ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ چۇنلىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قوغداشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قىممەتنى قېزىپ، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى جانلاندۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ـ پايدىلىنىش ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى مول تارىخىي ئوزۇق بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىش كېرەك.
جاڭ چۇنلىن شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىغا كېلىپ، ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئارخېئولوگىيە خىزمىتى نوقۇل ئىلىم خىزمىتى ئەمەس، بەلكى مۇھىم، زور جەمئىيەت ئەھمىيىتى ۋە سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە خىزمەت. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئارخېئولوگىيە خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخىنى تەتقىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش ۋە دەلىللەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. سىستېما تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى پائال جەلپ قىلىپ، سىياسەت، تارىخ، مېدىتسىنا، قانۇن قاتارلىق كەسىپلەردىكى خادىملارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىپ، قېزىپ چىقىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەتقىق قىلىش، قوغداش خىزمىتىنى بىرلىكتە قانات يايدۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى، كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا سىجىل تۈردە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ھاياتىي كۈچ قوشۇش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى مەخسۇس تېمىلىق يىغىنىدا، جاڭ چۇنلىن مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ئاڭلىق زىممىگە ئېلىش كېرەك. قەدىمكىنى بۈگۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، توغرا يولنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تارىختىن بۇيان مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ غەربىي يۇرتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قانۇن بويىچە، بەلگىلىمە بويىچە قوغداش، ئېچىش، پايدىلىنىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىگە چوڭقۇر بىرلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قېزىش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن پايدىلىنىش، مۇزېيدا كۆرگەزمە قىلىش، كەسپىي ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە مەركەزلىك كۈچەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مىراسلىرىنى كۆرگەزمە قىلىشتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش تارىخىي ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.