□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لى
«دادا، ئاپا، قاراڭلار، بۇ، قاينۇق بازىرى چېجى كەنتىنىڭ <كەنت كېچىلىكى>دىكى نومۇرلار، بۇ، مەن قاتناشقان <شادىيانە بېيلۇن ئۇسسۇلى>...» 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى باھار بايرىمىنىڭ ئالدىنقى كۈنى، شىبە مىللىتى بېيلۇن ئۇسسۇلى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى كۇڭ شىڭخۇا چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ جاكۇچى نېرۇ يېزىسىدىكى ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، سىننى ئېچىپ كۆرسىتىپ، ئۇلارغا «كەنت كېچىلىكى»دىكى كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلىرى تەييارلاپ، ئۆزلىرى رېژىسسورلۇق قىلىپ، ئۆزلىرى ئورۇنلىغان نومۇرلارنى سۆزلەپ بەردى.
2023 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئۈچ كەنت، بازار مەملىكەت بويىچە يېزا - كەنتلەرنىڭ «كەنت كېچىلىكى» ئۈلگە كۆرسىتىش كۆرگەزمە نۇقتىسى بولۇپ تاللاندى، بۇنىڭ ئىچىدە چېجى كەنتىمۇ بار.
باش ئۇسسۇل ۋە ئاخىرقى ئۇسسۇلنى قوشقاندا، چېجى كەنتىنىڭ «كەنت كېچىلىكى»دە جەمئىي 22 نومۇر ئورۇندالدى. «بىز ئەسلىدە 15تىن 17گىچە نومۇر تەسىس قىلىشنى پىلانلىغانىدۇق، لېكىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قاتنىشىش ئاكتىپلىقى بەك يۇقىرى بولدى!» ناھىيەلىك مەدەنىيەت سارىيى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چېن جياشىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: نەتىجىدە كېچىلىكتە 22 نومۇر ئورۇنلاندى، جەمئىي 500دىن ئارتۇق ئارتىس قاتناشتى.
شىبە مىللىتىنىڭ بېيلۇن ئۇسسۇلىدىن باشقا، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ «نازىركوم» ئۇسسۇلى، قازاق مىللىتىنىڭ «چارۋىچىلىق دەۋرى» ئۇسسۇلى، موڭغۇل مىللىتىنىڭ «شادلىق تەنتەنىسى» ئۇسسۇلى، خۇيزۇ مىللىتىنىڭ «قورۇدا ئۆسكەن يېشىل جۈسەي» خۇئېر ئۇسسۇلى، يۈجۈ تىياتىرى «چاۋياڭگۇدىن ئارىيە» قاتارلىق نومۇرلارمۇ «كەنت كېچىلىكى»دە كەينى - كەينىدىن كۆرسىتىلدى.
«ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاق، ئىناق، تۇرمۇشىمىز شۇنچە گۈزەل، يېڭى دەۋرگە قاراپ ماڭدۇق، ئۇلۇغ پارتىيەگە رەھمەت...» چېجى كەنتىدىكى 40 ياشلىق گۈلنۇر ھەسەنجاننىڭ بارماقلىرى دۇتارنىڭ تارىلىرى ئارىسىدا شوخ ھەرىكەتلىنىپ، قالغان 13 ئارتىس بىلەن بىرلىكتە «يېڭى دەۋرگە مەدھىيە»نى ئورۇنلىدى.
«كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە بولغان قىزغىنلىقى يىلدىن - يىلغا ئېشىۋاتىدۇ، كۆپچىلىك ئۆزلىرى تەييارلاپ، ئۆزلىرى رېژىسسورلۇق قىلىپ، ئۆزلىرى ئورۇنلىغان <كەنت كېچىلىكى> بىر مەيدان چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى بولۇپ قالدى» دېدى كۇڭ شىڭخۇا.
چېجى كەنتى «كەنت كېچىلىكى»نىڭ باش رېژىسسورى، ناھىيەلىك مەدەنىيەت سارىيىنىڭ مۇئاۋىن ساراي باشلىقى فۇ يىڭگاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ناخشا - ئۇسسۇل، يەرلىك شىچۈ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، چالغۇ چېلىش (ئېيتىشىش)، ئېتۇت قاتارلىق سەنئەت شەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ قېتىمقى «كەنت كېچىلىكى»دە يېڭى دەۋر تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن مەدھىيەلەندى، قويۇق بايرام تۈسىنى ئالغان پانۇس، جۇڭگو تۈگۈچى، دۇمباق، رەڭدار لېنتا، ئوت يەلپۈگۈچ قاتارلىق سەھنە جابدۇقلىرىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىلدى، بۇ، بىر مەيدان ئۇنىۋېرسال سەنئەت تىپىدىكى ناخشا - ئۇسسۇل كېچىلىكى بولدى.