
8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى خىزمەتچى سەنيى ئېغىر سانائىتى ھاسىلىي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى (باركۆل) چوڭ مېگاۋاتلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق شامال ئېلېكتىر جابدۇق ياسىمىچىلىقى كەسىپلەر باغچىسىدىكى قانات ياساش سېخىدا مەشغۇلات قىلماقتا. بۇ كەسىپلەر باغچىسى سەنيى ئېغىر سانائىتى ھاسىلىي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭدىكى چوڭ مېگاۋاتلىق شامال ئېلېكتىر ئاساسىي گېنېراتورى ھەم ئۇنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن قانىتىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان مۇھىم بازىسى. بۇ تۈر كۆزلىمە ئىشلەپچىقىرىش نىشانىغا يەتكەندىن كېيىن، يىلىغا 400 شامال ئېلېكتىر ئاساسىي گېنېراتورى، 1200 قانات ئىشلەپچىقىرالايدۇ، مەھسۇلات قىممىتى 3 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۈ فوتوسى