□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي
چېگرا رايوننىڭ ئاسمىنى تولىمۇ كۆك بولدى، يۇرتداشلارنىڭ قەلبى تولىمۇ شادلىققا تولدى. ئوتلۇق قەلبلەر تەقەززالىق بىلەن كۈتتى، مەۋج ئۇردى، ھاياجانغا چۆمدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭ كەلدى!»
9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ ئايروپىلان توختىتىش مەيدانىدا، رەڭدار ئەجدىھالار ئۇسسۇلغا چۈشكەنىدى، رەڭگارەڭ گۈللەر تەۋرىنىپ تۇراتتى، ناخشا - ئۇسسۇل ئەۋجىگە چىققانىدى، «70» دېگەن غايەت زور خەت كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى، «يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىغا چىن قەلبىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز» دېگەن پىلاكات ئېگىز ئېسىلغانىدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ۋەكىللىرى چىرايلىق كىيىنىپ، ئەڭ قىزغىن مۇراسىم ئارقىلىق، بېيجىڭدىن كەلگەن تۇغقانلىرىنى قىزغىن قارشى ئالدى، قەدىرلىك باش شۇجى شى جىنپىڭنى قارشى ئالدى.
شادلىققا چۆمگەن قارشى ئېلىش سېپى ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 80 - باشلانغۇچ مەكتەپ 5 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى پەرىزات زۇلپىقار باش شۇجى شى جىنپىڭغا گۈل تەقدىم قىلدى. بۇ پەيتنى پەرىزات بىر چۈشتىن بۇرۇن تەقەززالىق بىلەن كۈتكەنىدى: «بۇ مېنىڭ شى بوۋامنى تۇنجى قېتىم نەق مەيداندا كۆرۈشۈم، ئىنتايىن ھاياجانلاندىم.» ئۇنىڭ سەبىي چېھرىدىن چەكسىز ئىپتىخارلىق ۋە ھاياجانلىق ئۇرغۇپ تۇراتتى، تەبەسسۇمى خۇددى قۇياش نۇرىدەك جىلۋىلەنگەنىدى.
ھەممە يەر گۈلگە تولۇپ، ناخشىلار ئەۋجىگە چىقتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنىڭ باش شۇجىغا بولغان مىننەتدارلىقى، قەلبى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا تەلپۈنۈشتەك چىن ھېسسىياتى يۇقىرى پەللىگە چىقتى. خۇشخۇي، يېقىملىق باش شۇجى شى جىنپىڭنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن خالمۇرات رېشىتنىڭ كۆز چاناقلىرى نەمدەلدى، ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، داپنى مەردانە چېلىپ، تولۇپ تاشقان مىننەتدارلىقىنى جاراڭلىق داپ ساداسىغا سىڭدۈردى. «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە كۆيۈنگەنلىكىگە رەھمەت!» خالمۇرات روھلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: 70 يىلدىن بۇيان، يۇرتۇم تۇرپاندا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى، ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى، «بىز مەڭگۈ قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ئىرادىدىن قايتماي پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز!»
«باش شۇجىنىڭ ئايروپىلان شوتىسىدىن چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن ھاياجانلاندىم، ئىنتايىن روھلاندىم، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭغا كەلگەنلىكىنى قارشى ئالىمىز!» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 121 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى شۈ دەننى ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا. بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرگەن 70 يىلدا، شىنجاڭ نامرات، ئارقىدا قالغان ھالەتتىن ئاۋات، باي بولۇشقا ئۆتۈشتەك شانلىق ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى، ئەمەلىي تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ھەربىر شىنجاڭلىق ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، چەكسىز ئىپتىخارلاندى. شۈ دەننى مۇنداق دېدى: ئۇلۇغ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى بەختلىك بولۇۋاتىدۇ.
«بۇ يىللاردىن بۇيان، خوتەندىكى ئۆزگىرىشلەرگە، شىنجاڭدىكى ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدۇم، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ، چېھرىدىكى تەبەسسۇم كۈندىن - كۈنگە نۇرلىنىۋاتىدۇ.» خوتەندىن كەلگەن نۇربىيە مۇتەللىپ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنى كۆرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمۈلۈپ، ۋەتەننىڭ ئىللىق قوينىدا تۇرۇپ، ئالغا بېسىۋاتقان گۈزەل شىنجاڭدا ياشاۋاتقانلىقىمدىن چەكسىز شەرەپ، چەكسىز ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدىم.
مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى ئاستا - ئاستا يىراقلاپ كەتكەن بولسىمۇ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئالقىش، تەنتەنە سادالىرى ئۇزاققىچە ياڭرىدى. بۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنىڭ چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان مىننەتدارلىق ۋە بەخت ساداسى!