شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن پولشا زۇڭتۇڭى دۇدا بىلەن تېلېفونلاشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىلنىڭ بېشىدا، سىز جۇڭگوغا كېلىپ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتىڭىز، بىز دوستانە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا نۇرغۇن مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. شۇنىڭدىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پولشانىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگوغا كىرگۈزۈش، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ۋە خادىملارنىڭ بېرىش ـ كېلىشى قاتارلىق جەھەتلەردە پائال ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو ـ پولشا ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى قەدىرلەيدۇ، پولشانى ياۋروپادىكى ئالدى بىلەن ھەمكارلىشىدىغان ھەمراھى دەپ قارايدۇ، پولشا تەرەپ بىلەن بولغان قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ـ پولشانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ سىياسەت جەھەتتە ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەمكارلىق كومىتېتى، ئىقتىساد ـ سودا بىرلەشمە كومىتېتى قاتارلىق مېخانىزملاردىن پايدىلىنىپ ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇپ، ئىقتىساد ـ سودا، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېشىل تەرەققىيات، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يارىتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ پولشانىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىنى قارشى ئالىدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنى پولشاغا بېرىپ مەبلەغ سېلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئىككى تەرەپ تىرىشىپ جۇڭگو − ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىنىڭ بالدۇرراق ماكانلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ ئون يىللىقىغا ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى پائال ھەمكارلىشىپ پىلانلاپ ياخشى ئۆتكۈزۈپ، كېيىنكى ئون يىللىق ھەمكارلىق ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك. پولشا تەرەپنىڭ جۇڭگو ـ ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال قوللاپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
دۇدا مۇنداق بىلدۈردى: مەن بۇ يىل 2 ـ ئايدا جۇڭگوغا بېرىپ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىمدىن ھەم سىز بىلەن ناھايىتى ياخشى كۆرۈشۈش ئۆتكۈزگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، بۇ، ھازىرغىچە ئېنىق ئېسىمدە بولۇپ، مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. گەرچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولساقمۇ، بىز ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇش ئەمەلىيلىشىۋاتىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئالاقىدار ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ. پولشا تەرەپ جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ۋە رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد ـ سودا، ئەشيا ئوبوروتى، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ پولشاغا كېلىپ مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ. پولشا تەرەپ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ـ جۇڭگو ھەمكارلىقى ۋە ياۋروپا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىران زۇڭتۇڭى لەيشى بىلەن تېلېفونلاشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىلەن ئەسىر يۇقۇمىنىڭ گىرەلەشمە تەسىرىدە، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىردى. ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارزۇسى تېخىمۇ تەخىرسىز بولدى، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىققا ئىنتىلىش سادالىرى تېخىمۇ كۈچەيدى. چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ئىران ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەققانىي ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى قوغدىدى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو ـ ئىران مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىدۇ، ئىران تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو ـ ئىران ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ داۋاملىق بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە بىر ـ بىرىنى قەتئىي قوللىشى، ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىقتىن ئىبارەت بۇ خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قوغدىشى كېرەك. ئىككى دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇشى كېرەك. رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردىكى ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ باشتىن ـ ئاخىر ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ رايون خەۋپسىزلىكى مەسىلىسىنى ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ ھەل قىلىشىنى قوللاپ كەلدى، ئوتتۇرا شەرق خەلقىنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان ھالدا تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قوللاپ كەلدى، ئىران تەرەپ بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق رامكا ئىچىدە ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئىران تەرەپنىڭ يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ۋە يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى پائال قوللىغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، ئىران تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تەشەببۇسنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
لەيشى مۇنداق بىلدۈردى: بۇلتۇر ئىران بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى. ئۆتكەن 50 يىلدا ئىران ـ جۇڭگو ھەمكارلىقىدا مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، كەلگۈسىدە ئىران ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ئىران ـ جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىراننىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى بېكىتىشىدە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان ۋە مۇھىم نۇقتا قىلىنغان. ئىران بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەت زومىگەرلىككە، بىر تەرەپلىمىلىككە قارشى تۇرىدۇ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇرىدۇ، قانۇنسىز بىر تەرەپلىمە چەكلەشكە قارشى تۇرىدۇ، قوش ئۆلچەمگە قارشى تۇرىدۇ. ئىران تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ. ئىران تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا مۇھىم ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ۋە يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.