□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بارشا تېگېس، ئىختىيارىي مۇخبىر فېڭ خەيسېن
«يۈك ئالماشتۇرۇش ئىسكىلاتىدىكى خادىملار دىققەت، بىر نۆۋەتچى پويىز ھازىرلا ۋوگزالغا كىرىدۇ، خادىملارنىڭ كىرىش - چىقىش يولىغا دىققەت قىلىڭلار، بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەڭلار.» 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، قورغاس ۋوگزالىدىكى يۈك ئالماشتۇرۇش ئىسكىلاتى رايونىدا، جېڭىس تۇراقان خەلق ساقچىلىرىغا ئەسكەرتتى.
1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تاڭ يورۇمايلا، ئۈرۈمچى تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى كۈيتۈن جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى قورغاس ۋوگزالى ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن ساقچىخانا باشلىقى، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئالدىنقى قاراۋۇل بەنىنىڭ بەنجاڭى جېڭىس جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئالدىنقى قاراۋۇل بەنىدىكى ئىككى خەلق ساقچىسىنى باشلاپ، مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ، نان ۋە سۇ تەييارلاپ يولغا چىقتى. ئۇلار تۇرۇشلۇق جايىدىن تۆت كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قورغاس ۋوگزالىنىڭ يۈك ئالماشتۇرۇش ئىسكىلاتى رايونىغا پىيادە بېرىپ، بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى باشلىدى.
قورغاس جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى لىنىيەسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىمپورت - ئېكسپورت پورتلىرىنىڭ بىرى. نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ راۋان يۈرۈشىنى قوغداش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى كۈيتۈن جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى قورغاس ۋوگزالى ساقچىخانىسى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئالدىنقى قاراۋۇل بەنىنى قۇردى. ھازىر، ھەر كۈنى 20 ئەتراپىدىكى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قورغاس ۋوگزالىدا چېگرادىن كىرىدۇ - چىقىدۇ، نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ يۈك ئالماشتۇرۇش ئىسكىلاتى رايونىغا كىرىش - چىقىش ۋاقتى سەھەر سائەت 2دىن شۇ كۈنى سائەت 23كىچە داۋاملىشىدۇ.
سائەت 7دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، جېڭىس ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى يۈك ئالماشتۇرۇش ئىسكىلاتى رايونى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ بىخەتەر يۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپلەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.
«بۇ، ۋاگون ئورۇنلاشتۇرۇش پاراۋۇزى، بىزنىڭ خىزمىتىمىز پويىز گەۋدىسى، يۈك، خادىملارغا قارىتا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىش.» 33 ياشلىق جېڭىس مۇنداق دېدى: چېگرادىكى بىرىنچى سەپتە نۆۋەتچى پويىزنىڭ بىخەتەر قاتنىشىنى قوغدىيالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن.
دەل شۇ چاغدا، جېڭىس كەڭ رېلىسلىق مەيدانىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدى، چېگرادىن كىرگەن يەنە بىر پويىز چېگرا تەكشۈرۈش مەيدانىغا يېتىپ كەلگەنىدى، ئۇ دەرھال خەلق ساقچىلىرىنى باشلاپ يۈرۈپ كەتتى.
خەلق ساقچىلىرى ۋە لىنىيە بويىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئورتاق قوغدىشىدا، قورغاس ۋوگزالى ساقچىخانىسى تەۋەلىكىدىكى لىنىيەنىڭ سىجىل بىخەتەر، مۇقىم، تىزگىنلىگىلى بولىدىغان بولۇشىنى، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشىنى ئىشقا ئاشۇردى.