گېزىتىمىز، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جياڭ زوجۈن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تاشقى ئىشلار كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى ئەزالار كۆزدىن كەچۈرۈش ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى ئەھۋالى»نى چۆرىدەپ مەخسۇس تېمىدا كۆزدىن كەچۈرۈشنى قانات يايدۇردى.
كۆزدىن كەچۈرۈش ئۆمىكى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قاراماي، ئۈرۈمچى، قومۇل قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، كەسىپلەر باغچە رايونىغا كىرىپ، خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىنى زىيارەت قىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي باغچىسىنى كۆرۈپ، ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرىلەشلىرىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلار بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ھەمتۈرتكىلىك پىكىر ئالماشتۇردى.
كۆزدىن كەچۈرۈش ئۆمىكى مۇنداق قارىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىدىكى ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىش بولۇپ قالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئومۇمىي يىرىك پىلانى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتا شىنجاڭنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشىنى نامايان قىلىپ، مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. كۆزدىن كەچۈرۈش ئارقىلىق، ئەزالار يۇقىرىقى نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ نېگىزىدىن ئېيتقاندا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن بولغانلىقى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
كۆزدىن كەچۈرۈش ئۆمىكى مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يۆنىلىش ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىشى، تەشۋىق قىلىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك؛ «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبىگە پۈكۈپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ خاسلىقى، ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىرىكىش نۇقتىسى، باشلىنىش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشى كېرەك.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش كۆزدىن كەچۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرىدىن ليۇ جيېيى، جاڭ ئېندى، ۋاڭ مىن، سۈي جۈن، شۈ شياۋلەن، ليۇ تاۋ، چى شياۋبىڭ، جاڭ ۋېنمىڭ، لىن لىيىڭ، جياڭ يىڭ، غەنىزات توختى كۆزدىن كەچۈرۈشكە قاتناشتى.
ۋاڭ گاڭ سۆھبەت يىغىنىدا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، ھەسەنجان ئەخمەت ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.