□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن
ئاسفالت يوللار كەڭ ھەم تۈپتۈز، قىزىل ئۆگزىلىك، ئاق تاملىق كىچىك ھويلىلار ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، ياپيېشىل مېۋىلىك دەرەخلەر، قاتار - قاتار كەتكەن دۇكانلار... بۈگۈنكى كۈندە، كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى يىلدىن - يىلغا ياخشىلاندى.
«بۇ بىرقانچە يىلدا، تۇرمۇشىمىزدا يەنە زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، باش شۇجىنىڭ يەنە كېلىپ كۆرۈپ بېقىشىغا ئىنتىزارمىز» دېدى كەنت ئاھالىسى ئابدۇقېيۇم روزى.
«ئۆزگىرىشلەر ھەقىقەتەن ئالەمشۇمۇل بولدى!» بۇ، مۇخبىر ئاياغمەنگەن كەنتىدە ئەڭ كۆپ ئاڭلىغان بىر جۈملە سۆز. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى 2014 - يىلى 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاياغمەنگەن كەنتىگە كېلىپ كادىرلار، ئاممىنى يوقلىغانلىقىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.
شۇ كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەنتكە كەلگەنلىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىدە. باش شۇجىنىڭ سەمىمىي ئەھۋال سورىشى، ئىللىق رىغبەتلەندۈرۈشى، چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان تاپشۇرۇقى ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كاللىسىغا ئورناپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئىللىق ئەسلىمىسىگە ئايلانغانىدى.
ياخشى كۈنلەر تېخىمۇ يېڭى تۈسكە كىردى
«قاراڭ، باش شۇجى بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ئولتۇرۇپ، بىز بىلەن مۇڭداشتى!» ئابدۇقېيۇم باش شۇجىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى بىلەن چۆرىدىشىپ بىللە ئولتۇرغان سۈرىتىگە قاراپ، بەختكە چۆمگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «ئەينى چاغدا، خەۋەرنى ئاڭلاپ كەلگەن كەنت ئاھالىلىرى ھويلىغا لىق تولدى، باش شۇجى يۇرتداشلار بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ مۇڭداشتى».
ئۆتكەن ئىشلار كۆز ئالدىدىن ئۆتۈپ، ئەينى چاغدىكى مەنزىرىنى ئەسلىگىنىدە، ئابدۇقېيۇم ئائىلىسىدىكىلەر يەنىلا بەختكە چۆمىدۇ.
«ھازىر، ئائىلىمىزدە مېۋە - چېۋە، كۆكتاتلاردىن باشقا، يەنە گۈل تېرىدۇق. گۈل بەختلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ سىمۋولى!» ئابدۇقېيۇمنىڭ چېھرىدىن تەبەسسۇم جىلۋىلەندى. بۇ تەبەسسۇم كۈنسېرى ياخشى ئۆتۈۋاتقان كۈنلەردىن كەلگەنىدى.
ئابدۇقېيۇم ئائىلىسىدە ئۈچ جان بولۇپ، ئۇ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغاندىن سىرت، يەنە خوتۇنى بىلەن ئائىلىدە كالا، قوي، كەپتەر باقىدۇ، گۈل - گىياھ ئۆستۈرىدۇ. «بىر يىللىق كىرىمىمىز 120 مىڭ يۈەن، كۈنلىرىمىز ھەسەلدەك شېرىن ئۆتۈۋاتىدۇ» دېدى ئۇ.
غايەت زور ئۆزگىرىش ئابدۇقېيۇمنىڭ ئائىلىسىدە بارلىققا كېلىپلا قالماي، قىسقىغىنا سەككىز يىلدا، ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى ئەينى يىلىدىكى 4700 يۈەندىن بۇلتۇرقى 15 مىڭ يۈەنگە كۆپەيدى.
«كەنتىمىزدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش تەربىيەسى كۆرگەزمە سارىيىغا ساياھەتچىلەر ھەر كۈنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ئۆگىنىش ئۈچۈن كېلىدۇ، بۇلتۇرلا 20 مىڭ ئادەم قېتىمنى كۈتۈۋالدۇق» دېدى ئاياغمەنگەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەمەتتۇرسۇن ئابدۇراخمان.
بۈگۈنكى كۈندە، يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى دېھقانلار ئارامگاھى، ئائىلىۋى مېھمانخانا، تاللا بازىرى، كىچىك ئاشخانا قاتارلىق «ئون كىچىك دۇكان» 281گە يېتىپ، ئائىلىلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 3000 يۈەندىن كۆپرەك ئاشتى.
«نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن يېزا - كەنتلەرنى داۋاملىق گۈللەندۈرۈشكىچە، يېقىنقى يىللاردا، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى خۇددى تاتلىق ئۈزۈمدەك ئارقا - ئارقىدىن مېۋە بەردى.» ئابدۇقېيۇم كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى بىزنى يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، ياخشى كۈنلىرىمىزنى تېخىمۇ يېڭى تۈسكە كىرگۈزۈشكە ھەر ۋاقىت رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرىدۇ».
كىشىلەر قەلبىدىكى ئالغا ئىنتىلىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تولۇپ تاشتى
«ھازىر سىياسەتلەر شۇنچە ياخشى، ساقلاپ تۇرماي، تايىنىۋالماي، تەلەپ قىلماي، تىرىشىپ ئەمگەك قىلساقلا بېيىغىلى بولىدۇ» دېدى ئابدۇقېيۇم.
«ئىلگىرى كېسەك ئۆيدە ئولتۇراتتۇق، توپا يولدا ماڭاتتۇق. ھازىر ئەمىن ئۆيدە ئولتۇرۇۋاتىمىز، تەبىئىي گاز ئىشلىتىۋاتىمىز، ئاسفالت يوللار ئىشىك ئالدىمىزغىچە ياسالدى. بىز پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىگە چىن قەلبىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.» سەككىز يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلەرنى تىلغا ئالغاندا، ئابدۇقېيۇمنىڭ چېھرىدە قويۇق تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.
«ياخشى تۇرمۇش كۈرەش قىلىشتىن كەلگەن.» بېيىشنىڭ شېرىن تەمىنى تېتىغان ئابدۇقېيۇم ئىدىيە جەھەتتىمۇ ئىلگىرىلەشكە ئاكتىپ ئىنتىلىدىغان بولدى. شۇ يىلىلا ئۇ پارتىيە تەشكىلاتىغا پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇندى. «ئىلگىرى، پەقەت ئۆزۈمنىڭ پۇل تېپىش ئىشلىرى بىلەنلا ئالدىراش بولۇپ، كوللېكتىپنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەيتتىم. ھازىر مېنىڭمۇ پارتىيەگە كىرىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە كۆپرەك ئىش قىلىپ بەرگۈم بار.» 2017 - يىلى 7 - ئايدا، ئابدۇقېيۇم شەرەپ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولدى.
يېقىنقى يىللاردا، ئابدۇقېيۇم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلىپ سىياسەت تەشۋىقاتچىسى بولۇپ، باش شۇجىنىڭ كەنت ئاھالىلىرىگە بولغان چوڭقۇر، سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ھەربىر ئائىلىگىچە يەتكۈزدى، ئۇ يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يەر ئاغدۇرۇپ زىرائەتلەرنى يىغىشىغا ياردەملىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە گۈل - گىياھ ئۆستۈرۈش، چارۋا باقمىچىلىقى قاتارلىق تېخنىكىلارنى ئۆگىتىپ، كەنتتىكى باشقا ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.
«ھازىر، ئائىلىمىزنىڭ يىللىق كىرىمى 80 مىڭ يۈەن.» ئىلگىرى كەنتتىكى نامرات ئائىلە بولغان ھەسەنجان مەخەت ئابدۇقېيۇمنى «بېيىش باشلامچىسى» دەپ ئاتايدۇ.
«2014 - يىلىدىن ھازىرغىچە، كەنتىمىزدىكى يېڭىدىن پارتىيە ئەزالىقىغا تەرەققىي قىلدۇرۇلغانلار 39 نەپەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئابدۇقېيۇمغا ئوخشاش ياش ھەم ئىقتىدارلىق» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)دىن ئاياغمەنگەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى يەن شياڭدۇڭ.
يېزا - كەنتلەر گۈللىنىپ كەسىپلەر روناق تاپتى
ئابدۇقېيۇم مۇخبىرنى باشلاپ، كەنتنى بىر ئايلىنىپ چىقتى.
بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ بىر جۈملە سۆزى ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى ئەمىن ئۆيلەرنىڭ ھويلا تاملىرىغا يېزىلغانىدى، شۇنداقلا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قەلبىگە ئورناپ كەتكەنىدى.
«كالا - قويلارغا يەم بېرىپ بولغاندىن كېيىن، مەن ئېرىم بىلەن بىللە يەنە كەنتتىكى ۋارىس قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا بېرىپ سۈپۈرگە بوغىمىز، بۇ، ئائىلىمىزنىڭ مۇقىم كىرىم مەنبەسى.» كالا - قوي، كەپتەرلەرگە يەم - خەشەك بېرىش بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقان كەنت ئاھالىسى ئانارگۈل سىدىق مۇنداق دېدى: «مەن ئېرىم بىلەن بىللە سۈپۈرگە بوغۇپ، بىر ئايدا 5000 يۈەن تاپالايمىز، بۇنىڭغا ئائىلىمىزدە بېقىلىۋاتقان كالا - قوي ۋە ئېتىزدا تېرىغان كۆكتات، مېۋە - چېۋىلەردىن قىلغان كىرىمنى قوشقاندا، يىللىق كىرىمىمىز 70 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ».
ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ زاۋۇت ئۆيىگە سۈپۈرگە ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان قوناق شادىسى لىق دۆۋىلەنگەنىدى. نەچچە ئون كەنت ئاھالىسى بىر - بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرۇپ، كۆڭۈل قويۇپ سۈپۈرگە بوغۇۋاتاتتى. كەنت ئاھالىسى تاھىرجان سايىتنىڭ ھەرىكىتى چاققان بولۇپ، تەخمىنەن 15 مىنۇتتا بىر سۈپۈرگە بوغاتتى. «مېنىڭ سۈپۈرگە بوغۇشۇم تېخى تېز ھېسابلانمايدۇ، ئەڭ تېزلىرى سەككىز مىنۇتتا بىر سۈپۈرگە بوغالايدۇ» دېدى ئۇ.
ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى سۈپۈرگە بوغۇشنى بىلىدۇ. «ئالدىنقى بىرنەچچە يىلدا، دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال مەزگىلىدە مەن ئۆيدە سۈپۈرگە بوغدۇم، لېكىن بوغقان سۈپۈرگىلەر بازار بولمىغاچقا ياخشى باھادا سېتىلمىدى.» تاھىرجان مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىز پۈتۈنلەي پارتىيەنىڭ سىياسىتىنىڭ ياخشىلىقىدىن بولدى، پارتىيەگە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، باش شۇجىغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن».
«ۋارىس قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، يەنە ئەتراپتىكى بەش كەنتتىكى نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى» دېدى يەن شياڭدۇڭ.
ئاياغمەنگەن كەنتى شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ قىزىل ساياھەت، گۈل - گىياھ، كۆچەت، جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى ئۆستۈرۈش، پىششىقلاش، ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك بويىچە سۈپۈرگە بوغۇش قاتارلىق كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، كەسىپلەر روناق تېپىپ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.
«مەن 30 نەچچە يىل كەنت كادىرى بولدۇم، نۇرغۇن ئارزۇلىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى كۈندە رېئاللىققا ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ ھەقىقەتەن چەكسىز ھاياجانلاندىم.» يېشى 70تىن ئاشقان كەنت ئاھالىسى روزى مەمەت ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ھازىر كۈنلىرىمىزنىڭ ھەممىسىدە يېڭىلىق بار!»
«كەنتىمىزدىكى ئەڭ زور ئۆزگىرىش − كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىدىيەسى ۋە قارىشى ئۆزگەردى، مىننەتدارلىق ئېڭى كۈرەش قىلىش ئېڭى، بېيىش ئېڭىغا ئايلاندى.» يەن شياڭدۇڭ مۇنداق دېدى: ھازىر، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈنلىرى ئالدىراش ھەم مەنىلىك ئۆتۈۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ بېيىش غەيرىتى تولۇپ تاشتى.