گېزىتىمىز، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتى 28 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ مەنبەدىن تۈگىتىش نىزامى (لايىھە)نى بىرتۇتاش قاراپ چىقتى، قاراپ چىقىش نەتىجىسى دوكلاتى ۋە نىزام (لايىھە)نىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 4 - يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلدى.
ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى نىزام (لايىھە)نى ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. قانۇنچىلىق كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنى ئەستايىدىل رەتلەش، مۇھاكىمە قىلىپ قاراپ چىقىش ئارقىلىق، ۋەكىللەرنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نىزام (لايىھە)غا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نىزام (لايىھە)غا قاراپ چىقىش نەتىجىسى دوكلاتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇندى.