□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر
تومۇز ياز كۈنلىرىدىكى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6 - شىسى كومسومول دېھقانچىلىق مەيدانىدا، بىپايان ئاسمان سۈپسۈزۈك بولۇپ، ھەممە يەر يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى. كەڭ ئېتىزلىقتا، چەكسىز كەتكەن كېۋەزلىكتە كېۋەزلەر بۈك - باراقسان ئۆسكەنىدى.
كومسومول دېھقانچىلىق مەيدانىدا تېرىشقا بولىدىغان يەر جەمئىي 240 مىڭ مو بولۇپ، 130 مىڭ مو يەرگە كېۋەز تېرىلغاندىن باشقا، يەنە تاۋۇز، شوخلا، ئۈزۈم قاتارلىق زىرائەتلەرمۇ تېرىلغانىدى. «ئىلگىرى ئەتىيازلىق كېۋەز تېرىقچىلىقىغا بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت كېتەتتى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ماشىنىلىشىش دەرىجىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ھازىر ئون كۈن ئەتراپىدىلا ئەتىيازلىق كېۋەز تېرىقچىلىقىنى تاماملىغىلى بولىدۇ» دېدى 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، كومسومول دېھقانچىلىق مەيدانى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن جېڭۋېي جاڭ فېڭتۇەن.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، كومسومول دېھقانچىلىق مەيدانى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاپ تېرىش، تۈجۈپىلەپ تېرىش، ئاپتوماتىك تېمىتىپ سۇغىرىش، تەڭپۇڭ ئوغۇتلاش، سىنلىق ئېتىز پەرۋىشى، سۇ ئەھۋالىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئارقىلىق ئۆسۈملۈك ئاسراش مەشغۇلاتى قاتارلىق ئۇچۇر تېخنىكىسىنى يېتەكچى قىلغان تۈجۈپىلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى ۋە ئاقىل يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى ھەم يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە پەرۋىش قىلىشتىكى ھەرقايسى ھالقىلاردا كەڭ قوللاندى.
«ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلانغاندىن باشلاپ، بېيدوۋ يول باشلايدىغان شوپۇرسىز تىراكتورنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، يەر رەتلەش، يوپۇق يېپىش ۋە تېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكىسى ياتقۇزۇش، تۈجۈپىلەپ تېرىش بىر يولدىلا پۈتىدۇ، بۇنىڭدىن غەم قىلىشىمىزنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق.» كومسومول دېھقانچىلىق مەيدانى 5 - ليەنىنىڭ خىزمەتچىسى يۈەن جياچياڭنىڭ كېۋەز تېرىۋاتقىنىغا نۇرغۇن يىل بولغان بولۇپ، ئىلغار تېخنىكىنىڭ قوللىنىلىشى ئۇنىڭغا «يەر تېرىش بارغانسېرى ئاسانلىشىش»نى ھېس قىلدۇردى. ئۇ بۇ يىل 200 مو يەرگە كېۋەز تېرىدى، مۆلچەرلىنىشىچە، ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇلى 400 كىلوگىرامدىن كۆپرەككە يېتىدىكەن.
يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ماشىنىلىشىش، ئۇچۇرلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش يۆنىلىشىگە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، كومسومول دېھقانچىلىق مەيدانى پاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پۈتۈن جەريانلىق ماشىنىلىشىشىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن دەل جايىدا تېرىش، ئىنچىكە پىششىقلاشنى %100 ئىشقا ئاشۇردى، ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ پۈتۈن جەريانلىق ماشىنىلىشىش نىسبىتى %100كە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى سەۋىيەدە تۇردى.
شۇنداقلا يەنە، «ئالاقە تورى + يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى كەسپىيلەشتۈرۈش» مۇلازىمىتى كومسومول دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى تېرىقچىلىق تەسىراتى ئېلىپ كەلدى. كومسومول دېھقانچىلىق مەيدانىغا جايلاشقان شىنجاڭ جۇڭغار يىنفېڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇقلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش لاپىسىدا، نۇرغۇن ئاپتوماتىك پاختا يىغىش ماشىنىلىرى رەتلىك تىزىلغانىدى. «بۇ پاختا يىغىش ماشىنىلىرىغا نۆۋەتتە خەلقئارادىكى ئەڭ ئىلغار پاختا يىغىش ئۈسكۈنىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، پاختا يىغىش ئۈنۈمى ئىلگىرىكىدىن %50تىن ئارتۇق ئاشتى. تېرىقچىلىق ئائىلىسى يان تېلېفون APPسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق پاختا تېرىش ماشىنىسىنى توردا ئالدىن كېلىشسە بولىدۇ» دېدى بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى ۋۇ شۇۋېي.
سۇ شىنجاڭنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنىڭ جان تومۇرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كومسومول دېھقانچىلىق مەيدانى دۆلەت زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، دۆلەت يېزا ئىگىلىكىنى يېشىل تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالدىن يولغا قويۇش رايونى قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە سۇ تېجەپ سۇغىرىش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، پۈركۈپ سۇغىرىش، تېمىتىپ سۇغىرىش بويىچە قوش پايدىلانغىلى بولىدىغان مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ئاپتوماتلاشقان بېسىم ئاشۇرۇش پومپا پونكىتى سىستېمىسىنى قۇرۇپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق سۇ تېجەپ سۇغىرىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇردى. «ئىشچى - خىزمەتچىلەر كومپيۇتېردا مائۇسنى چېكىش ياكى يان تېلېفون قىسقا ئۇچۇرى يوللاش ئارقىلىق، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى سۇغىرىشنى يىراق مۇساپىلىك كونترول قىلالايدۇ» دېدى جاڭ فېڭتۇەن.
ھاياتىي كۈچكە تولغان كومسومول دېھقانچىلىق مەيدانى زور بىر تۈركۈم كارخانىنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى. كومسومول دېھقانچىلىق مەيدانىدا سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش ئارقىلىق ماكانلاشقان كارخانا − شىنجاڭ تاڭتىڭ شيالۇ ھاراقچىلىق قورۇقى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، يېڭى تۈردىكى ئۈزۈم ھارىقى پۈتۈن ئاپتوماتلاشقان قاچىلاش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە كىرگۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يەتكۈزۈلىدۇ.
«بۇ يىل بىز تۆۋەن گىرادۇسلۇق كۆپۈكلۈك ھاراق، بىراندى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىپ ئاچتۇق ھەم ئۈزۈم ھارىقى باش تېما قىلىنغان مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولدۇق، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە نۇرغۇن ساياھەتچى ھاراق زاۋۇتىمىزنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ تەسىراتقا ئىگە بولدى.» شىنجاڭ تاڭتىڭ شيالۇ ھاراقچىلىق قورۇقى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ شۇنلى مۇنداق دېدى: ھاراق زاۋۇتىمىز كومسومول دېھقانچىلىق مەيدانى بىلەن يەنە ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىگە تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ھەقسىز ئۆگىتىپ، تۆۋەن چەككە كاپالەتلىك قىلىپ سېتىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگەتتى.
نۆۋەتتە، كومسومول دېھقانچىلىق مەيدانى 10 مىڭ مودىن ئارتۇق ئەلا سۈپەتلىك ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسى قۇرۇپ، يىللىق ئۈزۈم ھارىقى پىششىقلاش ئىقتىدارىنى 15 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ ھەمتۈرتكە تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇردى. «باشلامچى كارخانىلارنىڭ تۈرتكىلىك رولىغا تايىنىپ، ئۈزۈم ھارىقى كەسپى ئارقىلىق مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، كومسومول دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى» دېدى كومسومول دېھقانچىلىق مەيدانى ئىقتىساد تەرەققىيات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى زېڭ خۇڭۋېي.
1 - كەسىپنى ئەلالاشتۇرۇش، 2 - كەسىپنى خاسلاشتۇرۇش، 3 - كەسىپنى كۈچەيتىش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى مۇۋاپىق ئەلالاشتۇرۇپ، كومسومول دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى بارغانسېرى ياخشى بولدى.
«كومسومول دېھقانچىلىق مەيدانىمىزدا ھەر يىلى يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولدى، بىز يېڭى بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردۇق، شەخسىي ئاپتوموبىلىمىز بار بولدى، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى، بىز چىن قەلبىمىزدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز» دېدى كومسومول دېھقانچىلىق مەيدانى 2 - ليەنىنىڭ خىزمەتچىسى خۇ ۋېنشيەن.
خۇ ۋېنشيەن كومسومول دېھقانچىلىق مەيدانىدا 20 نەچچە يىل تۇرمۇش كەچۈرگەن بولۇپ، ئىلگىرى بۇ يەرنىڭ تېرىقچىلىق ماھىرى ئىدى، ئائىلىسىنىڭ يىللىق كىرىمى 100 نەچچە مىڭ يۈەن ئىدى. كومسومول دېھقانچىلىق مەيدانى ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتىدىن كېيىن، ئۇ شىنجاڭ جۇڭغار يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات سۇ ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتى كومسومول شۆبە شىركىتىنىڭ سۇ تەقسىملىگۈچىسى بولۇپ، خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە سۇ باشقۇرۇش، سۇ ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، سۇدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى %49تىن %80كە ئۆستۈردى. خۇ ۋېنشيەن بۇ نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك نەمۇنىچىسى، بىڭتۇەن بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولۇپ باھالاندى.
«ئەستايىدىل بولۇپ، ئۆز خىزمىتىمىزنى پۇختا، ياخشى ئىشلىسەكلا، پارتىيەنىڭ مېھىر - شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرالايمىز» دېدى خۇ ۋېنشيەن چىن قەلبىدىن.