گېزىتىمىز، سانجى، 10 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئىدىيەۋى ـ سىياسىي دەرس سۆزلەش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى ـ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 10 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپجان مەمەت سانجى شۆيۈەنىدە ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيەۋى ـ سىياسىي دەرس سۆزلىدى.
يۈسۈپجان مەمەت «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، شىنجاڭنى سۆيىدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئۆزىنى بېغىشلايدىغان سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن بولايلى» باش تېمىسىدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، مول ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىن چوڭقۇر چۈشەندۈردى.
يۈسۈپجان مەمەت مۇنداق كۆرسەتتى: ئالىي مەكتەپلەر پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم بۇرچنى زىممىگە ئالغان، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتا يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلىشى كېرەك. دىققەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەپ، مائارىپ تەرەققىياتى، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئوقۇش ـ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
يۈسۈپجان مەمەت كەڭ ياش ئوقۇغۇچىلارغا مۇنداق ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى: تارىخ ئۆگىنىش جەريانىدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەخت ـ سائادىتىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى، نەپنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلىش، مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش جەريانىدا شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل تەرەققىيات ئىستىقبالىنى ئېنىق كۆرۈش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ قىزغىن ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىش كېرەك. داھىينىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غايە ـ ئېتىقادنى باشتىن ـ ئاخىر چىڭىتىش؛ دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداش؛ پۇختا قەدەم بىلەن كۈرەش قىلىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قابىلىيەتنى ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىش، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىش؛ ئارزۇغا ئىنتىلىش، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا جۈرئەت قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىش، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىش كېرەك.
دەرس سۆزلەشتىن بۇرۇن، يۈسۈپجان مەمەت سانجى شۆيۈەنىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كۆرگەزمە بازىسى قاتارلىق جايلىرىغا كىرىپ، مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇش، تەرەققىيات ۋە ئوقۇتۇش باشقۇرۇش خىزمىتىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.