كەنت قاپاق باغچىسىدا قاپاققا داغماللاپ رەسىم سىزىلغان ئەسەرلەرنى تاماشا قىلماقتا. □تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى
6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ساياھەتچىلەر نارات مەنزىرە رايونىدىكى تيەنجيې سۇپىسىدا سەيلە - ساياھەت قىلماقتا. شۇ كۈنى، بۇ مەنزىرە رايونى 30 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالدى. □جاڭ ۋېنتىڭ فوتوسى
6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ساياھەتچىلەر تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسىدە ئويۇن كۆرمەكتە. شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمىگۇ رايونىغا جايلاشقان تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسى 26 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. □ۋاڭ جۇاڭجۇاڭ فوتوسى
6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ساياھەتچىلەر قاناس مەنزىرە رايونىدا سۈرەتكە چۈشۈپ سەيلە قىلماقتا. ياز كۈنلىرىدىكى قاناس سالقىن، يېقىشلىق، مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل بولۇپ، كىشىلەر مېھرىنى ئۈزەلمەيلا قالدى. □جاۋ گۇيرۈي فوتوسى
6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئارتىس قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدىكى «گۈلىنىڭ ئۆيى» ساياھەت ئائىلە زىيارىتى كۈتۈۋېلىش نۇقتىسىدا ساياھەتچىلەرگە ئۇسسۇل ئويناپ بەرمەكتە. قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى ئۆزگىچە جەلپكارلىقى بىلەن جاي - جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. □ئادىلجان ئابدۇقادىر فوتوسى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى جىشېن
قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ ھەممە يېرى خۇشال بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى، ھەر مىللەت ئامما بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىپ، قانغۇچە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىدى، خۇشال، ئىناق مەنزىرە جاي - جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، ھەرقايسى جايلاردىكى مەنزىرە رايونلىرىدا ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.
گۈزەل شىنجاڭ خۇددى يازدىكى گۈلدەك چىرايلىق، كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، قارلىق چوققىدىكى قارىغايلار، كۆل، تاغ مەنزىرىسى، قۇملۇق مەنزىرىسى... ساياھەتچىلەر گۈزەل يۆگىمە رەسىملەر ئىچىدە تەبىئەتنىڭ جەلپكارلىقىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى.
ئۇزاق، چوڭقۇر تارىخ، ئادىمىيەت قەدىمىي شەھەر خارابىلىرىگە مۇجەسسەملەنگەن. كىشىلەر كونا كوچىلارنى سەيلە قىلىپ، تارىخىي ئىزلارنى ئىزدەپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى پۇراقنى ھېس قىلدى.
ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ناخشىلار، ئويناپ قانمايدىغان ئۇسسۇل، كۆرۈپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان گۈزەل مەنزىرە ۋە خەلق ئۆرپ - ئادىتى... مۇشۇنداق گۈزەل مەنزىرە ئىچىدىكى ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، گۈزەل شىنجاڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان شىنجاڭ بولۇپ، كىشىلەر مېھرىنى ئۈزەلمەيدۇ.