□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى\چياۋ جىخۇڭ، خاۋ ۋېيۋېي، سۇ لياڭ
جۇڭگو يۈننەندىن باشلانغان خۇڭخې دەرياسى ۋيېتنام پايتەختى خانوينى كېسىپ ئۆتىدۇ. 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خۇڭخې دەرياسى بويىدىكى خانوي خەلقئارا يىغىن مەركىزىنىڭ 2 - قەۋىتىدىكى چوڭ زال قىزغىنلىققا تولغان شادلىق دېڭىزىغا ئايلانغانىدى.
غايەت زور قىزىل رەڭلىك ئېكران ئالدىدا، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىلبايراق بىلەن ئالتۇن رەڭدىكى يۇلتۇزلۇق قىزىلبايراق بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە بايرىقى بىلەن ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە بايرىقى قاتار تىزىلغان بولۇپ، ئېكراندىكى «جۇڭگو - ۋيېتنام خەلقىنىڭ بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىشى» دېگەن خەتلەر كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى.
قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە جۇڭگو - ۋيېتنام ئىككى دۆلەت ۋەكىللىرى لىق ئولتۇراتتى: ئاق كۆڭلەك كىيگەن، قىزىل گالىستۇك تاقىغان ۋيېتنام باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، جۇڭگونىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان جۇڭگو داشۆ پۈتكۈزگەن كەنت كادىرلىرى، جۇڭگو - ۋيېتنام ئىككى دۆلەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى، ياش كارخانىچىلار، سەنئەت خىزمەتچىلىرى... نۇرلۇق كۆزلەر، ھاياجانلىق تەبەسسۇمغا تولغان چىرايلار، ھەممەيلەن تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە ئىدى.
سائەت 10لاردا، قىزغىن ئالقىش ساداسى ۋە جۇشقۇن مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى سۇ لىن ۋە ۋيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى لياڭ چياڭ قىزىل پاياندازدا مېڭىپ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا نەق مەيداندىكى نەچچە يۈز جۇڭگو - ۋيېتنام ۋەكىلىگە قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى.
«بۇ مېنىڭ ئون يىل ئىچىدە ۋيېتنامدا 4 - قېتىم زىيارەتتە بولۇشۇم، شۇنداقلا مېنىڭ بۇ يىل تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىقىشىمدىكى تۇنجى بېكەت.» پۈتۈن مەيداندا ئۈزۈلمەي ياڭراۋاتقان قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەبرىك سۆزى قىلىپ، جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن جۇڭگو - ۋيېتنام خەلقى چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە قاتناشقان ئىككى دۆلەت ۋەكىللىرىدىن سەمىمىي ئەھۋال سورىدى.
كۆككە تاقاشقان دەرەخنىڭمۇ يىلتىزى بولىدۇ، ئەزىم دەريانىڭمۇ مەنبەسى بولىدۇ. «جۇڭگو - ۋيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ يىلتىزى خەلقتە، جان تومۇرى خەلقتە، كۈچى خەلقتە.» تەبرىك سۆزى «خەلق» دېگەن سۆزنى زىچ چۆرىدەپ باشلاندى.
«جۇڭگو - ۋيېتنام دوستلۇقى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشى داۋامىدا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدى» «جۇڭگو - ۋيېتنام دوستلۇقى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشىدا چېچەكلەپ مېۋە بەردى» «جۇڭگو - ۋيېتنام دوستلۇقى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشى داۋامىدا ۋارىسلىق قىلىندى، يۈكسەلدى»... قاينام - تاشقىنلىققا تولغان يىللاردىكى جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇشتىن سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىشقىچە، يەنە تىنچلىق ۋە تەرەققىياتقا ئىنتىلىشتىكى مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئالغا ئىلگىرىلەشكىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى جانلىق ۋە سەمىمىي بولدى، جۇڭگو - ۋيېتنام دوستلۇقىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە تەرەققىي قىلىش مۇساپىسىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلەپ، «خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى» دەپ كۆرسەتتى.
باش شۇجىنىڭ سۆزى چوڭقۇر مەنىلىك ئىدى، ۋيېتنام خۇ جىمىڭ دۆلەت سىياسىي شۆيۈەنى پەلسەپە فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى رۇەن مىڭخۇەن ئوخشاش ھېسسىياتتا بولدى. «باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلقنى مەركەز قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، مەيلى پىكىر يۈرگۈزۈشتە ياكى ھەرىكىتىدە بولسۇن، ھەممىسىدە خەلققە بولغان چوڭقۇر غەمخورلۇقىنى ئىپادىلىدى» دېدى ئۇ.
«ياشلار ئىشلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى ۋە ئۈمىدى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر قېتىم ۋيېتنامدا زىيارەتتە بولغاندا، سەمىمىي نەزەرىنى ياشلارغا ئاغدۇرۇپ، ياش بىر ئەۋلادلارنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىشى ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشىغا كۆڭۈل بۆلدى −
2015 - يىلى جۇڭگو - ۋيېتنام ياشلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە «جۇڭگو بىلەن ۋيېتنامنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى مۇقەررەركى ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدىن ھالقىيدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى چوڭقۇرلىشىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىدۇ» دەپ تەكىتلىدى؛ 2017 - يىلى ۋيېتنام - جۇڭگو دوستلۇق سارىيى پۈتۈپ ساراينى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندا، جۇڭگو - ۋيېتنام ياشلىرىنى ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى؛ 2023 - يىلى جۇڭگو ۋيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ ياشلار ۋە دوستانە زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، ياشلارنىڭ «جۇڭگو ۋيېتنام دوستلۇق مۇساپىسىدىكى باشلامچىلاردىن بولۇشى»نى ئۈمىد قىلدى؛ بۇ قېتىم «جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىلدا ۋيېتناملىق ياشلارنى جۇڭگوغا بېرىپ (قىزىل تەتقىقات - ئۆگىنىش سەپىرى)نى قانات يايدۇرۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ» دەپ جاكارلاپ، جۇڭگو - ۋيېتنام دوستلۇقىنىڭ قىزىل گېنى ئۈستىدە ئىزدەندى... باش شۇجى شى جىنپىڭ تولۇپ تاشقان غەمخورلۇق بىلەن ئۇزاق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، جۇڭگو بىلەن ۋيېتنامنىڭ «يولداش ھەم قېرىنداش»لىق مېھرىنىڭ مەڭگۈ ياشلىق باھارىنى ساقلىشىغا تۈرتكە بولدى.
ۋيېتنام قاتناش - تىرانسپورت داشۆسىنىڭ لېكتورى رۇەن گۇاڭمىڭ نەق مەيداندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، «جۇڭگو بىلەن ۋيېتنامنىڭ قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىش قەتئىي ئىرادىسى»نى ئۇرغۇتتى. «كەلگۈسىگە يۈزلەنسەك، ئىككى دۆلەت ياشلىرى تارىختىن دوستلۇق كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ» دېدى ئۇ ھاياجان بىلەن.
باش شۇجى سۇ لىن تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋيېتنامدا تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارەتتە بولغان، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يىلىنى ئورتاق تەبرىكلەۋاتقان پەيتتە، جۇڭگو - ۋيېتنام خەلقى چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ۋيېتنام - جۇڭگو ياشلىرى تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد رەھبەرلىرى بەرپا قىلغان ۋە يېتىشتۈرگەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك».
پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ ئىنتىزارلىق نەزەرى ئىچىدە، قىزىل رەڭلىك چوڭ ئېكراندىكى خەتلەر ئالماشتۇرۇلدى. «5 - 4 - 3 - 2 - 1 باشلاندى!» ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە كۇنۇپكىنى بېسىپ، «قىزىل تەتقىقات - ئۆگىنىش سەپىرى» تۈرىنى قوزغاتتى. چىراغ نۇرى چاقناپ، ئىككى دۆلەت ياشلىرى دوستلۇق تارىخى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، قول تۇتۇشۇپ ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا قاراپ ماڭدى.
كەلگەن يولىمىزنى ئۇنتۇمىغاندىلا، قەيەرگە بېرىشنى بىلەلەيمىز. ۋيېتنام خۇ جىمىڭ دۆلەت سىياسىي شۆيۈەنى سىياسىي ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى تاۋ يۈباۋ مۇنداق دېدى: ۋيېتنام بىلەن جۇڭگو ئىككى تەرەپ «قىزىل تەتقىقات - ئۆگىنىش سەپىرى»نى باشلاپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى نامايان قىلدى، بۇ ئىككى دۆلەت خەلقى، بولۇپمۇ ياش بىر ئەۋلادنىڭ دوستلۇق ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا پايدىلىق.
ھازىر خانوي دۆلەت داشۆسىدە بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان گۇاڭشىلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئوۋ ياڭشۆ نەق مەيداندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىنتايىن ھاياجانلاندى: «يېڭى دەۋردىكى مۇساپىدە، بىز ياشلار ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگو - ۋيېتنام دوستلۇقىنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ياخشى يەتكۈزىمىز».
«بىز ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقى دوستلۇقىنىڭ كىچىك ئېقىنلىرىنى قوشۇپ جۇڭگو - ۋيېتنام دوستلۇقىنىڭ ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان ئەزىم دەرياسىغا ئايلاندۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقى جۇڭگو - ۋيېتنام دوستلۇقىنىڭ تېخىمۇ يىراق كەلگۈسىنى كۆرسىتىپ بەردى.
«يولداش ھەم قېرىنداش»تەك ئەنئەنىۋى دوستلۇقتىن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگىچە، جۇڭگو - ۋيېتنام دوستلۇق دەرياسى زامان ۋە ماكاندىن ھالقىپ، ھەر قېتىملىق قول ئېلىشىش، ھەر قېتىملىق پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەر قېتىملىق ئىزدىنىش ئارقىلىق تېخىمۇ گۈزەل دولقۇنلارنى ھاسىل قىلىپ، ئۆركەشلەپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خانوي، 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى)