□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يەن شياۋتيەن
10 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 12 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايون پېشقەدەم كادىرلارنى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە ۋە ئۆگىنىشتە بولۇشقا تەشكىللىدى. ئۇلار شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، جىمىسار ناھىيەسىگە بېرىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش ھالىتىنى بىۋاسىتە ھېس قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات، يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ئالقىشلىدى.
شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا، پېشقەدەم كادىرلار شەرقىي جۇڭغار ئېنېرگىيە سارىيىغا كىرىپ، چۈشەندۈرگۈچىنىڭ چۈشەندۈرۈشى ئارقىلىق، ئىلگىرىكى چۆللۈكنىڭ ئىچكىرىسىنىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپلەرگە ئىگە ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى بولۇپ قەد كۆتۈرگەنلىكىدەك كۈرەش مۇساپىسى توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولدى، پاكىز ئېنېرگىيەنى ئېچىش، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى نەتىجىلەرنى چىن قەلبىدىن ئالقىشلىدى.
پېشقەدەم كادىرلار شىنجاڭ دۇڭفاڭ شىۋاڭ رەڭلىك مېتال چەكلىك شىركىتى بىناسىدىكى كۆرگەزمە زالىغا كىردى، يېڭى ماتېرىيال ئەۋرىشكىلىرى كۆزنى قاماشتۇراتتى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى، ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئۈسكۈنىلەر، سۈرەتلەر ۋە سىن كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق، بۇ كەسىپنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى ۋە نىشانى توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولدى، يېقىن ئارىلىقتا ئېكسكۇرسىيە ۋە ئۆگىنىشتە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ رەڭلىك مېتال كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچى يەنىمۇ ئاشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى مۇتەللىپ قاسىم مۇنداق دېدى: «بىز شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشنىڭ تېز سۈرئەتلىك يولغا كىرگەنلىكىنى، بولۇپمۇ كۆمۈر كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئۇزارتىلىپ، تۈجۈپىلەشتۈرۈلۈپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ، ئەڭ زور ئۈنۈمىنىڭ جارى قىلدۇرۇلغانلىقىنى كۆردۇق، بۇنىڭدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولدۇم».
شىنجاڭ تيەنچى ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى جەنۇبىي ئۈستى ئوچۇق كۆمۈركېنىدا، پېشقەدەم كادىرلار تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما ئىقتىساد كەسپىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ھەم كۆمۈرچىلىك كەسپىدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىستېما بەرپا قىلىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى سانائەت ئىقتىسادى، يېشىل كەسىپلەر تەرەققىياتىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى.
پېشقەدەم كادىرلار كۆمۈركاننىڭ زامانىۋىلاشقان ئاقىل كان قۇرۇلۇشىنىڭ پايدىسىدا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، 5G تورى، سانائەت ئالاقە تورى سۇپىسى تېخنىكىسىنى ئۈستى ئوچۇق كۆمۈركان قېزىش كەسپى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇش ئارقىلىق، ئىلگىرىكى «مەينەت، جاپالىق، خەتەرلىك، ئادەمنى چارچىتىدىغان» كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقى، بۈگۈنكى كۈندە ئورۇنلاشتۇرۇش - قوماندانلىق قىلىش مەركىزىدە تۇرۇپلا تاماملىغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى فۇ چياڭ مۇنداق دېدى: «بۇ كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم، شەرقىي جۇڭغار سانائەت باغچە رايونى ئۇزاق مەزگىل تىرىشىش ئارقىلىق ھازىر تەرەققىي قىلىپ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېنېرگىيە بازىسى بولۇپ قالدى. مەن شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل بايلىقلىرىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمەن، بۇنىڭغا قارىتا بىز تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە ئۈمىدكە ئىگە بولدۇق».
جىمىسار ناھىيەسىدە، پېشقەدەم كادىرلار يىپەك يولى بېيتىڭ قەدىمىي شەھىرى خارابىسى مۇزېيىدا ئېكسكۇرسىيەدە بولۇپ، بېيتىڭ قەدىمىي شەھىرى خارابىسىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش - ئېچىش، قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولدى. مۇزېيغا بېيتىڭ قەدىمىي شەھىرى خارابىسىدىن ھەمدە ئەتراپتىكى بىر قىسىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى نۇقتىلىرىدىن قېزىۋېلىنغان مۇھىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قويۇلغان بولۇپ، كەييۈەن تۇڭباۋ پۇلى، نېلۇپەرگۈلى چۈشۈرۈلگەن چاسا خىش، كاھىش بېشى، كاھىش قاتارلىقلار بار.
«يىپەك يولىدىكى بېيتىڭ قەدىمىي شەھىرى خارابىسى مۇزېيى مەۋقەنى بېيتىڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىگە قويۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بايلىقىنىڭ قىممىتى، ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە مەدەنىيەت ئامىلىنى چوڭقۇر قازدى، بۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەنلىكىنى ئىزاھلايدىغان مۇھىم دەرسلىك.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ما جيەنگو مۇنداق دېدى: «بۇ جايدا بىز جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدا بىر قېتىملىق جانلىق دەرس ئاڭلىدۇق. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى، بۇ تارىخىي پاكىتنى ھەرقانداق كىشى يوققا چىقىرىۋېتەلمەيدۇ».
پېشقەدەم كادىرلار بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ، بىر تەرەپتىن كۆرۈپ، بىر تەرەپتىن مۇزاكىرە قىلدى، ئىككى كۈن نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيەدە بولۇش ئارقىلىق، سانجى ئوبلاستىنىڭ سانائەت، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان ئۆزگىرىشلىرىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى، سانجى ئوبلاستىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشتى.
«بۇ بىرنەچچە كۈندە، بىز ئىزچىل چەكسىز ھاياجانلىق ھېسسىياتىغا چۆمدۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇردى.» ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق رەئىسى ئەسقەت كەرىمباي سانجى ئوبلاستىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، «شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ».