شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7 - يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان «<شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى>نى تەڭشەش لايىھەسى(لايىھە)»نى تەكشۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا قوشۇلدى. يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى»نى تەڭشەش لايىھەسىنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.
يىغىندا مۇنداق قارالدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، چىگىش، مۇرەككەپ بولغان دۆلەت ئىچى - سىرتى مۇھىتى ۋە مۈشكۈل، ئېغىر بولغان ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسىگە پائال يۈزلىنىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى، ئاساسلىق نىشان، نۇقتىلىق ۋەزىپە، مۇھىم قۇرۇلۇش قاتارلىقلارنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ئىلگىرىلىشى ئوڭۇشلۇق بولۇپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، خىزمەت سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك!