□شىنجاڭ گېزىتى باش ماقالىسى
تەبىئەت قانۇنىيىتى بويىچە ئايلاندى، يېڭى بىر يىل باشلىنىپ باھاردىن دېرەك بەردى. بۈگۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى داغدۇغىلىق ئېچىلدى. ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىۋاتقان پەيتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، بىر يەرگە جەم بولۇپ، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، تەرەققىيات زور پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىدى. بىز يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!
2024 - يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى سىجىل ياخشى ئىشلىدى، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە پۇختا قەدەم تاشلاندى. نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى، بۇ نېگىزىدىن ئېيتقاندا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن بولدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يېتەكلەپ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىدىن بولدى، شۇنداقلا بۇنىڭغا ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە جاپالىق ئەجرى مۇجەسسەملەنگەن.
2024 - يىلى، يەنە جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. تارىخقا نەزەر سالساق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەرقايسى مەزگىلدىكى سىياسىي كېڭەش ۋە بىرلىك سەپ خىزمىتى توغرىسىدىكى فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇناسىۋەتنى ماسلاشتۇرۇش، كۈچنى توپلاش، تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. بولۇپمۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى مەھكەم ئىگىلەپ، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىش بىلەن ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغىتىپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك ئىشلار ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.
ئۆتكەن بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، سىياسىي كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش - ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش فۇنكسىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلدى. توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملىدى؛ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە مۇلازىمەت قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇپ، «خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خەلق ئۈچۈن» دېگەن قىممەت ئىنتىلىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقتى.
ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە. 2025 - يىلى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. پۈتۈن يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور، چىن دىل بىلەن ئىتتىپاقلىشىش ئارقىلىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا جىددىي ئېھتىياجلىق. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، بىرلىك سەپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار توپلاشقان، ئەقلىي كۈچ توپلانغان بولۇشتەك ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن كەڭ دائىرىدە قەلبلەرنى مۇجەسسەملىشى، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىشى، ئەقىل - پاراسەتنى مۇجەسسەملىشى، كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.
ئارزۇ گەرچە يىراق بىلىنسىمۇ، ئىنتىلسەكلا چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايمىز؛ مەنزىلگە يېتىش مۈشكۈل بولسىمۇ، قەتئىي داۋاملاشتۇرساقلا چوقۇم يېتەلەيمىز. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگونىڭ يېڭىچە سىياسىي پارتىيە تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى سىزىپ چىقىپ، ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشايلى.
يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمىز!