□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر
تومۇز مەۋسۇمىدا، مېۋە ـ چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى ھەممە يەرنى قاپلىغانىدى، گۈزەل شىنجاڭ ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارنى خۇشاللىق بىلەن كۈتۈۋالدى. 7 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنىدىن 19 ـ كۈنىگىچە، پاكىستان دىنىي زاتلار ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ، قەشقەر، ئاقسۇ، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا ئېكسكۇرسىيە ـ زىيارەتتە بولدى.
شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر مەنزىرە رايونى، قەدىمىي شەھەر، كونا كوچا، خاتىرە سارىيى ۋە مەسچىت قاتارلىقلارغا كىرىپ، بىر تەرەپتىن ماڭغاچ، بىر تەرەپتىن كۆرۈپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ھېس قىلدى، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، دىنلار ئىناقلىقى، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئالقىشلىدى.
ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بۇ قېتىمقى سەپىرىدىكى تەسىراتىنى بايان قىلغاندا، ئېجىل ـ ئىناق، قىزغىن، سىغدۇرۇشچان ئىكەن، گۈللىنىپ راۋاجلىنىپتۇ دېگەن سۆزلەرنى قايتا ـ قايتا تىلغا ئالدى.
بۇ يازدا، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكى سىجىل جانلاندى. قەشقەر قەدىمىي شەھىرى ۋە ئاقسۇ كونا كوچىسىدىكى مىغ ـ مىغ كىشىلەر توپى، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تاۋارلار ھەمدە كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايدىغان ئېسىل تائاملار ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرگە قايناق تۇرمۇش پۇرىقىنى ھېس قىلدۇردى.
«مەن ئۆزۈمنى خۇددى قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمگەن دېڭىزدا تۇرغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن.» پاكىستان مۇسۇلمانلار تەتقىقات ئورنىنىڭ رەئىسى سۇلتان ئەلى مۇنداق دېدى: قەشقەر قەدىمىي شەھىرى خام بازىرىدىكى كەچلىك بازاردا نۇرغۇن ئۆزگىچە تائاملار بار ئىكەن، بۇ يەردىكى قايناق ئاۋات مەنزىرە مېنى بەكمۇ جەلپ قىلىۋالدى.
«بۇ جايدىكى ئاھالىلەر ئۆزىنىڭ دۇكىنىنى ئېچىپ، ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ ـ ئادىتىنى ساقلاپ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋېتىپتۇ.» سۇلتان ئەلى مۇنداق دېدى: يول بويى نۇرغۇن سۈرەت ۋە سىن تارتتىم، قايتىپ بارغاندىن كېيىن چوقۇم ئائىلەمدىكىلەر ۋە دوستلىرىم بىلەن تەڭ بەھرىلىنىمەن.
كونا شەھەر ناھىيەسىدىكى مىللىيچە چالغۇلار كەنتى، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ ۋەن تۇڭشۇ مۇقام ھۆججەت ـ ئەسەرلەر سارىيى قاتارلىق جايلاردا، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭنىڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى. ئۇلار مۇنداق قارىدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئۈچۈن غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپتۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتى ھۆرمەت قىلىنىپتۇ ۋە كېڭەيتىلىپتۇ.
قەشقەر شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونىنى قوغداش، ئۇنىۋېرسال تۈزەش خاتىرە سارىيى ۋە ئاقسۇ كۆكيار خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن، پاكىستان ئىسلام ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مۇدىرى ئاسىف كاچى مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەتلىك يىرىك پىلان تۈزۈپ ھەم سىجىل يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپتۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ.
«جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىشلەپ، جاپالىق شارائىتتا قۇملۇق، قاقاسلىقنى 10 مىڭ مولۇق ئورمان دېڭىزىغا ئايلاندۇرۇپتۇ، ناھايىتى قالتىس ئىكەن.» ئاسىف كاچى مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپتۇ، شىنجاڭدا قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى قانات يايدۇرۇشتا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۆگىنىشى، كېڭەيتىشىگە ئەرزىيدۇ.
شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن ـ كۆرگەزمە مەركىزىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى باش تېما كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، سۈرەت، سىن ۋە كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئەمەلىي بۇيۇملار قاتارلىقلار ئارقىلىق، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇلار جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورىزمغا، ئەسەبىزمگە زەربە بېرىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم مۇنداق دېدى: پاكىستان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش جەھەتتە، جۇڭگو دۇچ كەلگەن خىرىسقا ئوخشاش خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، جۇڭگونىڭ تەجرىبىسى ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدۇ.
شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە ـ زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر يەنە قەشقەر شەھىرىدىكى ھېيتگاھ مەسچىتى، ئاقسۇ شەھىرىدىكى رەستە جامە مەسچىتى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاق مەسچىتنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، دىنىي خادىملار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇلار جۇڭگو شىنجاڭنىڭ دىنىي خادىملارنى تەربىيەلەش، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىگە ئاپىرىن ئېيتتى.
«مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا. بىز بۇ قېتىمقى سەپىرىمىز ئارقىلىق، چوقۇم دۇنياغا ھەقىقىي، گۈزەل، رەڭدارلىققا تولغان جۇڭگو شىنجاڭنى بايان قىلىپ بېرىمىز.» ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، پاكىستان ئىسلام ئىدېئولوگىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى چېلا ئاياز مۇنداق دېدى: يول بويى بىر تەرەپتىن ماڭغاچ، بىر تەرەپتىن كۆرۈپ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى، مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ناھايىتى ياخشى قوغدىلىۋاتقانلىقىنى، قەشقەر، ئاقسۇ، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىنمۇ ئاۋات ئىكەنلىكىنى كۆردۇق. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: پاكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ۋاسىتە قىلىپ، جۇڭگو بىلەن، بولۇپمۇ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.