□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يۈ تاۋ
ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تاشقى قاتناش لىنىيەسى ياپون ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئارقا - ئارقىدىن ئۈزۈپ تاشلاندى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئالاقىلىشىدىغان غەربىي شىمال يولى جۇڭگونىڭ خەلقئارا بىلەن بولغان مۇھىم قۇرۇقلۇق يولىغا ئايلاندى. خەلقئارانىڭ جۇڭگوغا ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ راۋان توشۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما يول ياساش ھەرىكىتىگە پائال ئاتلىنىپ، بەزىلىرى پۇل، ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلىپ، بەزىلىرى يول ياساشقا قاتنىشىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئالدىنقى سېپىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشتى.
جۇڭگوغا ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ غەربىي شىمال خەلقئارا يولى ئارقىلىق ئاساسلىق توشۇلۇش لىنىيەسى: قورغاستىن شىنجاڭغا كىرىپ، يول بويى شەرققە قاراپ دىخۇا (ھازىرقى ئۈرۈمچى)، تۇرپان، قومۇل قاتارلىق جايلارغا توشۇلىدۇ، ئاندىن شىڭشىڭشيادىن ئۆتۈپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئالدىنقى سېپىگە ئارقا - ئارقىدىن توشۇلىدۇ. شىنجاڭ تەزكىرە كومىتېتى توپلىغان تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تىرىشچانلىقىدا، 1937 - يىلىدىن 1944 - يىلىغىچە، شىنجاڭدا ئاپتوموبىل قاتنىيالايدىغان 5301 كىلومېتىر تاشيول ياسالغان بولۇپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئايروپىلان، تانكا، ئوق - دورا، ئاپتوموبىل، بېنزىن، دورا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك ماددىي ئەشيالار غەربىي شىمال خەلقئارا يولى ئارقىلىق ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئالدىنقى سېپىگە يەتكۈزۈلگەن.
شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، يەر شەكلى مۇرەككەپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى پارتلىغاندا شىنجاڭنىڭ قاتناش شارائىتى ئارقىدا قالغاچقا، يوللىرى ئەگرى - بۈگرى، مېڭىش تەس، ئېغىر تىپلىق يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ يۈرۈشى قىيىن بولۇپ، ماددىي ئەشيالارنى توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسى ئادەتتىن تاشقىرى مۈشكۈل ئىدى. «شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي تارىخى» تەھرىر ھەيئىتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىرى مياۋ پۇشېڭ مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا شىنجاڭ ئىچىدىكى بەزى جايلارغا تېخى تاشيول تۇتاشتۇرۇلمىغانىدى، بەزى جايلاردىكى يوللار ئۇزاق يىل رېمونتسىز قالغان بولۇپ، ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغانىدى، خەلقئارانىڭ جۇڭگوغا ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ بەزىلىرى ئېغىر تىپتىكى قورال - جابدۇقلار بولغاچقا، تاشيولغا قويۇلىدىغان تەلەپ يۇقىرى ئىدى، شۇڭا يول ياساش، يول ئاسراش باش ۋەزىپە بولۇپ قالغانىدى.
ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئەينى چاغدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما يول ياساش، يول رېمونت قىلىش ھەرىكىتىگە پائال ئاتلاندى. بەزى يول بۆلەكلىرىدە چۆل ۋە قۇملۇق ياكى ئېگىزلىكتىكى تاغلىق رايونلاردىن ئۆتۈشكە، يەنە بەزى يول بۆلەكلىرىنى تىيانشان تاغ تىزمىلىرىدىكى ئېگىز تاغ چوققىلىرى ئارىسىغا ياساشقا توغرا كېلەتتى، تاشيول ياساش ۋە ئاسراش جەريانىدا دائىم خەتەر كۆرۈلەتتى. بۈگۈنكى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىدىكى كەڭساي رايونى غەربىي شىمال خەلقئارا يولىدىكى جەزمەن ئۆتىدىغان يول، شۇنداقلا نامى چىققان خەتەرلىك يول، مېڭىش قىيىن يول بولۇپ، بۇ يولنى بويلاپ ماڭغاندا كىلىمات شارائىتى ئىنتايىن ناچار ئىدى. بۇ غول يولنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ھەر مىللەت ئامما قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى يوق، پۈتۈنلەي ئادەم كۈچىگە تايىنىدىغان شارائىتتا، ئوزۇق - تۈلۈكنى ئۆزلىرى ئېلىپ يۈرۈپ، يول ياساشقا خالىس قاتناشتى، يول ياساشقا قاتناشقان بەزى ئامما ھەتتا قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلدى.
ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قورغاس ناھىيەسىنىڭ ئاھالىسى قۇلىنشاق قايرات مۇنداق دېدى: يۇرتىمىزدا يول ياساپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ھېكايىسى ئىزچىل تارقىلىپ كەلمەكتە، «ئەجدادلارنىڭ كۈرەش قىلىش تارىخى بىزگە شۇنى چۈشەندۈرۈپ بەردىكى، تاجاۋۇزچىلار قانچىلىك كۈچلۈك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز ھەر مىللەت ئامما بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق تىرىشساقلا، چوقۇم ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز».
«غەربىي شىمال خەلقئارا يولىنىڭ قۇرۇلۇشىغا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ يۈرەك قېنى مۇجەسسەملەنگەن.» شىنجاڭ سىفەن داشۆسى تارىخ ۋە جەمئىيەت شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يەن شۆچىن مۇنداق دېدى: ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك پارتلاشتىن ئىلگىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭنىڭ جۇڭگو ئىنقىلابىدىكى ئالاھىدە ئورنى ۋە رولىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى، ھەم كۆپ تۈركۈم كوممۇنىستلارنى شىنجاڭغا كېلىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تاللاپ ئەۋەتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پائال سەپەرۋەر قىلىپ تەشكىللىشىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما غەربىي شىمال خەلقئارا يولى قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت زور بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، چوڭ ئارقا سەپنى مۇستەھكەملەش، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئالدىنقى سېپىگە ياردەم بېرىش، چېگرا رايوننى مۇقىم قىلىش ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشتى.
ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، قاتناش - تىرانسپورت ئىشلىرىدا يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈردى. ھازىر، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 230 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشتى، بارلىق يېزا - بازار ۋە شارائىتى ھازىرلانغان ئىشتاتلىق كەنتلەرگىچە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول تۇتاشتۇرۇلدى ۋە يولۇچىلار ئاپتوموبىلى قاتنىدى؛ تۆمۈريول غول لىنىيەسى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا تۇتاشتۇرۇلدى، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2712 كىلومېتىر كېلىدىغان تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئايلىنىپ ماڭىدىغان تۆمۈريول لىنىيەسىدە يېپىق ھالقا شەكىللەندۈرۈلدى؛ جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قورغاس پورتى ئارقىلىق كېچە - كۈندۈز توختىماي قاتنىدى؛ 27 پۇقراۋى ئايرودۇرۇم پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، سانى مەملىكەت بويىچە ئالدىدا ماڭدى... بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما يىپەك يولى قەدىمىي يولىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سەپ يولى قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى)