7 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، خىزمەتچى خادىملار شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ قومۇل يەندۇن شامال ئېنېرگىيەسى بىلەن يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئۆزئارا تولۇقلايدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا چارلاپ تەكشۈرمەكتە. بۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قومۇلدىكى ھازىر قۇرۇلغان شامال ئېنېرگىيەسى بىلەن يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئۆزئارا تولۇقلايدىغان ئەڭ چوڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسى بولۇپ، ھازىرغىچە جەمئىي تارقاتقان توك 4 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشتى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى