گېزىتىمىز، ئۈرۈمچى، 3 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىن خەۋەر قىلىدۇ: 3 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش نازارىتى، گۇڭئەن نازارىتى، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش باش ئەترىتى، يەر تەۋرەش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 15 ـ ئوتتۇرا مەكتەپتە شىنجاڭنىڭ 30 ـ قېتىملىق مەملىكەتلىك ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەربىيەسى كۈنى پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى.
باشلىنىش مۇراسىمىدا يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى، قاتناش بىخەتەرلىكى، سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دەسسىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق مەزمۇنلار تەشۋىق قىلىنىپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، تەشۋىق ـ تەربىيە ۋە تارقاقلاشتۇرۇش مانېۋىرى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭى ۋە ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھاياتىي ساغلاملىقى بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.
«بىز قوللىنىشچان بولغان ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ماھارىتىنى ئىگىلىدۇق ھەم ئۇرۇق ـ تۇغقان، دوست ـ بۇرادەرلىرىمىزگە بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرىمىز» دېدى ئوقۇغۇچى ئەنسەر.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتى يېڭىشەھەر رايونلۇق ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش چوڭ ئەترىتى ۋېنگۇاڭ يولى ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى سۈن خۇڭدا مۇنداق تونۇشتۇردى: بىز تۈرلۈك بىخەتەرلىك تەربىيەسى پائالىيەتلىرىنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇپ، ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن مۇستەھكەم بىخەتەرلىك توسۇقى بەرپا قىلىمىز.
پائالىيەت باشلانغاندىن كېيىن، ھەرقايسى جايلاردىكى ئالاقىدار تارماقلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىش ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، نەق مەيداندا ھېس قىلىش، ھەمتۈرتكە بولۇش ـ پىكىر ئالماشتۇرۇش، كۆرۈنۈشنى تەقلىد قىلىش، ئۈن ـ سىن قويۇش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى، قاتناش بىخەتەرلىكى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار بىخەتەرلىكى ۋە سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جىنسىي دەخلى ـ تەرۇز قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق تۈرلۈك بىخەتەرلىك باش تېمىلىرىنى چۆرىدەپ، مول رەڭدار پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، بىلىم ئېلىش بىلەن كۆڭۈل ئېچىشنى بىرلەشتۈرۈپ، تەربىيە پائالىيىتىنىڭ جانلىقلىقى، قىزىقارلىقلىقى ۋە ھېس قىلىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتتى، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلار ئارقىلىق ئائىلىلەرنى يېتەكلەپ، تۈرلۈك بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈردى.