شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەنجىڭ، 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن نەنجىڭدا نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن 2025 - يىللىق دۆلەت تەزىيە مۇراسىمىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنسىتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شى تەيفېڭ قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
تەزىيە مۇراسىمى جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپون ئارمىيەسىنىڭ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا بەختسىزلىككە ئۇچرىغان قېرىنداشلار خاتىرە سارىيىنىڭ يىغىلىش مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. نەق مەيدان ھەيۋەتلىك ھەم سۈرلۈك تۈس ئالغان بولۇپ، دۆلەت بايرىقى يېرىم چۈشۈرۈلگەنىدى. ھەر ساھەدىكى تەخمىنەن 8000 ۋەكىل مەيدىسىگە ئاق گۈل تاقاپ ھۆرمەت بىلەن سۈكۈتتە تۇردى. دەل سائەت 10دا، تەزىيە مۇراسىمى باشلاندى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرى ئورۇنلاندى. دۆلەت شېئىرى ئورۇنلىنىپ بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەيداندىكىلەر نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى، نەنجىڭ شەھىرىدە ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى چېلىندى، ئاپتوموبىللار توختاپ سىگنال بەردى، پىيادىلەر ئۆز جايىدا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى. سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئازادلىق ئارمىيە ھەربىي ئوركېستىرى ئورۇنلىغان «دۆلەت تەزىيە مۇزىكىسى» مېلودىيەسى ئىچىدە، ئازادلىق ئارمىيە ھۆرمەت قاراۋۇللىرى چوڭ ئەترىتىدىكى 16 نەپەر مۇراسىم ئەسكىرى سەككىز گۈلچەمبىرەكنى كۆتۈرۈپ، ھۆرمەت بىلەن تەزىيە سۇپىسىغا قويدى.
شى تەيفېڭ سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: بۈگۈن، بىز داغدۇغىلىق يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا سەۋەبسىز بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ پاجىئەلىك قىرغىنچىلىقىدا بەختسىزلىككە ئۇچرىغان بارلىق قېرىنداشلارنى ياد ئېتىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلغان ئىنقىلاب يولىدا قۇربان بولغان قەھرىمانلار ۋە مىللەت قەھرىمانلىرىنى ياد ئېتىپ، جۇڭگو خەلقى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا زەربە بېرىپ باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلىغان خەلقئارا جەڭچىلەر ۋە خەلقئارا دوستلارنى ياد ئېتىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشتەك يۈكسەك ئارزۇسىنى ئىپادىلىدۇق، بىز بىرلىكتە تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قۇربان بولغان قەھرىمانلارنى ياد ئېتىپ، تىنچلىقنى قەدىرلەپ، كەلگۈسىنى يارىتىمىز.
شى تەيفېڭ مۇنداق بىلدۈردى: تارىخىي ئەسلىمە مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ، دەۋر ئېقىمى ھەيۋەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى ھەم چەكسىز پارلاق ئىستىقبالى نامايان بولدى، جۇڭخۇا مىللىتى توسۇۋالغىلى بولمايدىغان قەدەم بىلەن ئۇلۇغ گۈللىنىشكە ئاتلانماقتا. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئالىيجاناب ئىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.
شى تەيفېڭنىڭ سۆزىدىن كېيىن، نەنجىڭ شەھىرىدىكى 88 نەپەر ياش - ئۆسمۈرلەر ۋەكىلى «تىنچلىق خىتابنامىسى»نى ئوقۇدى، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكى ئالتە ۋەكىل «تىنچلىق چوڭ قوڭغۇرىقى»نى چالدى. ئۈچ قېتىم چېلىنغان قايغۇلۇق قوڭغۇراق ئاۋازىغا ئەگىشىپ، 3000 تىنچلىق كەپتىرى قانات قېقىپ پەرۋاز قىلدى، ئۇنىڭغا بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا بولغان چەكسىز قايغۇلۇق ياد ئېتىش ھېسسىياتى ۋە دۇنيا تىنچلىقىغا بولغان بوشاشماي ئىنتىلىش مۇجەسسەملەنگەنىدى.
جۇڭگو كوممۇنسىتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ۋاڭ شياۋخۇڭ تەزىيە مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ چىڭۋېي، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۇ خۇي ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە سەنموۋبۇسىنىڭ سەنموۋجاڭى ليۇ جېنلى قاتناشتى.
ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى، مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى، جياڭسۇ ئۆلكىسى، نەنجىڭ شەھىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋەكىللىرى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان خەلقئارا دوستلار ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا ھايات قالغانلار ھەم بەختسىزلىككە ئۇچرىغان قېرىنداشلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋەكىللىرى، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئالاقىدار باش تېمىلىق خاتىرە ساراي(مۇزېي)لارنىڭ ۋەكىللىرى، دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقىدار ئالىي مەكتەپ ۋە ئاقىللار ئامبىرى مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى، دىن ساھەسىدىكى ۋەكىللەر، نەنجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى، جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرى قاتارلىقلار تەزىيە مۇراسىمىغا قاتناشتى.
2014 - يىلى 2 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7 - يىغىنىدا قارار ماقۇللىنىپ، قانۇن چىقىرىش شەكلىدە 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلار دۆلەت تەزىيە كۈنى قىلىپ تەسىس قىلىندى.