□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو
10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئىللىق قۇياش نۇرى ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ كوچىلىرىغا چۈشۈپ، كىشىلەر كۈز ئاپتىپىدىن ھۇزۇرلىنىۋاتاتتى.
ئەركەشتام پورتى باغچە رايونىدىكى مىرزاھىت دۇكىنىدا، ئانار جانىبېك مال جازىسىدىكى تاۋارلارنى ساناۋاتاتتى، ھەسەل، شاكىلات، ھەر خىل كەمپۈتلەر... ئورالمىلاردىكى قىرغىزىستان يېزىقى خېرىدارلارغا بۇ ماللارنىڭ قىرغىزىستاندىن كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى.
«ئىلگىرى مەن بىر ھەقىقىي چارۋىچى، شۇنداقلا بىر ئائىلە ئايالى ئىدىم، ھازىر كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مېنى <ئانار لوبەن> دەپ چاقىرىدىغان بولدى.» ئانارنىڭ چېھرىدە ئۆزىگە ئىشىنىش تەبەسسۇمى جىلۋىلەندى.
ئانارنىڭ ئۆيى ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ قىزىلئۆي يېزىسى ئىككتېرەك كەنتىدە بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئون كىلومېتىرمۇ كەلمەيدىغان بۇ كەنتنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3000 مېتىردىن ئاشىدۇ. مال بېقىش، يەر تېرىش، بالا بېقىش ئىلگىرى ئانارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارلىق مەزمۇنى ئىدى، ئائىلىسىدە ئەڭ كۆپ بولغاندا 21 قوي، ئالتە كالا باققانلىقى، بەش مو يېرىگە پەقەت بۇغداي، قوناق قاتارلىق زىرائەتلەرنىلا تېرىغىلى بولىدىغانلىقى، ھەر يىلى ئائىلە كىرىمىنىڭ پەقەت 40 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئىكەنلىكى ئۇنىڭ ئېنىق ئېسىدە.
ئىلگىرى ئانار بىر ئۆمۈر پەقەت مال - چارۋا، يەر بىلەنلا ھەپىلىشىپ ئۆتىمەن دەپ قارايتتى، ئىككى بالىسىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەڭ زور نىشانى ئىدى.
«نىمە؟ چەت ئەللىكلەر بىلەن سودا قىلامدىم؟ مەن چەت ئەل تىلىنى بىلمىسەم ھەم چەت ئەلگە چىقىپ باقمىغان تۇرسام، چوقۇم قىلالمايمەن». 2019 - يىلىنىڭ بىر كۈنى، ئەركەشتام پورتى باغچە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ كادىرلىرى كەنتكە كېلىپ چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرى سىياسىتىنى تەشۋىق قىلغاندا بۇ تەكلىپنى ئاڭلىغان ئانار بېشىنى توختىماي چايقىدى.
گەرچە ئۆزىنىڭ ئىشەنچى بولمىسىمۇ، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىلەن، ئۇ سىياسەت توغرىسىدىكى لېكسىيەنى يەنىلا ئەستايىدىل ئاڭلىدى. چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرىدا چەت ئەلگە چىقىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇ بىر ئاز قىزىقىپ قالدى. ئانار نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىگە ئوخشاش، بىر ۋاراق سىياسەت تەشۋىقات قەغىزىنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتتى.
بۇ ئىشنى قىلالارمەنمۇ؟ ئالدىنىپ قالارمەنمۇ؟ زىيان تارتىپ قالارمەنمۇ؟ بۇ سوئاللار ئۇدا نەچچە كۈن ھەمىشە ئانارنىڭ كاللىسىدىن ئەگىپ كەتمىدى، ھەتتا تاماق يېگەندىمۇ دىققىتى چېچىلىپ كېتەتتى. ئېرى ئۇنىڭ ئەس - ھوشىنى يوقاتقاندەك ھالىتىنى كۆرۈپ، قايتا - قايتا سورىغاندىن كېيىن، ئانار ئاندىن تەشۋىقات ۋەرەقىسىنى چىقاردى.
شۇ كۈنى ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن يېرىم كېچىدىن ئاشقىچە مەسلىھەتلىشىپ، ئاخىر سىناپ بېقىشنى قارار قىلدى. ئەگەر ياخشى قىلالىسا دۇكان ئاچىدىغان، ياخشى قىلالمىسا داۋاملىق قوي بېقىپ، يەر تېرىيدىغان بولدى.
دەككە - دۈككىگە چۈشكەن ئانار تەشۋىقات ۋەرەقىسىدىكى مەسلىھەت سوراش تېلېفونىغا تېلېفون قىلدى، ئەركەشتام پورتى باغچە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىدىكى خىزمەتچى خادىم ئۇنى باغچە رايونىدا كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلدى. خىزمەتچى خادىم ئانارغا سىياسەتلەرنى چۈشەندۈرگەچ، ئۇنى باشلاپ دۇكان ئاچقان چېگرا ئاھالىسىنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلىشقا ئېلىپ باردى، ئانار بارا - بارا بۇ ئىشنى قىلالايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.
ئەركەشتام پورتى باغچە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىدىكى خىزمەتچى خادىملار ۋە كەسىپداشلارنىڭ ياردىمىدە، ئانار يۈك مەيدانىدا تۇنجى قېتىم قىرغىزىستاندىن كەلتۈرۈلگەن ھەسەل ۋە شاكىلاتنى تاپشۇرۇۋالدى، ئويلىمىغان يەردىن سېتىلىش جەريانى ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق بولدى، ماللارنىڭ ۋىيشىن قالدۇق سوممىسىدىكى سانغا ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئانار خۇشاللىقىدىن خۇددى كىچىك بالىغا ئوخشاش يول بويى يۈگۈرگىنىچە ئۆيىگە بېرىپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىلەندى.
شۇنىڭدىن كېيىن، ئانار كالا قوتىنى، قوي قوتىنى بىلەن خوشلىشىپ، باغچە رايونىدا مىرزاھىت دېگەن نامدا دۇكان ئېچىپ، «لوبەن»گە ئايلاندى. ئۇنىڭ ئاچا - سىڭىلدەك يېقىن ئۆتۈدىغان دوستلىرى دۇكانغا نەرسە سېتىۋالغىلى كەلگەندە، ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ: «لوبەن بولسا قانداق بولىدىكەن؟» دەپ سوراپ قويىدۇ.
سودىسى بارا - بارا ياخشىلاندى، ئانار بىلەن ئېرى يەرلىرىنى ئوبوروت قىلىپ، قوي - كالىلىرىنى ئاتا - ئانىسىنىڭ ۋاكالىتەن بېقىشىغا بەردى. ئېرى چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرى سودا رايونىدىكى بىر پىششىقلاش زاۋۇتىدا ئامانلىق ساقلىغۇچى بولۇپ، دۇكاندا سودا ئالدىراش بولسىلا كېلىپ ياردەملەشتى، ئانار چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرىدىكى تىجارىتىنى پۈتۈن زېھنى بىلەن يۈرۈشتۈردى.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئانار «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ، تاۋارلارنى ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىشتا بېجىرىشكە تېگىشلىك رەسمىيەتلەرنى ئىگىلىدى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن قانداق ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپ چىقىدىغانلىقىنى بىلىۋالدى، يەنە رۇس تىلىدا ئاددىي پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئۆگىنىۋالدى. ئۇ شۇ جايدىكى خېلى نامى بار ئايال لوبەنگە ئايلاندى.
ھازىرغا قەدەر، ئەركەشتام پورتى چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرىدا بۇ يىل جەمئىي 1000 توننىدىن ئارتۇق تۈرلۈك تاۋار ئىمپورت قىلىندى، ئانارنىڭ ساتقىنىمۇ خېلى كۆپ بولدى.
سانلار تۇرمۇشتىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ يىل، ئانار بىلەن ئېرى ئۆيىنى ئېسىل بېزەتتى، يەنە يېڭى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشنى پىلانلىدى. «ھازىر ئائىلىمىزنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ 100 مىڭ يۈەنگە يېتىشىدە گەپ يوق، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.» ئانارنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشتى.