□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جيا چۇنشيا
شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ، خۇددى زامان - ماكان ھالقىغان ساياھەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇش؛ قولدا گۈللۈك پانۇس ياساپ، قول بىلەن مېڭىنى تەڭ ئىشلىتىش شادلىقىنى ھېس قىلىش... 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، باھار بايرىمىنىڭ 1 - كۈنى نۇرغۇن كۆرۈرمەن شىنجاڭ مۇزېيىغا كىرىپ، تارىخىي مەدەنىيەت ئېلىپ كەلگەن مەنىۋى ئوزۇقتىن بەھرىلەندى.
«شەكىل قۇراشتۇرۇشتىن بۇرۇن، بىز ئالدى بىلەن سول تەرەپتىكى چىغ سېۋەتنى كۆزىتىمىز، ئاندىن ئوخشاش قۇراشتۇرغىلى بولىدىغان - بولمايدىغانلىقىغا قارايمىز.» «شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى» چىن سۇلالىسىدىن بۇرۇنقى مەزگىل كۆرگەزمە زالىنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇش قۇرۇلمىسى ئالدىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى يۈ شياۋگېن بەش ياشلىق كىچىك ئوغلىنى ئېلىپ شەكىل قۇراشتۇرۇش ئويۇنى ئوينىدى؛ بىر تەرەپتە، تولۇقسىز 3 - يىللىقتا ئوقۇۋاتقان چوڭ ئوغلى پۈتۈن زېھنى بىلەن كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان كىگىز قالپاقنى كۆردى.
«شىنجاڭ مۇزېيىدا كۆرگەزمە بۇيۇملىرى ناھايىتى مول ئىكەن، يەنە نۇرغۇن ھەمتۈرتكىلىك قۇرۇلمىلار بار ئىكەن، بىلىم ئىگىلەش بىلەن كۆڭۈل ئېچىش بىرلەشتۈرۈلۈپتۇ. باھار بايرىمى بولغاچقا، بالامنى ئېلىپ مۇزېينى ئايلىنىپ، تارىخىي مەدەنىيەت بىلىملىرىمىزنى ئاشۇردۇق» دېدى يۈ شياۋگېن.
غەربىي خەن ۋە شەرقىي خەن سۇلالىسى مەزگىلى كۆرگەزمە زالىدا خۇبېي ۋۇخەندىن كەلگەن لى خاڭ «شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش يۇلتۇز، جۇڭگو ئېلىگە نەپ يېتەر» كىمخاب مۇھاپىزەت يەڭلىكى قويۇلغان كۆرگەزمە ئىشكاپى ئالدىدا توختاپ كۆردى. «بۇ يىل مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىدىكى بىر نومۇردا بۇ رىۋايەت تۈسىنى ئالغان دۆلەت گۆھىرى تەپسىلىي بايان قىلىندى. نەق مەيدانغا كېلىپ كۆرسە كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىكەن، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى توقۇمىچىلىق ھۈنىرى ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەن.» لى خاڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرى بىلەن شىنجاڭغا ساياھەت قىلىپ باھار بايرىمى ئۆتكۈزگىلى كەلگەن بولۇپ، شىنجاڭ مۇزېيىنى ئالايىتەن تۇنجى بېكەت قىلىپ تاللىدى.
باھار بايرىمى مەزگىلىدە، شىنجاڭ مۇزېيى «پانۇس ۋە رەڭدار لېنتىلارنى ئېسىپ، باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش − قولدا گۈللۈك پانۇس ياساش» قاتارلىق باھار بايرىمى باش تېمىسىغا ئالاقىدار ياشلار، ئۆسمۈرلەر جەمئىيەت تەربىيەسى پائالىيىتىنى يولغا قويدى، بۇ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئاتا - ئانىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. 4 - قەۋەتتىكى جەمئىيەت تەربىيەسى پائالىيەت ئۆيىدە، توققۇز ياشلىق ئەن كېۋېي بىلەن دادىسى ئەن جوۋبو تاياقچىلارنى قۇراشتۇردى، جۇڭگو تۈگۈچى ئاستى. «بۇ پائالىيەتلەر بالىلارنىڭ قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارى، تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدۇ، مۇزېيدا باھار بايرىمى ئۆتكۈزسە ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولىدىكەن» دېدى ئەن جوۋبو.