گېزىتىمىز، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى ۋە مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، باش شۇجىنىڭ گۇاڭشىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلىرى باش مەمۇرلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى توغرىسىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە قىلىندى، شىنجاڭنىڭ دۆلەت تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى، ئاپتونوم رايونلۇق «ئىككى يىغىن»نىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىگە نەمۇنە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئالىي سىياسىي پىرىنسىپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، نەزەرىيەنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سىياسىي سەزگۈرلۈكنى ئاشۇرۇپ، خەلققە بەخت يارىتىدىغان سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە مۇجەسسەملەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، قاتتىق ئاساسىي رىتىم ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى باش تۇتقا قىلىش ئارقىلىق، «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى»دىكى تەجرىبىلەرنى ئۆگىنىپ، قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك رايونى قۇرۇشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ھوسۇل مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى ۋە يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇش كېرەك. يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى مەركىزىي ۋەزىپە قىلىپ، يېزا - كەنت خاس كەسىپلىرىنى زورايتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ۋە يېزا - كەنت ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گۇاڭشىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. باش شۇجىنىڭ لى جياچاۋ، خې يىچېڭنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، باش شۇجىنىڭ گەنسۇ لىنشيا ئوبلاستىنىڭ جىشىشەن ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەش توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى، ئۆگەندى، يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يەر تەۋرەش، ناچار ھاۋارايى قاتارلىق ئاپەتنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش كۈچلىرى، ماددىي ئەشيا قاتارلىق تەييارلىقلارنى ياخشى قىلىپ، مۇداپىئەلىنىش، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئاپەت ئەھۋالى، خەتەرلىك ئەھۋال يۈزبەرگەن ھامان، ۋاقتىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، بىر تەرەپ قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.
يىغىندا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دىققەتنى سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى خىزمىتىدىكى كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ دەل جايىدا كۈچەپ، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»نى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككى ساغلام»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭىچە ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. دىققەتنى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ئىسلام دىنىغا دائىر دىن ئىلمى ئىدىيەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ قوشۇن»نى ھەقىقىي كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا تېخىمۇ ياخشى يېتەكلەش كېرەك.
يىغىندا، شىنجاڭنىڭ دۆلەت تېرىلغۇ يېرىنى قوغداش ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ يىل شىنجاڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تۇتۇشتىكى ئاڭلىقلىق، قەتئىيلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باھالاشنىڭ «قوماندانلىق تايىقى» بولۇش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.
يىغىندا، ئاپتونوم رايوننىڭ «ئىككى يىغىن»ىغا تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىقنى تۇتۇش بىلەن تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى خىزمەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى سىستېمىلىق پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، خىزمەت ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ياخشى يىغىن ئىستىلى يارىتىپ، يىغىننى ئىتتىپاقلىشىپ غەيرەتكە كېلىدىغان، يول ئېچىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان يىغىن قىلىپ ئېچىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.