□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ دۇڭمېي
«كابېل ئۇچى، رۇبىلنىك سىم قىسقۇچنىڭ تېمپېراتۇرىسى نورمال. يۈرۈڭ، بىز كېيىنكى ئاساسىي ئىستولبىغا بارايلى.» 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى بۈگۈر ناھىيەلىك توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ لىنىيە چارلىغۇچىسى ئەلى ياسىن ھەمراھى دىفران سېتىۋالدى بىلەن سەھەردىلا لىنىيە چارلاش نۇقتىسىغا يېتىپ كېلىپ، باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى لىنىيە چارلاش خىزمىتىنى باشلىدى.
باھار بايرىمى مەزگىلىدە توك بىلەن تەمىنلەش لىنىيەسىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى بۈگۈر ناھىيەلىك توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش پىلانىنى ئالدىن تۈزۈپ، توك تەقسىملەش لىنىيەسىدىكى ئۈسكۈنىلەرنى كۆزىتىش سالمىقىنى زورايتتى، يەنە پار بىلەن تەمىنلەش، سۇ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان توك بىلەن تەمىنلەش لىنىيەلىرىگە قارىتا ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق تېمپېراتۇرا ئۆلچەش ۋە ئالاھىدە چارلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.
«بۇ بىرنەچچە كۈندە تېمپېراتۇرا بىرقەدەر تۆۋەن، كۆزىتىش جەريانىدا ئاچقۇچلۇق ئورۇنلارنىڭ ئۇلىنىش نۇقتىسىدا ئوت چاقناش، زىيادە قىزىپ كېتىش، زەرەت قويۇپ بېرىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ بار - يوقلۇقىغا نۇقتىلىق دىققەت قىلىش كېرەك»، دەپ ئالاھىدە تاپىلىدى دۆلەت ئېلېكتىر تورى بۈگۈر ناھىيەلىك توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى توك تەقسىملەش بەنىنىڭ بەنجاڭى يۈ شۆسۇڭ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن.
شورلۇق دالا پاتقاقلىشىپ كەتكەن بولۇپ، مېڭىش تەس ئىدى، مۇخبىر ئۇلارغا ئەگىشىپ پاتقاق كېچىپ ماڭدى، ئايىغىنىڭ تېگى ۋە ئىشتىنىنىڭ پۇچقىقى ناھايىتى تېزلا لاي بولۇپ كەتتى.
باھار بايرىمى مەزگىلىدە توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش دەرىجىسى يۇقىرى بولغاچقا، لىنىيە چارلاش خىزمىتىدە ئازراقمۇ بىخەستەلىك قىلىشقا بولمايتتى. ھەربىر ئىستولبا ئالدىدا، ئەلى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھى دىفران سىم يولىنىڭ كابېل تېرمىنالى ئۇچى ۋە ئۈسكۈنە سىم قىسقۇچىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ ۋە خاتىرىلەپ، مۇنارسىمان ئىستولبىغا تارتىلغان سىمنىڭ چىڭىتىلىش ئەھۋالى، لىنىيە يولىنىڭ راۋان ياكى راۋان ئەمەسلىكى قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل تەكشۈردى، دۇربۇن ئارقىلىق لىنىيە، ئىزولياتور، توغرا يۆنىلىشلىك تۆمۈر بالداق ئورنىتىلغان جاينىڭ قىيسىيىپ قالغان - قالمىغانلىقى، ۋىنتىنىڭ بوشاپ كەتكەن - كەتمىگەنلىكى قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆزىتىپ، بىر - بىرلەپ خاتىرىلەپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈردى.
«A فازا 1.5 سېلسىيە گىرادۇس، B فازا 2.2 سېلسىيە گىرادۇس...» ئەلى بىلەن دىفران بىردەممۇ توختىماي ئالدىراش ئىشلىدى، ئۇلارنىڭ يۈزلىرى توڭلاپ قىزىرىپ كەتتى، كىرپىكلىرى ۋە قاشلىرىنىمۇ قىروۋ باغلاپ كەتتى.
بۇ چاغدا، دۆلەت ئېلېكتىر تورى بۈگۈر ناھىيەلىك توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش مەركىزىدە نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان جۇ جيايى چوڭ ئېكران ئالدىدا تۇرۇپ، نۇقتىلىق لىنىيەلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈۋاتاتتى. «لىنىيەدە كاشىلا كۆرۈلسە، ئۈچ مىنۇت ئىچىدە تەۋەلىكتىكى توك بىلەن تەمىنلەش پونكىتىغا جىددىي رېمونت قىلىشنى ئۇقتۇرىمىز» دېدى جۇ جيايى.