□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي
«چىلگە شال ئورۇلۇشقا باشلىدى، پەسىللىك شالنىمۇ تېزلا ئورۇيمىز. دۆلەتنىڭ ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتى بولغاچقا، بۇ يىل ئائىلىمىز يېڭىدىن تىراكتور سېتىۋالدۇق، بىزگە تېزلا ئەسقاتىدىغان بولدى.» 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىدۇڭ رايونى ياڭماۋگۇڭ بازىرىدا، كەنت ئاھالىلىرى ھاۋا ئوچۇق كۈنلەردىن پايدىلىنىپ، كۈزلۈك يىغىم مەشغۇلاتىغا ئىشلىتىلىدىغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بالدۇر رېمونت قىلىپ ئاسراشنى قانات يايدۇردى، كەنت ئاھالىسى ما خۇڭ مۇنداق دېدى: بىر يېڭى تىراكتور سېتىۋالساق، ھۆكۈمەت 9000 يۈەندىن كۆپرەك ياردەم پۇل بەردى، ئائىلىمىزدىكىلەر بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇق.
يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا يولغا قويۇلغىنىغا كۆپ يىل بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈشى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ كېڭەيتىلىشىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ياردەم پۇلىنىڭ دائىرىسىمۇ مۇناسىپ تەڭشىلىپ، تېخنىكىسى ئىلغار، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش ۋە تۈجۈپىلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى بولغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بەھرىمەن بولىدىغان ياردەم پۇل سوممىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ياردەم پۇل بېرىش شەكلى ئارقىلىق تېخنىكا جەھەتتە ئارقىدا قالغان، بىراك قىلىش يىل چېكىگە يەتكەن ياكى ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەن، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى چوڭ بولغان ئەھۋاللار ساقلانغان بىر قىسىم يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىراك قىلىشقا ئىلھام بېرىلدى.
8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىراك قىلىش، يېڭىلاش ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى سىجىل ياخشى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىراك قىلىش، يېڭىلاش ياردەم پۇلى بېرىش لايىھەسى» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى. 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى، مالىيە نازارىتى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2024 - يىلىدىن 2026 - يىلىغىچە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىش ياردەم پۇلى بېرىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىش ياردەم پۇلى بېرىش لايىھەسى» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى. ئىككى لايىھەنىڭ تۈزۈلۈپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنىڭ سۈپىتى ۋە مىقدارىنى ماس قەدەمدە ئۆستۈرۈشكە يەنىمۇ تۈرتكە بولىدۇ.
«يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىراك قىلىش، يېڭىلاش ياردەم پۇلى بېرىش لايىھەسى»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ياردەم پۇلى بېرىش ئوبيېكتى ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت تەشكىلاتلىرى. بۇنىڭ ئىچىدە: دېھقانلار يەنە مالىيەدىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى تاپشۇرمايدىغانلار قاتارلىقلارنى ھەم دېھقان سالاھىيىتىدىكى كەنت كادىرلىرى، كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورۇنلىرىدىكى ماسلىشىپ باشقۇرۇش خادىملىرى قاتارلىق خادىملار ھەمدە دۆلەت ئىلكىدىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت تەشكىلاتلىرى يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكى تەشكىلاتى، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق ئىگىلىكى تەشكىلاتى، يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باشقا تەشكىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ياردەم پۇلىنىڭ تۈرى جەھەتتە، «يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىراك قىلىش، يېڭىلاش ياردەم پۇلى بېرىش لايىھەسى»دە مۇنداق بەلگىلەندى: ئاساسلىقى «يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى، مالىيە مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭىنىڭ خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىراك قىلىش، يېڭىلاش ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى سىجىل ياخشى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»دا بەلگىلەنگەن تىراكتور، ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى، كومبايىن (ئاشلىق، پاختا، ياغلىق دان، شېكەر قومۇشى قاتارلىق زىرائەتلەرنى بىرلەشمە ئورۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ماشىنىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، شال مايسىسى تىكىش ماشىنىسى، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان بېيدوۋ قوشۇمچە ھەيدەش سىستېمىسى، موتورلۇق تۇمانلىتىپ پۈركۈش (توزانسىمان پۈركۈش) ماشىنىسى، موتورلۇق دان ئايرىش ماشىنىسى، يەم - خەشەك (ئوت - چۆپ) يانجىش ماشىنىسى، ئوت - چۆپ توغراش ماشىنىسى قاتارلىق توققۇز خىل ماشىنا - سايمان ھەمدە ئاپتونوم رايون ئۆزى تاللاپ يېڭىدىن كۆپەيتكەن بىرلەشمە يەر تۈزلەش ماشىنىسى، چىشلىق ساپان، قالدۇق سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىش ماشىنىسى، شاخ - شۇمبىلارنى يانجىپ ئېتىزغا قايتۇرۇش ماشىنىسى، ئاپتوماتىك كۆك (سېرىق) رەڭلىك سىلوس يەم - خەشىكى يىغىش ماشىنىسى، ئاپتوماتىك تۈرلۈك مېۋە - چېۋىلەرنى يىغىش ماشىنىسى (شوخلا، لازا، گازىر تاۋۇزىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن ئىبارەت ئالتە خىل ماشىنا - سايماننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە(شەھەر، رايون)لەر ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، بەلگىلىمە بويىچە بىراك قىلىنىدىغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ تۈرىنى ئۈچتىن ئاشۇرماسلىق شەرتىدە ئۆز ئالدىغا بېكىتسە بولىدۇ.
«يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىراك قىلىش، يېڭىلاش ياردەم پۇلى بېرىش لايىھەسى»دە يەنە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىراك قىلىش شەرتى، ياردەم پۇل ئۆلچىمى، رەسمىيەت بېجىرىش قاتارلىقلار توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى.
كونىسىنى شاللاپ يېڭىسىنى قوبۇل قىلىش، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنى ھەم بىراك قىلىش، ھەم يېڭىلاش كېرەك.
«يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىش ياردەم پۇلى بېرىش لايىھەسى»دە دائىرىنى كىچىكلىتىش، نورمىنى تىزگىنلەش، ئۆلچەمنى تەڭشەش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، كىرگۈزۈشمۇ - چىقىرىشمۇ بولۇش، ئەلا سۈپەتلىك ماشىنىلارغا يۇقىرى تولۇقلىما بېرىشتە چىڭ تۇرۇلدى، بۇ، ئاشلىق، پاختا، ياغلىق دان قاتارلىق ئاساسلىق زىرائەتلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە بىرلىك ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىشتا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىشكە نۇقتىلىق ياردەم پۇلى مەدىتى بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.
بۇنىڭ ئىچىدە، «يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىش ياردەم پۇلى بېرىش لايىھەسى»دە ياردەم پۇلى بېرىش دائىرىسى ۋە ماشىنا - سايمانلارغا ياردەم پۇل بېرىش جەھەتتە، دائىملىق ياردەم پۇل بېرىلىدىغان ماشىنا - سايمانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىدا يېڭىلىق يارىتىلغان مەھسۇلاتلار دەپ ئايرىلىدۇ. دائىملىق ياردەم پۇل بېرىلىدىغان ماشىنا - سايمانلارنىڭ تۈر دائىرىسى 24 چوڭ تۈر، 52 كىچىك تۈردىكى 126 مەھسۇلاتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۈچ يىل ئىچىدە ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولىدۇ ھەم ھەرقايسى جايلار ئوتتۇرىغا قويغان كۆپەيتىش، ئازايتىش تەكلىپىگە ئاساسەن يىل بويىچە تەڭشىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىدا يېڭىلىق يارىتىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ تۈر دائىرىسى مەخسۇس باھالىنىدىغان مەھسۇلاتلار ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بويىچە يېڭىلىق يارىتىلغان مەھسۇلاتلارغا ياردەم پۇل بېرىلىدىغان مەھسۇلات تۈرىگە قارىتا ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش يولغا قويۇلىدۇ، پۈتۈن شىنجاڭدا پىرىنسىپ جەھەتتە ئون مەھسۇلات تۈرىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، تەڭشەش يىل بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
□ئەسكەرتمە
يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىراك قىلىش، يېڭىلاش ياردەم پۇلى بېرىش يېڭى مەزمۇنغا ئىگە بولدى
«يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىراك قىلىش، يېڭىلاش ياردەم پۇلى بېرىش لايىھەسى»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىراك قىلىش، يېڭىلاش ياردەم پۇلى بىراك قىلىنغانغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇل ۋە يېڭىلىغانغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلدىن ئىبارەت ئىككى بۆلەكتىن تەركىب تاپىدۇ. بىراك قىلىنغانغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلدا نورمىلىق ياردەم پۇل بېرىش يولغا قويۇلىدۇ، 20 ئات كۈچىدىن تۆۋەن تىراكتورلاردىن باشقا، بىراك قىلىشقىلا ئىلتىماس قىلىپ، يېڭىدىن سېتىۋالمىغانلارغا ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بىراك قىلىش ياردەم پۇل ئۆلچىمى يولغا قويۇلىدۇ. بىراك قىلىنغان 20 ئات كۈچىدىن تۆۋەن تىراكتورلارنىڭ ھەربىرىگە بېرىلىدىغان ئەڭ يۇقىرى بىراك قىلىش ياردەم پۇل سوممىسى 1000 يۈەندىن 1500 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ؛ بىراك قىلىنغان كومبايىن، شال مايسىسى تىكىش ماشىنىسى، ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى ھەم يېڭىدىن سېتىۋېلىنغان ئوخشاش تۈردىكى ماشىنا - سايمانلارغا بېرىلىدىغان بىراك قىلىش ياردەم پۇل ئۆلچىمى %50تىن ئېشىپ كەتمىگەن ئاساستا ئۆستۈرۈلىدۇ، ھەربىرىگە بېرىلىدىغان ئەڭ يۇقىرى بىراك قىلىش ياردەم پۇل سوممىسى 30 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ؛ پاختا يىغىش ماشىنىسى بىراك قىلىنسا ھەم يېڭىلاپ سېتىۋېلىنسا ھەربىرىگە بېرىلىدىغان ئەڭ يۇقىرى بىراك قىلىش ياردەم پۇل سوممىسى 30 مىڭ يۈەندىن 60 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ. 2024 - يىلى 6 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن باشلاپ بىراك قىلىش ياردەم پۇل ئىلتىماسىنى تاپشۇرغانلارغا، تەڭشەلگەندىن كېيىنكى بىراك قىلىش ياردەم پۇل ئۆلچىمى ئىجرا قىلىنىدۇ، بىراك قىلىش ياردەم پۇلى ئالغانلارغا كەم قالغان قىسمىغا ياردەم پۇل تولۇقلاپ بېرىلىدۇ.
يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىشتە نورمىلىق ياردەم پۇل بېرىش يولغا قويۇلىدۇ
«يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىش ياردەم پۇلى بېرىش لايىھەسى»دە مۇنداق بەلگىلەندى: يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىش ياردەم پۇلى بېرىشتە نورمىلىق ياردەم پۇل بېرىش يولغا قويۇلىدۇ. ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە(شەھەر، رايون)لەرنىڭ بىردەك تەكرار ياردەم پۇل بېرىشنى يولغا قويۇشىغا بولمايدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستنىڭ ياردەم پۇل ئۆلچىمى داۋاملىق تۈردە «يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى، مالىيە مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭىنىڭ شىزاڭدا ۋە شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا پەرقلىق ھالدا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىش ياردەم پۇلى بېرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ، ئاپتونوم رايون ئىجرا قىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق پەيتتە ئۇنى ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەيدۇ.