شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى نىكنىك ۋۇروباراۋۇغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ۋانۇئاتۇ جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ۋانۇئاتۇ جۇڭگونىڭ تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى رايونىدىكى ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى، ياخشى قېرىندىشى. جۇڭگو بىلەن ۋانۇئاتۇنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كۈنسېرى چوڭقۇرلىشىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئىتتىپاقلىشىش ـ ھەمكارلىشىشىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ۋانۇئاتۇ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. مەن جۇڭگو ـ ۋانۇئاتۇ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ۋۇروباراۋۇ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو ـ ۋانۇئاتۇ مۇناسىۋىتى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ ئىستىقبال يارىتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.