گېزىتىمىز، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ خەيبو خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، «كىتاب ئوقۇش كەيپىياتى تىيانشاننى قاپلىدى» ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش قىسقا سىنى توپلاش پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش، ھەمبەھرىلەش يىغىنى شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى)دا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا قىسقا سىن توپلاش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلدى، كامېرا ئارقىلىق خاتىرىلەنگەن نۇرغۇن كىتاب ئوقۇش كەيپىياتى ھېكايىسى ھەمبەھرىلەندى ھەم يېڭى دەۋردە ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش بويىچە ئىجادىي تارقىتىش ئۇسۇلى ئۈستىدە مۇھاكىمە قانات يايدۇرۇلدى.
شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا تولغان تىيانشان بەرپا قىلىپ، كىتاب ئوقۇشقا ئىشتىياق باغلايدىغان، ياخشى كىتابلارنى ئوقۇيدىغان، كىتاب ئوقۇشقا ماھىر بولغان قويۇق كەيپىيات يارىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، 2025 - يىلى 7 - ئايدىن 11 - ئايغىچە، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) «كىتاب ئوقۇش كەيپىياتى تىيانشاننى قاپلىدى» ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش قىسقا سىنى توپلاش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى.
پائالىيەت باشلانغاندىن كېيىن ئىنكاس قىزغىن بولدى، ھەر دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، ئالىي مەكتەپلەر، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر، كارخانا - كەسپىي ئورۇنلار، نەشر ئورگانلىرى ھەم پۇقراۋى كىتابخانىلار، مەدەنىيەت شىركەتلىرى قاتارلىق 140تىن ئارتۇق ئورۇن ھەم نەچچە يۈز شەخسىي ئىجادىيەتچىنى پائال قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى، جەمئىي 1000 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر توپلاندى. دەسلەپكى قەدەمدە تاللاش ئارقىلىق، 354 ئەسەر ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىدا كۆرسىتىلدى، پۈتۈن توردىكى چېكىلىش مىقدارى 10 مىليوندىن ئاشتى. ئاخىرىدا، كەسپىي باھالاش ۋە ئېلان قىلىش ئارقىلىق، 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن 10ى، 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن 50ى، 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن 60ى، تەشكىللەش مۇكاپاتىدىن 10ى باھالاپ چىقىلدى.
«خەلق سەنئەتكارى» دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچى، تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتى كۆرۈنەرلىك تۆھپە مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ۋاڭ مېڭ ئالايىتەن سىن يوللاپ تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق كىتابنى تولىمۇ قەدىرلەيدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى كىتاب ئوقۇشنى كۈچىنىڭ بارىچە تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى جەزمەن ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىنى كۈچلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ».
يىغىندا، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بەش ۋەكىل ئۆزلىرىنىڭ كىتابنى ھەمراھ قىلىشتىكى تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى بايان قىلدى. پېنسىيەگە چىققان كادىر، 80 ياشلىق ليۇ خەيمېي ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا تەمكىنلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «كىتاب ئوقۇش دەل ئۆزىمىزنى ئوزۇقلاندۇرۇپ تەمكىنلەشتۈرىدىغان ۋە مەنىۋىيىتىمىزنى بېيىتىدىغان مەنبە.» ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسى سىيۈەن كەنتىدىكى 3 - يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىسى گۈلنىگار ئەزىز ھەدىسى ئىككىسىنىڭ ئۈچ «مەخپىي كىتاب ئوقۇش بازىسى»نى ھەمبەھرىلىدى. يازغۇچى جى ئېر مۇنداق قارىدى: «قانچە ئالدىراش بولساقمۇ، كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ئۆتكەن كۈنلەرگە شۇنچە نەزەر سېلىشىمىز كېرەك؛ قانچە يېنىكلىك قىلساقمۇ، كىتاب ئىچىدە شۇنچە يىلتىز تارتىپ ئۆسۈپ يېتىلىشىمىز كېرەك.» يازغۇچى ليۇ يىچېن ئۆز ئىجادىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ: تور ئەدەبىياتىدا رېئال تېمىلارنى يېزىش، شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەشنىڭ يادروسى «كەڭ تۇپراقتا يىلتىز تارتىش» ۋە «ئوقۇرمەنلەرنى تۇتۇپ قېلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت، دېدى. ئاتۇش شەھەرلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى زۇلپىنۇر ئەنۋەر مۇنداق بىلدۈردى: مېنىڭ ئىجادىيەت ئەسلىي مەقسىتىم «دۇنياغا <ماناس> ئارقىلىق ئاتۇشنى تونۇتۇش، ئاتۇش ئارقىلىق <ماناس>نى چۈشەندۈرۈش».
ھەمبەھرىلەش يىغىنىدا يەنە شىنجاڭ شىنخۇا كىتابخانىسى تارقىتىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، سانجى شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، «تىيانشان تالانتلىقلىرى» يۈ لىمىڭ داڭلىق ئۇستاز ئىشخانىسى قاتارلىق ئون ئورۇن، ئاپپاراتقا تەشكىللەش مۇكاپاتى تارقىتىپ بېرىلدى.