6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن يېڭى زېلاندىيە زۇڭلىسى لاكسون بىلەن كۆرۈشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر دۇڭ شۆ) 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن يېڭى زېلاندىيە زۇڭلىسى لاكسون بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردى، ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلىدى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۇزاق مەزگىل جۇڭگونىڭ غەربتىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو - يېڭى زېلاندىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىككىنچى 10 يىلى باشلىنىش پەيتىدە، ئىككى تەرەپ جۇڭگو - يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى 10 يىلدا تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقنى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئۆزئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، سودا ۋە سېلىنما ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، مائارىپ، مەدەنىيەت، ياشلار، خەلق ئىچى، يەرلىكلەر جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيە ئارىسىدا تارىخىي ئۆچ - ئاداۋەت يوق، تۈپ مەنپەئەت توقۇنۇشى يوق، ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ پەرقى ۋە ئىختىلاپلىرىغا توغرا مۇئامىلە قىلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. بۇ يىل دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى، ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە قوغدىغۇچىلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيە ئىككى دۆلەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى ئورتاق قەتئىي قوغداپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغداپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
لاكسون مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى زېلاندىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئەھمىيىتى زور. 2014 - يىلى رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى زېلاندىيەدە زىيارەتتە بولغاندا، ئىككى تەرەپ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتۇق. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. يېڭى زېلاندىيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىر جۇڭگو سىياسىتىگە داۋاملىق ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىللە ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا چۈشىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى قاتلاملىقلار ئالاقىسىنى ساقلاپ، سودا، سېلىنما كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى، بېلىقچىلىق، سۈتچىلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساياھەت، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، يېڭى زېلاندىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. بۈگۈنكى دۇنيا ئېنىقسىزلىققا تولغان، خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. يېڭى زېلاندىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، ماسلىشىپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، دۇنياۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ. يېڭى زېلاندىيە تەرەپ جۇڭگونىڭ كېلەر يىلى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.