گېزىتىمىز، بېيجىڭ، 7 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى جيانى خەۋەر قىلىدۇ: 7 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، «شىنجاڭدىكى يېڭى دەۋر ياخشى ئۆسمۈرلىرىنىڭ ۋەتەن سەپىرى»گە قاتناشقان 14 ساۋاقداش لى داجاۋنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىغا كېلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئەسلىدى، ھەم «ئوت ياققۇچى − لى داجاۋنىڭ ئىنقىلابىي ئىدىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى مەخسۇس تېمىلىق كۆرگەزمىسى»نى كۆردى.
ئەسلىي تۇرالغۇغا كىرىپ، جۇڭگودا ماركسىزمنى تارقاتقان بۇ باشلامچىنىڭ ئىزلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ساۋاقداشلار ناھايىتى كۆپ تەسىراتقا ئىگە بولدى.
«نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئارقىلىق ئىنقىلابىي قۇربان لى داجاۋنىڭ غايە ـ ئېتىقاد ئۈچۈن قۇربان بېرىشتىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىرادىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندىم.» قومۇل شەھەرلىك 1 ـ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى خالمۇرات ھۈسىيىن مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋردىكى ياش ئىتتىپاق ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسىنى پائال تاپشۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ياشلىق كۈچۈمنى نامايان قىلىمەن.
ئونسۇ ناھىيەلىك 4 ـ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى خا بىندې مۇنداق دېدى: قىزىل بازىغا كىرىپ، ھەربىر پارچە رەڭسىز سۈرەت، ھەربىر ئەمەلىي بۇيۇملاردىن ئىنقىلابىي قەھرىمانلار، قۇربانلارنىڭ ئۇلۇغۋار ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، ئۇلارنىڭ جىسمىدىن ئۆگەنگەن روھنى كۈرەش قىلىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، تىرىشىپ سوتسىيالىزمنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىمەن.
ئېكسكۇرسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، پايتەخت مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى بېيجىڭ شەھىرىدىكى «يېڭى دەۋر ياخشى ئۆسمۈرلىرى» بىلەن شىنجاڭدىن كەلگەن «يېڭى دەۋر ياخشى ئۆسمۈرلىرى» پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆھبەتلىشىش پائالىيىتىنى تەشكىللىدى، ئىككى جايدىكى «يېڭى دەۋر ياخشى ئۆسمۈرلىرى» ئۆزلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ھېكايىلىرىنى ھەمبەھرىلىدى، ئۆزئارا سوۋغا تەقدىم قىلدى.
«مەن دائىم چامباشچىلىقنى مەشىق قىلىمەن، بوكسىيورلۇقنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىمەن.» «مەنمۇ چامباشچىلىقنى ياخشى كۆرىمەن، چامباشچىلىق بەدەننى كۈچلەندۈرۈپ تەننى ساغلام قىلىپلا قالماي، يەنە مېنى جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.» قاراماي شەھەرلىك 16 ـ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى لى ۋېنبو پائالىيەت جەريانىدا بېيجىڭ شەھەرلىك 24 ـ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ليۇ گۇەنچېن بىلەن تونۇشۇپ قالدى، ئىككىيلەن قىزىقىشىنىڭ ئوخشاشلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۆزئارا ۋىيشىنىنى قوشۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن دائىم ئالاقىلىشىپ تۇرۇشقا كېلىشتى. «مېنىڭ بېيجىڭلىق دوستۇم بار بولدى» دېدى لى ۋېنبو خۇشال ھالدا.
پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆھبەتلىشىش بېيجىڭ، شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى جايدىكى «يېڭى دەۋر ياخشى ئۆسمۈرلىرى»گە يېقىن ئارىلىقتا چۈشىنىش، ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. شۇ كۈنى، قەشقەر 2 ـ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى دۇرخان لاچىن بېيجىڭ شەھەرلىك لۇشۈن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى جياۋ ياڭغا شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى، ئۆرپ ـ ئادەتلىرىنى ھەمبەھرىلىدى، خوشلىشىش ئالدىدا، دۇرخان يەنە جياۋ ياڭنى پۇرسەت بولسا چوقۇم شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭنىڭ قىزغىنلىقى ۋە جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.