□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن
بۇ يىل 7 - ئايدا، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدە، شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ يەككە گەۋدىلىك يېڭى ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرىدە ئىش باشلاندى؛ 8 - ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونىدا، شىنجاڭدىكى تۇنجى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئېنېرگىيە ساقلايدىغان لىتىي باتارېيە ئېلېكتىر ئۆزىكى تۈرىدە ئىش باشلاندى؛ 9 - ئايدا، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدە، يەرشارى بويىچە ئەڭ چوڭ كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىلىق ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى...
شىنجاڭنىڭ شامال، يورۇقلۇق بايلىقى ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بولۇشتەك مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىگە ئالغان، بىر پارچە كۆپ خىللىق تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان، ماس تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى ئۇلۇغۋار پىلانى بۇ جايدا تۈزۈلمەكتە. بولۇپمۇ، بۇ يىل شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ، تەرەققىيات سۈرئىتى تېزلىتىلدى. بۇ يىل 8 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ جەمئىي ئېنېرگىيە ساقلاش گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى.
«يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا كىرگۈزۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ، يەنە مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارى، كەلگۈسى يۆنىلىشكە قويۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇقەررەر تەدبىر. كەلگۈسىدە، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كۆلىمىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى ۋە يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش ئىستىقبالى پارلاق بولىدۇ.
ئېنېرگىيە ساقلاش گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمىنىڭ رېكورتى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاندى
9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، جىنفېڭ تيەنرۇن داۋانچىڭ ئىنچىكىلەشتۈرۈلگەن ئېنېرگىيە ساقلاش 2 - ئېلېكتىر ئىستانسىسى قوماندانلىق مەركىزىگە كىرگەندە، ئاقىل سانلىق مەلۇمات باشقۇرۇش سۇپىسىنىڭ چوڭ ئېكرانى كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى، گۇرۇپپا - گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلار ئېنېرگىيە ساقلاش ئۈسكۈنىسىدىن قوماندانلىق مەركىزىگە ئۈزلۈكسىز يەتكۈزۈلۈپ، ئارقىدىن سانلىق مەلۇمات باشقۇرۇش سۇپىسى ئاپتوماتىك تەھلىل قىلاتتى ۋە كۆرۈنمە شەكىلدە ئەكس ئەتتۈرەتتى، بۇ، ئىنژېنېرلارنىڭ تېز تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم قىلىشى ھەم دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئىشلىتىلەتتى.
«بۇ تۈردە جىنفېڭ شىركىتىنىڭ نۆل كاربونلۇق ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئاچقان تور تىپىدىكى ئېنېرگىيە ساقلاش سىستېمىسى قوللىنىلغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن تېمپېراتۇرا، كۈچلۈك قۇم - بوران مۇھىتىدىكى ئېنېرگىيە ساقلاش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.» جىنفېڭ تيەنرۇن داۋانچىڭ رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلى سۈن يىجياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى سودا خاراكتېرلىك يۈرۈشتۈرۈلگەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، 14 ئېنېرگىيە ساقلاش باتارېيە بۆلۈمچىسى نورمال يۈرۈشۈپ، ھەر كۈنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىككى قېتىم توك قاچىلىنىپ، ئىككى قېتىم توك قويۇپ بېرىلىدىغان بولۇپ، %300لىك نورمىلىق توك ئون سېكۇنتلۇق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قاچىلىنىپ بولۇش ۋە «قارا قوزغىتىش» ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى تەڭشەش، چاستوتىسىنى تەڭشەشكە قاتنىشىش ئارقىلىق، يېڭى ئېنېرگىيە ئىستېمالىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى.
بۇ، شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش قۇرۇلۇشىنىڭ بىر ئىخچام كارتىنىسى.
يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش دېگەن نېمە؟
بۇ، سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاشتىن باشقا، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چىقىرىشنى ئاساسىي شەكىل قىلغان ھەم سىرتنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان ئېنېرگىيە ساقلاش تېخنىكىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ توك ئىشلىتىش مىقدارى تۆۋەن بولغاندا، شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيەلەردىن «جىمجىت» پايدىلىنىپ توك قاچىلىيالايدۇ، توك ئىشلىتىش مىقدارى يۇقىرى بولغاندا بىردىنلا «پاكىز، يېشىل» توكنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈپ، «مىللىسېكۇنت دەرىجىسى»دە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سىستېمىسىنىڭ تەڭشەش ئېھتىياجىغا ئىنكاس قايتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.
يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سىستېمىسىنىڭ تېز بەرپا قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بولۇش سۈپىتىدە، يېڭى ئېنېرگىيە ئىشلىتىش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت كۆپ خىل ۋەزىپىگە يۈزلەنمەكتە. يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك تارقىتىشنىڭ تۇراقسىزلىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئېلېكتىرو خىمىيەلىك ئېنېرگىيە ساقلاش ۋەكىللىكىدىكى يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش شىنجاڭدا تېز تەرەققىي قىلدى.
بۇ يىل 8 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ ئېنېرگىيە ساقلاش گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى جەمئىي 6 مىليون 430 مىڭ 500 كىلوۋات\ 21مىليون 318 مىڭ 500 كىلوۋات سائەت بولۇپ، كۆلەم جەھەتتە مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى.
ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش كېرەك، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنى ئىشلىتىش كېرەك. دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، بۇ يىل 1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش توك قاچىلاش مىقدارى 2 مىليارد 700 مىليون كىلوۋات سائەت، توك تارقىتىش مىقدارى 2 مىليارد 320 مىليون كىلوۋات سائەت، ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمى %85.9 بولغان؛ شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ۋاقتى 1158 سائەتكە يېتىپ، 2023 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىنىڭ 4.81 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن. ئېنېرگىيە ساقلايدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ پايدىسىدا، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش نىسبىتى 3.1 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان.
شىنجاڭ ۋونېڭ شىسەنجيەنفاڭ ئېنېرگىيە ساقلاش 1 - ئېلېكتىر ئىستانسىسى شىنجاڭدىكى تۇنجى ئېلېكتىر تورى يانداش يېڭى تىپتىكى ئۆز ئالدىغا ئېنېرگىيە ساقلايدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسى. «ئېلېكتىر ئىستانسىسى ھەر كۈنى چۈشتىكى، كەچتىكى توك ئىشلىتىش تۆۋەن پەللە مەزگىلىدە توك قاچىلايدۇ، ئەتىگەنكى، كەچتىكى توك ئىشلىتىش يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە توك تارقىتىدۇ، يۇقىرى پەللە بىلەن تۆۋەن پەللىدىكى باھا پەرقى پايدىسى بىرقەدەر ياخشى» دېدى بۇ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى مەيدان - پونكىتىنىڭ مەسئۇلى شى مىڭشېڭ.
«بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە زاپىسىنى ئېچىش كۆلىمىدە ئۈزلۈكسىز رېكورت ياراتتى ھەم ئۆزگىچە، خاس بولغان ئېنېرگىيە ساقلاش تەرەققىيات يولىنى شەكىللەندۈردى» دېدى جۇڭگۇەنسۈن ئېنېرگىيە ساقلاش كەسپى تېخنىكا ئىتتىپاقىنىڭ كېڭەش باشلىقى چېن خەيشېڭ.
دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىنژېنېرى لى يۈ مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭدا يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ كەڭ كۆلەمدە تېز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، يېڭى ئېنېرگىيە سەپلەش - ساقلاش ۋە ئۆز ئالدىغا، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى تېز سۈرئەتتە ئاشتى، 2024 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش تورلاشتۇرۇش كۆلىمىنىڭ 10 مىليون كىلوۋاتقا يېتىشى مۆلچەرلەندى.
كۆپ خىل كۆپ ھالەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتى نامايان بولدى
8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، شىنجاڭ شېڭرۇي لۈيۈەن بەش گىگاۋات سائەت يېڭى ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلۇشى تۈرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىدۇڭ رايونىدا باشلاندى. بۇ، شىنجاڭدىكى تۇنجى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئېنېرگىيە ساقلايدىغان لىتىي باتارېيە ئېلېكتىر ئۆزىكى تۈرى بولۇپ، يۇقىرى ئېقىندىكى يانداش كەسىپلەرنى كىرگۈزۈپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئېنېرگىيە ساقلايدىغان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى ئومۇميۈزلۈك راۋانلاشتۇرىدۇ.
قەشقەر شەھىرى شېنجېن كەسىپلەر باغچىسىدا، سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگىنىگە ئەمدىلا ئىككى ئايدىن ئاشقان شىنجاڭ گاۋشى يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى كۈنىگە 1 مىليون دانە لىتىيلىق باتارېيە ئىشلەپچىقىرالايدۇ، مەھسۇلاتلىرى شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى بازارلاردا تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ.
شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە ساقلاش تەرەققىياتىغا ئومۇمىي جەھەتتىن نەزەر سالساق، تېخنىكا لىنىيەسىدىن قارىغاندا، تۆمۈر فوسفاتلىق لىتىينىڭ ئېنېرگىيە ساقلىشى ئاساسىي ئېقىم ھېسابلىنىدۇ. دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، بۇ يىل 8 - ئايغىچە، تۆمۈر فوسفات لىتىي ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى شىنجاڭدىكى يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە زاپىسىنىڭ %98.79نى ئىگىلىگەن. قىسىپ چىقىرىلغان ھاۋادا ئېنېرگىيە ساقلاش، فېيلۇن ئېنېرگىيە ساقلاش قاتارلىقلارنىڭ ئەمەلىي قوللىنىشىغا ئەگىشىپ، كەلگۈسىدە، شىنجاڭدا ئېنېرگىيە ساقلاشتا كۆپ خىل كۆپ ھالەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتى نامايان بولىدۇ.
ئەمەلىي قوللىنىش ھالىتىدىن قارىغاندا، يېڭى ئېنېرگىيە سەپلىمە قۇرۇلۇشى بويىچە ئېنېرگىيە ساقلاش مۇتلەق يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ يىل 1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ ئېنېرگىيە زاپىسى يېڭىدىن 2 مىليون 478 مىڭ 500 كىلوۋات\ 9 مىليون 134 مىڭ كىلوۋات سائەت كۆپەيدى، بۇنىڭ ھەممىسى سەپلىمە قۇرۇلۇش بويىچە ئېنېرگىيە ساقلاش ھېسابلىنىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە ساقلاش سىغىمى 10 مىليون كىلوۋات سائەتتىن ئېشىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %54.48كە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كۆلىمى ئەڭ چوڭ.
گەرچە يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش مۇسابىقە يولىنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى زور، پايدا يارىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا نۇرغۇن خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. قانداق قىلىپ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاشتىكى رېئال تەلەپكە ئايلاندى.
دۆلەت قاتلىمىدىن قارىغاندا، «14 - بەش يىل»دىن بۇيان، دۆلىتىمىز يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش بازىرىنىڭ ئورنى، پايدا يارىتىش ئەندىزىسى، تەرەققىيات مېخانىزمى قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار قوللاش سىياسەتلىرىنى چىقىرىپ، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش كەسپىنىڭ تېز تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.
شىنجاڭ قاتلىمىدىن قارىغاندا، پىلانلاش - ئورۇنلاشتۇرۇش، تورلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈش، بازار سودىسى، توك باھاسى مېخانىزمى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئېنېرگىيە ساقلاش سىياسەت سىستېمىسى تەدرىجىي بەرپا قىلىندى، بولۇپمۇ 2022 - يىلى، 2023 - يىلى كۆپ تۈرلۈك سىياسەتلەر زىچ چىقىرىلىپ، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ياخشى سىياسەت مۇھىتى يارىتىلدى.
بولۇپمۇ بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى «يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاشنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىياتىنى قوللايدىغان يانداش سىياسەتلەرنى چىقىرىش، تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئۆز ئالدىغا ئېنېرگىيە ساقلاپ توك تارقاتقاندا توك تارقىتىش سۇبيېكتى سۈپىتىدە ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك سودىغا قاتناشتۇرۇش، ئۆز ئالدىغا ئېنېرگىيە ساقلاش سىغىمى بويىچە توك باھاسى تولۇقلىمىسى بېرىشنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش، ئۆز ئالدىغا ئېنېرگىيە ساقلاشنى قوشۇمچە مۇلازىمەت بازىرىغا قاتناشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش، ئۆز ئالدىغا ئېنېرگىيە ساقلاشنىڭ تەننەرخىنى ھەمبەھرىلەش مۇلازىمىتى ئارقىلىق قايتۇرۇۋېلىشتىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە ساقلاش بازىرىنىڭ پايدا ئېلىش مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.
بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ يەنە شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ ئېنېرگىيە ساقلاپ يۈرۈشۈشىنى تەھلىل قىلىش سۇپىسى قۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش بويىچە ئۇلاش ۋە تورلاشتۇرۇش تەرتىپىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە ساقلاشنى تورلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش بىلەن يېڭى ئېنېرگىيە، نورمال توك مەنبەسىنى ماسلاشتۇرۇپ ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىقلارغا تۈرتكە بولدى.
بۇ سىياسەتلەرنىڭ پارلاق نۇرى يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش ساھەسىگە چۈشۈپ، پۈتۈن ساھەنىڭ تەرەققىيات باھارىنى كۈتۈۋېلىشىغا ئىمكانىيەت ياراتتى.
شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش تەرەققىيات بوشلۇقى غايەت زور
«قوش كاربون» نىشانىدا، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە بازىسى بولغان شىنجاڭدا قومۇل، شەرقىي جۇڭغار، جەنۇبىي شىنجاڭ تارىم ئەتراپىدىن ئىبارەت 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلدى، قۇرۇلۇۋاتقان يېڭى ئېنېرگىيە كۆلىمى 80 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشىدۇ، قومۇلنىڭ شىمالى، چاقىلىق قاتارلىق 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشى سىجىل تېزلىتىلىۋاتىدۇ.
مۆلچەرلىنىشىچە، 2024 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 100 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشىدىكەن.
ئالاقىدار تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، ھەر 10 مىليون كىلوۋات يېڭى ئېنېرگىيە كۆپەيسە، يۇقىرى پەللىنى تەڭشەش ئېھتىياجىدىن 6 مىليون 500 مىڭ كىلوۋات ئاشىدىكەن، 1 - قېتىملىق، 2 - قېتىملىق چاستوتىنى تەڭشەش ئېھتىياجىدىن 1 مىليون كىلوۋات، 2 مىليون 500 مىڭ كىلوۋات ئاشىدىكەن. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر بىلەن مۇقىم تەمىنلەش زور مىقداردىكى بايلىق تەڭشەش تىرىكىگە ئېھتىياجلىق بولۇپ، بۇ، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاشنى تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
«شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش تەرەققىيات بوشلۇقى غايەت زور، قۇرۇلمىلىق تور تىپىدىكى ئېنېرگىيە ساقلاش ھەمدە تۆت سائەت ھەم ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئۇزاق ۋاقىت ئېنېرگىيە ساقلاش ئېھتىياجى تەدرىجىي ئاشىدۇ» دېدى چېن خەيشېڭ.
لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ يەنە شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ يۈرۈشۈشىگە خىرىس ئېلىپ كەلدى.
لى يۈ مۇنداق تونۇشتۇردى: يېڭى ئېنېرگىيەدىن توك چىقىرىشتا «ئىنتايىن ئىسسىقتا شامال بولماسلىق، ئىنتايىن سوغۇقتا شامال بولماسلىق، قاتتىق سوغۇقتا يورۇقلۇق ئاز بولۇش، كەچلىك يۇقىرى پەللىدە يورۇقلۇق بولماسلىق» ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن توك چىقىرىشتا «ئەتىياز، كۈزدە چوڭ بولۇش، قىش، يازدا كىچىك بولۇش» ئالاھىدىلىكى نامايان بولىدۇ، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر تورى يۈكىنىڭ «قوش يۇقىرى پەللە»سى (يازلىق، قىشلىق يۇقىرى چوققا ئېلېكتىر يۈكى يۇقىرى پەللىسى) ئالاھىدىلىكىنىڭ دەل ئەكسىچە بولۇپ، ئېنېرگىيە تەمىنلىگۈچى تەرەپ بىلەن ئىستېمال قىلغۇچى تەرەپنىڭ پەسىل خاراكتېرى قاتارلىق ۋاقىت ئۆلچىمىدە «خاتا سەپلەش»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئېلېكتىر تورىنىڭ يۈرۈشۈش ئالاھىدىلىكىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى. ئېلېكتىر تورىنىڭ ئەنئەنىۋى مەنىدىكى «يۇقىرى پەللە» «تۆۋەن پەللە» ۋاقىت بۆلىكىدە ئۆزگىرىش بولدى، بولۇپمۇ چۈشلۈك تۆۋەن پەللىدىكى يورۇقلۇق ۋولت كۆپ يۈزبېرىدىغان ۋاقىت بۆلىكىدە، سىستېمىنىڭ نورمال ئېنېرگىيەگە بولغان ساپ يۈك ئېھتىياجى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ، ئېلېكتىر تورىنىڭ ساپ يۈك ئەگرى سىزىقىدا روشەن «ئۆردەك تىپى» ئالاھىدىلىكىنىڭ كۆرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چۈشلۈك تۆۋەن پەللىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك كېرەككە كەلمەسلىك ۋە ئەتىگەنلىك - كەچلىك يۇقىرى پەللىدە توك كەمچىل بولۇش مەسىلىسى قايتا - قايتا ۋە گىرەلەشمە ھالەتتە كۆرۈلدى.
بۇنىڭدىن باشقا، يېڭى ئېنېرگىيەنى تورلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش ۋە ئېلېكتىر تورىنىڭ يۈرۈشۈشىنى كونترول قىلىش جەھەتتىكى مەسىلىلەرمۇ جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك.
كەلگۈسىدە، ئېنېرگىيە ساقلاشنى قۇرۇلمىلىق تورغا قانداق قاتناشتۇرۇش ساھە ئىچىدىكىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم نۇقتا. بېيجىڭ جىنفېڭ كاربونسىز ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى ئاقىل ئېنېرگىيە ساقلاش ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىنژېنېرى چياۋ يۈەن مۇنداق تونۇشتۇردى: جىنفېڭ كاربونسىز قۇرۇلمىلىق تور تىپىدىكى ئېنېرگىيە ساقلاش تېخنىكىسى «مۇقىم بولۇش، ئىشەنچلىك يۈرۈشۈش، جايىدا بولۇش، تېز تولۇقلاش» ئالاھىدىلىكىنى ھازىرلىغان بولۇپ، ئالدىنقى بىر ئەۋلاد قۇرۇلمىلىق تور تېخنىكىسىغا سېلىشتۇرغاندا، ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك بولغان ئېلېكتىر تورىغا ماسلىشىش ئىقتىدارى، ئېلېكتىر بېسىمى تىرىكى ئىقتىدارى ۋە چاستوتا تىرىكى ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى. كەلگۈسىدە ئېنېرگىيە ساقلاشنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىنىڭ تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇشتا ساھەگە تېخىمۇ زور ئىشەنچ قوشتى.
جۇڭگو ئېنېرگىيە تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش باشلىقى شى يۈبو مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ ۋەكىللىكىدىكى غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە بىلەن ئېنېرگىيە ساقلاشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى يېڭى پىكىر يولى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىش دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدا يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئېنېرگىيەنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تىرەك بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئالاقىدار ئىزدىنىش ئاللىقاچان باشلاندى.
«<مەنبە، تور، يۈك كۆتۈرۈش، زاپاس ساقلاش>تا تەڭ كۈچ چىقىرىلىپ، بىر جەھەتتىن ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى ئۇلاش، يەتكۈزۈش ئىلگىرى سۈرۈلدى، يەنە بىر جەھەتتىن شىنجاڭ ئىچى، شىنجاڭ سىرتىدىن ئىبارەت ئىككى بوشلۇقتا سىرتقا يەتكۈزۈش، ئىچىدە ئىشلىتىشكە تۈرتكە بولۇنۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەدىن ياخشى پايدىلىنىش ئىلگىرى سۈرۈلدى» دېدى لى يۈ.
دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى «يېڭى ئېنېرگىيە + ئېنېرگىيە ساقلاش» قوش ھەمتۈرتكە بولۇشنى يولغا قويۇپ، ئېنېرگىيە ساقلاشنىڭ «ئېنېرگىيە يۆتكەپ چوققا پەللىگە تىرەك بولۇش تورى»لىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆلەملەشكەن ئېنېرگىيە ساقلاش ئەمەلىي قوللىنىش ئەمەلىيىتى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئېنېرگىيە ساقلاشنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشقا تىرەك بولۇش قاتارلىق يەتتە جەھەتتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئېنېرگىيە ساقلاشنىڭ يەككە ھالدا يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن كۆپ خىللاشقان ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمنى جارى قىلدۇرۇشقا ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرماقتا.
يېڭى ئېنېرگىيەگە كاپالەتلىك قىلىندى − شىنجاڭدا يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش تەرەققىي قىلىپ گۈللەنمەكتە.